دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
3-دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسى(SAWT) پاكىستانلىق مەشھۇر ئالىم پروفېسسور سالام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1983-يىلى قۇرۇلغان، ئۇ3-دۇنيا ئالىملىرى قۇرغان، سىياسىيدىن، ھۆكۈمەتتىن خالىي ۋە تىجارەت تۈسىنى ئالمىغان ئىلىم-پەن تەشكىلاتى.
مەزكۇر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ئالىملار. 1989-يىلغا قەدەر ئېلىمىزدىن ئاكادېمىكلىققا سايلانغان مەشھۇر ئالىملاردىن دىڭ گويۈ، لۇ جياشى، فېڭ دېپېي، سۇن خۇڭليې، جۇ جېندا، چېن جۇڭۋېي، جۇ گۇاڭجاۋ، جاۋ جۇڭشيەن، جياڭ بوجۈ، تەن جياجېن، خۇاڭ كۈن، لياڭ دۇڭسەي، زېڭ چېڭكۈي، لياۋ شەنتاۋ ۋە دۇنيادىن ئۆتكەن خۇالوگېڭ، شيا نەي قاتارلىقلار بار.
1984-يىلى9-ئايدا، كانادا خەلقئارا تەرەققىيات تەشكىلاتى ئۇنىڭغا50 مىڭ كانادا دوللىرى ماددىي ياردەم بەرگەن؛ 1984-يىلى10-ئايدا ئىتالىيە ھۆكۈمىتى500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، 3-دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەتلىرى قانات يايغان. ئۇنىڭ نىشانى تەرەققىي قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەت ئالىملىرى ياراتقان يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تېگىشلىك ھۆرمەتكە ۋە ئېتىراپقا ئېرىشتۈرۈش، ئىلمىي ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىنسانلارنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
3دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسى3-دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئاكادېمىيە باشلىقى، ئۈچ مۇئاۋىن باشلىق، بىر نەپەر كاتىپ، خەزىنىدار ۋە بىر نەپەر مەمۇرىي كاتىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ ۋە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىغىنىدا ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ.
3-دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىغىنى ئىككى يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ، 3-قېتىملىق يىغىن 1989-يىلى كولومبىيىدە چاقىرىلغان.
1987-يىلى9-ئايدا بېيجىڭدا 3-دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ2-قېتىملىق يىغىنى چاقىرىلىپ، تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان50 نەچچە دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقلىرى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىرى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن جەمئىي400 نەچچە ئادەم قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان 4 ئالىمغا 3 -دۇنيا ئىلىم-پەن مۇكاپاتى تارقىتىلدى. جۇڭگودىن ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ مۇتەخەسسىسى جاۋ جۇڭشەن، ھىندىستاندىن ۋىسۋامىت، مىسىردىن ھەسەن ۋە برازىلىيىدىن پېختو، ئايرىم-ئايرىم ھالدا، فىزىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ماتېماتىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.