چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش

چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش

ھاۋا ئالمىشىش ناچار بولغان مۇھىتتا تۇغۇتلۇق ئايال بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق ياخشى تارقىلىپ كېتەلمەي، ئىسسىق ئۆتۈپ كەتسە، بۇ چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 产褥中暑

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەزى ئاياللار چىللە مەزگىلىدە شامال تېگىشتىن قورقۇپ ئىسسىق شارائىتتىمۇ قېلىن كىيىنىپ، قېلىن يوتقانلارنى يېپىنىپ ئىسسىق ياتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئادەتتە ئادەملەرنىڭ نورمال تېمپىراتۇرىسىنىڭ تەڭشىلىشى بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشىگۈچى مەركىزى نېرۋىنىڭ باشقۇرىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈش، چېچىلىش، پارغا ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇسۇلدا بەدەندىن ئىسسىقلىق تارقىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ھاۋا تېمپىراتۇرىسى بەدەن تېمپىراتۇرىسىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆتكۈزۈش، تارقىتىش توختاپ قېلىپ، ئاساسلىق تەر بەزلىرى ۋە نەپەس ئارقىلىق پارغا ئايلىنىپ ئىسسىقلىق تارقىتىلىدۇ. پارغا ئايلىنىش ئاتموسفېرانىڭ نىسپىي نەملىكى ۋە ئاتموسفېرا ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاتموسفېرانىڭ نىسپىي نەملىكى زورىيىدۇ. ئاتموسفېرا ئۆزگەرمىگەن چاغدا پارغا ئايلىنىشىمۇ ئوڭايلىقچە ئېلىپ بېرىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىقلىق بەدەن ئىچىگە يىغىلىپ قېلىپ، بەدەن تېمپىراتۇرىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە سۇ، تۇزلارنىڭ ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەركىزى نېرۋىغا تەسىر يېتىپ بىر قاتار كىلنىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش ۋە قىزىتمىنى خاتا ھالدا شامالداپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭلاشقا تۇغۇتتىن كېيىن شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەتتا يازنىڭ قاتتىق ئىسسىق كۈنلىرىدىمۇ ئىشىك-دەرىزىلەرنى چىڭ ئېتىپ قويۇپ، ئۆزىنى چىڭ ئورىۋالىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى يەڭنىڭ ئۇچى، ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنىمۇ چىڭ بوغىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چىللىدە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىسسىق كۈنلەردە نېپىز كىيىنىش، ياتقان ئۆينىڭ ھاۋاسى ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ تەرلەپ، ئۇسساپ كەتكەندە قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك.

سىرتقى ھاۋا تېزلىكتە يۇقىرى كۆتىرىلىپ، نەملىك ئاشقاندا كېسەل پەيدا بولۇپ، كېسەل جىددى قوزغىلىپ، كۆپ ئۇسسايدۇ. كۆپ سىيىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، بېشى قايىدۇ. ماغدۇرسىزلىنىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەگەر ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ئازراق دەم ئېلىپ، سۇ ۋە تۇزنى تولۇقلىسىلا، كېسەللىك ئالامەتلىرى تېزلىكتە يوقىلىدۇ. بۇ چاغدا بىرتەرەپ قىلىنمىسا، بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ، چىرايى قىزىرىپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ئېغىرلىشىدۇ، تېرىسى قۇرۇپ قىزىيدۇ، تەر توختاپ، ئىسسىق قاپلاپ كېتىدۇ. ئەگەر يەنىلا بىرتەرەپ قىلىنمىسا تېمپىراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەپ ℃42 دىن ئاشىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھۇشىدىن كېتىدۇ، جۆيلۈيدۇ، تارتىشىپ قالىدۇ، قۇسىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، چىرايى سارغىيىپ كېتىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە سوقىدۇ. قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. كۆز قارچۇغى كىچىكلەيدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلمىسا بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا نەپەس ئېلىش ئاجىزلاپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. تېمپىراتۇرىسى زىيادە ئۆرلەپ كەتكەن ھەمدە بۇ ئەھۋال ئۇزاققىچە داۋاملاشقانلاردىن ھايات قالغۇچىلار بولسىمۇ، مەركىزى نېرۋا زەخمىلەنگەنلىكتىن، ئېغىر ھالدا ئاسارەتلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.

تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىسسىق مۇھىت ۋە كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شۇنداقلا تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرىدىن توڭۇش ھېس قىلماسلىق، ئىسسىقلىق توختاپ قېلىش، تېرىسى قىزىق بولۇش، لېكىن تەرلىمەسلىك قاتارلىقلارغا ھەمدە يۇقۇملىنىش تارىخىنىڭ بولماسلىقىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ.

چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈشنى چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشتىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈش كېسەللىك سەۋەبى، كىلنىك ئالامەتلىرى ۋە بىرتەرەپ قىلىش جەھەتلەردىن چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشتىن پەرقلىنىدۇ. چىللە مەزگىلىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش بولسا، مۇھىت تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بىماردا جىددى كېسەللىك ئۆزگىرىش كۆرىلىپ كۆپ ئۇسسايدۇ. كۆپ سىيىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، بېشى قايىدۇ. ماغدۇرسىزلىنىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ئازراق دەم ئېلىپ، سۇ ۋە تۇزنى تولۇقلىسىلا، كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلەيدۇ. لېكىن چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش مۇھىت تېمپىراتۇرىسى بىلەن مۇنداق زىچ باغلىنىشلىق بولمايدۇ. مۇھىت ئۆزگەرگەندىمۇ كېسەللىك ئالامىتى يېنىكلىمەيدۇ.

بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى دەرھال چۈشۈرۈش ھەمدە قوشۇلۇپ كەلگەن باشقا كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئالدى بىلەن بىمارنى دەرھال يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مۇھىتتىن ئايرىش، شارائىتقا ئاساسەن ئىمكان قەدەر تېزلىكتە تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. يەنى لۆڭگىنى ياكى داكىنى مۇز سۈيى بىلەن ئىسپرتقا ياكى سىركىگە چىلاپ، پۈتۈن بەدەننى سۈرتۈش ھەمدە شامالدۇرغۇچ ياكى يەلپۈگۈچ بىلەن يەلپۈش، بەدىنىگە ھۆل لۆڭگە يېپىش، باش، بويۇن، قولتۇق، يېرىق قىسىملىرىدىكى چوڭ قان تومۇر رايۇنلىرىغا مۇز خالتىسى ياكى سوغۇق سۇ خالتىسى قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە سوغۇق سۇ بىلەن ھەمەل قىلىش، سۆگەت يوپۇرمىقىنى سۇغا چىلاپ بەدىنىگە چېپىش ياكى ئاق سەندەلنى سىركىگە سۈرۈپ سۈرتۈش ھەمدە بىمارغا تۇز قوشۇلغان چاي ياكى قايناقسۇ ئىچكۈزۈش، لېكىن سوغۇق ئۆتكۈزگەندە ئۆپكىگە سوغۇق يەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆكرەك ساھەسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش لازىم. يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن تېمپىراتۇرىسى يەنىلا تۆۋەنلىمىسە ياكى يەنە يۇقىرىلاپ كەتسە ئىچىدىن دورا ئىچكۈزۈپ داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەببى بىنەفشە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 دانە، نىلۇفەر شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 100 مىللىلىتىر، بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 100 مىللىلىتىر، تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 100 مىللىلىتىر ۋە باشقا قىزىتما قايتۇرغۇچى كاشكاپلار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 100 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ. ئەگەر قان بېسىمى تۆۋەنلەپ 80 ~ 90  مىللىگىرام دىن تۆۋەنلەپ كەتسە قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىدىغان دورىلار بېرىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا تىنچلاندۇرغۇچى ۋە ئۇخلاتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. نەپىسى ئاجىزلاشقان بولسا، يۈرەك زەئىپلەشكەن بولسا ياكى مېڭىدە سۇلۇق ئىششىق بولغان بولسا شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىش لازىم.

بۇ كېسەلگە سەل قاراپ دەرھال بىرتەرەپ قىلمىغاندا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ ياكى ساق قالغۇچىلاردا مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى زەخمىلەنگەنلىكتىن ئېغىر ھالدا ئاسارەت قالىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#