رەيھان ئۇرۇقى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. رەيھان ئۇرۇقى ()
  2. رەيھان ئۇرۇقى (ئۆسۈملۈك)

رەيھان ئۇرۇقى

رەيھان ئۇرۇقى

رەيھان ئۇرۇقى بولسا سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك رەيھاننىڭ ئۇرۇقى بۇلۇپ،كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئىچىنى قاتۇرۇش رولىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى رەيھان ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى شاھ سغرەم ئۇرۇقى
ئىنگلىزچە basil Seed
تونۇش سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك رەيھاننىڭ ئۇرۇقى
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 罗勒子
پارسچە نامى بەزۇرۇل رەيھان
ئوردۇچە نامى تۇخۇمى رەيھان، تۇلىسى كى بىج
تەمى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك رەيھاننىڭ ئۇرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رەيھان ئۇرۇقىرەيھان ئۇرۇقى بولسا كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك رەيھاننىڭ ئۇرۇقى بۇلۇپ،ئۇرۇقى تۇخۇم شەكىللىك، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۈل رەڭگە مايىل قوڭۇر ياكى قارا رەڭدە بولىدۇ. سەل پارقىرايدۇ،. 9- ئايلاردا ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. يەنە ھىندىستان، ئافرىقا، ئەرەبىستان، برازىلىيە قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ،.

 يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئىچىنى قاتۇرۇش.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

 ئۇرۇقى تەركىبىدە تەخمىنەن %8 كۈل ماددىسى، %16.40 ئاقسىل، %16.80 ماي، %24.14 تالا، %23.3 كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بار. ئۇرۇقىنىڭ يېغـىـدا %3.31 پالـمېـتـىك كـىسلاتـا، %6.4 قـاتتـىـق كـىسلاتاسـى، %15.4ياغ كىسلاتاسى،% 56.03 لىنول كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

رەيھان ئۇرۇقى1. رەيھان ئۇرۇقىدىن 10 گرام، ئەرەب يېلىمى7 گرام. سوقۇپ تالقانلاپ ئىچسە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. رەيھان ئۇرۇقى، پەرەنجىمۇشكى، لاچىندانە، سۇنبۇل قاتارلىقلار 10 گرامدىن. چايلىق تەييارلاپ ئىچسە،  يۈرەك ۋە مېڭىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۇرۇقى

مىقدارى

1 ~3 گرام

ساقلاش 

قۇرۇتۇپ، قۇرغاق، سايە جايدا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ناۋات، مەرزەنجۇش

ئورۇنباسارى

كىنوچە ئۇرۇقى، چاققاق ئوت ئۇرۇقى.

رەيھان شەربىتى، سوفۇپى رەيھان.

كېسەللىك مىسالى

يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

~3 گرام

用量

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=298

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=298

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#