قان سالغاندا توغرا كەلتۈرۈپ سېلىش

قان ھايۋان ۋە ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ مەنبەسى. تېتىك ھەم ساغلام بىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق قاۋۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەدىنىدىكى قان ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمى چىقىپ كەتسە، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ. قان سېلىش(بېرىش) بىر ھاياتنى قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىم تەدبىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قان ھايۋان ۋە ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ مەنبەسى. تېتىك ھەم ساغلام بىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق قاۋۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەدىنىدىكى قان ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمى چىقىپ كەتسە، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدۇ. قان سېلىش(بېرىش) بىر ھاياتنى قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. 

    قان سېلىش ئارقىلىق بەزى كېسەللەر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ قان سېلىش تارىخىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئەگرى-توقايلىقلار بولغان. 1667

-يىلى فرانسىيىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا قانسىراش تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر ياش ياتاتتى. دوختۇر دېنس بىر قوينى تۇتۇپ كېلىپ، بىر تال ئىنچىكە كۈمۈش نەيچىنىڭ بىر ئۇچىنى قوينىڭ بويۇن ئارتېرىيىسىگە، يەنە بىر ئۇچىنى كېسەلنىڭ ۋېناسىغا كىرگۈزۈپ، قوينىڭ قېنىنى كېسەلنىڭ بەدىنىگە بىۋاسىتە كىرگۈزىدۇ. دېنسنىڭ ئىلمىي بولمىغان بۇ خىل قان سېلىش ئۇسۇلى تەلەيگە يارىشا كېسەلنىڭ سالامەتلىكىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. لېكىن، دېنس مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باشقا كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ كۆپى ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ئۆلۈپ قالىدۇ. دېنس بۇ ئوخشاشلا قىزىل قان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن قان بەرگەندە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ ئېسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەجرىبىسى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، يەنى سوت مەھكىمىسى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۇنى تۈرمىگە تاشلايدۇ. 

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ۋېنا پاتولوگىيىلىك ئاناتومىيە جەمئىيىتىدىكى ياش ياردەمچى ۋراچ(دوختۇر) كارل. لاندستاينېر قان سېلىشنىڭ سىرىنى ئېچىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ ئاۋۋال قان سېلىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن بىرقانچە كېسەلنى ئوغرىلىقچە ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ بەزى جايلىرىدا قان لەختىلىرى(قان ئۇيۇتمىسى) شەكىللىنىپ قان ئېقىمىنى توسۇۋالغانلىقىنى بايقايدۇ ھەمدە بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى ئېلىپ نومۇر قويۇلغان پروبىركىلارغا ئايرىم-ئايرىم سېلىپ ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەجرىبە قىلىدۇ. نەتىجىدە بەزىلىرىنىڭ دەرھال ئۇيۇپ قالىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئوبدان ئارىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. لاندستاينېر قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئاخىر OBA قان تىپلىرىنىڭ سىرىنى تېپىپ، قان سېلىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدۇ. لاندستاينېرنىڭ مېدىتسىناغا قوشقان بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن1930-يىلى نوبېل مۇكاپاتى باھالاپ تەستىقلاش كومىتېتى ئۇنىڭغا فىزىئولوگىيە-مېدىتسىنا جەھەتتە نوبېل مۇكاپاتى بېرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#