پىل
پىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ئۇزۇن تۇمشۇقلۇقلار ئەترىتى پىل ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، ئاسىيا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدە توپلىشىپ ياشايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ئۇزۇن تۇمشۇقلۇقلار ئەترىتى پىل ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، ئاسىيا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدە ياشايدۇ. دەرەخ يوپۇرماقلىرى، مېۋە ۋە ئوت - چۆپلەرنى يېمەكلىك قىلدۇ. پىل كۆپ خىل ياشاش مۇھىتىدا توپلىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ. ئەركەك پىللار ئاندا - ساندا يالغۇز ياشايدۇ . ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ، ئوزۇقلۇق قۇبۇل قىلىش مىقدارى ئىنتايىن كۆپ ، كۈنلۈك ئوزۇقلۇق مىقدارى تەخمىنەن 225 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ. پىللارنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 100 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرەلايدىغان بولۇپ ، ھايۋانلار ئارىسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى ھېېسابلىنىدۇ. بەزى پىل ئىنسانلار تەرىپىدىن بېقىلىپ ئۆي ھايۋانلىرى دەپ قارىلىدۇ. پىل چىشى ئىزچىل ھالدا داڭلىق ئويمىچىلىق ماتېرىيالى بولۇپ، باھاسى قىممەت بۇلۇپ، قالايمىقان ئوۋلىنشىمۇ ئۇلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى.
پىلنىڭ خارتۇمى پەقەت نەپەسلىنىش ۋە پۇراش ئەزاسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، پىل يەنە خارتۇمى بىلەن سۇ ئىچىدۇ، ئوت-چۆپ يۇلىدۇ، يوپۇرماق ئۈزىدۇ، ئۆزىگە سۇ پۈركۈپ يۇيىنىدۇ؛ بالىلىرىنى خارتۇمدا كۆتۈرۈپ <<ئۆي>> ىگە ئېلىپ كېتىدۇ؛ نەرسىلەرنى يۆتكەيدۇ؛ ئۇرۇشقاندا كۈشەندىلىرىگە خارتۇمى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ؛ خارتۇمى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ خەۋەر يەتكۈزىدۇ، مەشىق قىلدۇرغان پىل ھەتتا خارتۇمى بىلەن ئېغىز گارمۇنى چالالايدۇ. شۇڭا، پىلنىڭ خارتۇمى ھەممىگە قادىر قورال بولۇپ، كۆپ خىل ئىقتىدارىغا ئىگە ئەسلىدە پىلنىڭ ئۇزاق خارتۇمى 40 مىڭغا يېقىن ئېلاستىك مۇسكۇلدىن تۈزلگەن بۇلۇپ، ئۇزىراپ -قىسقىراپ، تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ.
پىلنىڭ ئۇزۇن بۇرنى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم ھەرىكەتچان بولۇپ ، چوڭ ياغاچلارنى ناھايىتى ئاسانلا يۆگەپ تۇتالاپلا قالماستىن ، كىچىك ئوت - چۆپلەرنىمۇ يالماپ ئالالايدۇ . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.