CDMA

Code Division Multiple Adress-CDMA دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «كودنى كۆپ ئادرېسقا بۆلۈش» دېگەن مەنىدە. 

ئۇيغۇرچە نامى كودنى كۆپ ئادرېسقا بۆلۈش
چەتئەلچە نامى Code Division Multiple Access(CDMA)
كەسپى ئالاقە تېخنىكىسى
خەنزۇچە نامى 码分多址
قىسقارتىلما نامى CDMA

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

Code Division Multiple Adress-CDMA دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «كودنى كۆپ ئادرېسقا بۆلۈش» دېگەن مەنىدە. بۇ FDMA (كېڭەيتىلمە مودۇلياتسىيەلەش) شەكلىدىكى كۆپ ئادرېسلىق ئۇلاش تېخنىكىسى، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولغاچقا يېشىل تور ساغلام ئالاقە دەپ ئاتىلىدۇ.

1. چاستوتا بەلۋېغى كەڭ، كاشىلىغا قارشى تۇرۇشى ياخشى.

ئادەتتىكى FM (چاستوتىنى مودۇلياتسىيەلەش) شەكلىدىكى كۆنەكسىمان كۆچمە تورنىڭ چاستوتا بەلۋېغى تار (30KH2) بولغاچقا كۆپ قاناللىق سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنلىرى ئاسانلا بىر-بىرىگە نىسبەتەن كاشىلىلىق خوراشنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق CDMA نىڭ نىسبەتەن كەڭ بولغان  1.25MH2 لىق چاستوتا بەلۋېغىدا ۋاقىت، چاستوتا  ۋە بوشلۇق جەھەتتىكى پەرقلەر روشەن ئايرىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. چاستوتا پەرقى بولسا سىگنال قۇۋۋىتىنى نىسبەتەن كەڭ بەلۋاغقا كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بوشلۇق پەرقى مۇنۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىدۇ: (1) ئاساسى پونكىت ئانتېنناسى ئارقىلىق كۆچۈرۈۋېلىش قوللىنىلىدۇ. (2) كۆپ خىل سىگنال بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى قوللىنىلىدۇ. (3) بىرلا ۋاقىتتا كۆچمە تېلېفون ۋە قوشنا ئىككى ئاساسى پونكىت ئانتىنناسىغا ئۇلاش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. 

2. قوش يۆلىنىشلىك قۇۋۋەت كونتروللايدۇ. 

مەلۇمكى، كۆچمە ئالاقە توغرىسىدا ئوخشىمىغان ئورۇندىكى سىگنال كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ئاساسەن قۇۋۋەت كونتروللاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا قۇۋۋەت كونتروللاش ئىقتىدارى كۆچمە تېلېفوننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى. ئادەتتىكى كۆنەكسىمان توردا قوبۇللانغان سىگنالنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ئاساسەن مەزكۇر تېلېفون قۇۋۋەت كونتروللايدۇ. بۇ ئارقىلىق تېلېفوننىڭ ئىشلەش ھالىتى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك ھالەتتە بولۇپ رادىئاتسىيەسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىر يەرلىك ئىستانسا دائىرىسىدىكى ھەر بىر تېلېفونغا تېگىشلىك تونۇش ئۇچۇرى يوللاپ ۋە قوبۇل قىلىش قوبۇللانغان ئۇچۇر بىلەن ئالدىن بەلگىلەنگەن قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ، تېلېفوننىڭ ھالىتى ۋە ئورنىنى كۆزىتىدۇ. مەسىلەن: تېخنىكا كۆرسەتكۈچ بويىچە ھەر 5 مىكرو سېكۇنتتا (ھەر سېكۇنتتا 800 قېتىم) تېلېفونغا قارىتا قۇۋۋەت ئاشۇرۇش ياكى كىچىكلىتىش بۇيرۇقى يوللاپ تۇرىدۇ.  

3. مەخپىيەتلىكى يۇقىرى. 

نىسبەتەن كەڭ چاستوتا بەلبېغىدا سۆزلىشىش ئۇچۇرىنى كېڭەيتىش ۋە قايتىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەر بىر ئاۋاز كودىغا مەخپىي شىفىر قوشۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قوبۇللىغۇچنى ئىزدەپ تېپىش ۋە كودىنى يېشىش ناھايىتى قىيىن بولۇپ، قانۇنسىز ئاڭلاش ياكى تاۋۇش قوشۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. 

4. ئىستانسا ئالمىشىشى جانلىق. 

كۆنەكسىمان تورنىڭ ئىستانسا ئالمىشىش ئىقتىدارى دېگىنىمىز، ئابونت سۆزلىشىۋېتىپ ئورۇن يۆتكەپ ئەسلىدىكى سىگنال رايونىدىن يەنە سىگنال رايونىغا كىرگەندە سۆزلىشىش ھالىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم يەرلىك ئىستانسىغا يېڭى چاستوتا قوشۇلسا، دەرھال شۇ چاستوتىنى ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولمىسا تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. CDMA دا نۇرغۇنلىغان زاپاس چاستوتا تەقسىملىنىشى بولۇپ، يېڭى چاستوتىنى ئېچىش ھاجەتسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەش ھالىتىدىكى ئىستانسا بىلەن ئىشلەش ئالدىدىكى ئىستانسا  سۆزلىشىشنى ئالماشتۇرۇشقا تەڭلا قاتنىشىدۇ، سۆزلىشىشنى ئالماشتۇرۇش كېيىنكى ئىستانسا ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئالدىنقى ئىستانسا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ- دە، بارلىق ئىستانسىلارنىڭ ھەممىسى توسالغۇسىز يېڭى ئىستانسا بولالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.

5. سىغىمى چوڭ. 

كۆنەكسىمان كۆچمە ئالاقە تورىدا سىغىم (سۆزلىشىش قانال سانى) ئابونتنىڭ سانى ۋە مۇلازىمەت دەرىجىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە CDMA نىڭ ئابونت سىغىمى (قانال سانى) جـانلىق ئـورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: ئالدىراش (يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانال سانى توشقان) ۋاقىتلاردا ئاپتوماتىك مەشغۇلات سىستېمىسى سۆزلىشىش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن شارائىتتا قانال سانىنى مۇناسىپ كۆپەيتىدۇ. ئادەتتە ئىقتىدار ئالماشتۇرۇشنى قوللاش شەرتى ئاستىدا %40 ئەتراپىدىكى نورمال قانال سانى كۈتۈش ھالىتىدە بولۇپ قانال كەملىك سەۋەبتىن ئۇلانماسلىق كۆرۈلمەيدۇ.

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#