نورىس ئىمپېرىيەسى

نورىس ئىمپېرىيەسى (9-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە) ياۋروپادىكى نورىسلار يۇنان، رىم، كىلىتلار بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى مۇستەقىل مەدەنىيەت تىپى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نورىس ئىمپېرىيەسى (9-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە) ياۋروپادىكى نورىسلار يۇنان، رىم، كىلىتلار بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى مۇستەقىل مەدەنىيەت تىپى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياۋروپانىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخىدىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك نورىسلارنىڭ ئەۋلادىدىن تارقالغان.

نورمانلار گېرمانلارنىڭ شىمالى تارمىقى بولۇپ، شوتلاندىيە، سىكاندىنوۋىيەنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئولتۇراقلاشقان ئىدى. گېرمانلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى بولغان گوتلارنىڭ بىرىنچى قېتىم كۆچۈپ مىلادى 4-ئەسىردە غەربى رىم ئىمپېرىيەسىنى ۋەيران قىلىپ كېيىنكى ئىسپانىيە ۋە كارولىن ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمدارلار سىنىپىنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغىنىدىن كېيىن  ۋە 5-6-ئەسىرلەردە گېرمانلارنىڭ ئوتتۇرا تارمىقى بولغان ئانگىلو-ساكسونلارنىڭ ئەسلىدە كىلىتلارنىڭ زىمىنى بولغان بۈيۈك بىرىتانىيە ئارىلىغا كۆچۈشىدىن كېيىنكى كېڭىيىشى بولۇپ كۆپىنچە ياۋروپادىكى ئىككىنچى كۆچۈشنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىدۇ. 

بېلىقچىلىق، كانچىلىق ۋە دېڭىز قاراقچىلىقى نورىسلارنىڭ ئاساسى كەسپى ئىدى. نورىسلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئىپتىدائىي دىنى ياۋروپادىكى باشقا رايونلار خىرىسىتان دىنىنى قوبۇل قىلىپ بولغاندا يەنىلا ياۋروپانىڭ شىمالى رايونلىرىدا ھۆكۈمران ئورۇندا بولغاچقا، ياۋروپالىقلار خىرىستان دىنىنىڭ رەھىمدىل بولۇش ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندا نورىسلار ئۆزىنىڭ توقماق كۆتىرىۋالغان يەكچەشمە سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئىلاھى تورىسقا ئېتىقاد قىلىۋاتقان بولۇپ بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز قاراقچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى كەسىپ ئۇلارنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا ناھايىتى پىششىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

ياۋروپانىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى قىسمى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقاندا بۇلاڭچىلىقنى شەرەپ دەپ قارايدىغان نورىسلار بايلىق قوغلىشىپ پۈتكۈل بالتىق دېڭىزىدىن تارتىپ ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىغا قەدەر بولغان زىمىندا نورىسلارنىڭ ئايىقى تەگمىگەن يەر قالمىغان.

9-ئەسىردە نورىسلارنىڭ دانىيەلىكلەرنى ئاساس قىلغان  بىر تارمىقى بىرىتانىيە ئارىلىغا بېسىپ كىرىپ ئۇ يەردىكى ئانگىلو ساكسون ۋە كىلىت خەلقلىرىنى بويسۇندۇرغان. 

911-يىلى يەنە نورىسلارنىڭ بىر ھەربى قوماندانى بولغان روللو تاجاۋۇز قىلىپ فرانسىيەنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى سىنا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنى بېسىۋالغان. كارولىن ئىمپېرىيەسىمۇ دەتالاش قىلىپ يۈرمەي روللونى نورماندىيە كېنەزى قىلىپ تەيىنلىگەن. نورماندىيە كېنەزىنىڭ فىرانسۇزلىشىپ كەتكەن كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئەنگلىيەنى بېسىۋېلىپ ئۇ يەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھۆكۈمرانى بولۇپ كەلمەكتە.

نورىسلارنىڭ يەنە بىر قوماندانى روبېر گىسكال دېڭىز بويلاپ جەنۇپقە يۈرۈپ ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرگەن ۋە ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىپ نىئاپۇل دۆلىتىنى قۇرغان، كېيىن يەنە ئەرەبلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ سىتسىلىيەنى ئىشغال قىلغان، ئۇنىڭ ئەۋلادىلىرى كېيىنكى ئىسپانىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان.

نورىسلارنىڭ شەرققە قاراپ يۈرگەن يەنە بىر قوشۇنىنىڭ قوماندانى دىيۇرىك شەرقى سىلاۋيانلارنى بويسۇندۇرۇپ نوۋگورد كېنەزلىكىنى قۇرغان ۋە كېيىنكى چاررۇسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالدى.

قىسقىسى نورىسلار 860-يىلى ئىسلاندىيەنى، 983-يىلى گىرىنلاندىيەنى بويسۇندۇرغان، مىڭىنچى يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە شىمالى ئامېرىكا دېڭىز قىرغانلىرىغا كېلىپ بۇ يەرگە يېڭى فىنلاندىيە ئارىلى دەپ نام بەردى(بۇ نام ھازىرمۇ كانادانىڭ بىر ئۆلكىسىنىڭ نامى). 

نورىسلار ھەققىدە قالدۇرۇلغان خاتىرىلەر بەك ئاز بولغانلىقتىن 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، ئىسلاندىيەلەردىن تۈزۈلگەن كارمان ئىتىپاقى قۇرۇلغانلىقىدىن باشقا  ئىمپىرىيەنىڭ قۇرۇلغان كونكىرت ۋاقتى ۋە ياكى ئىمپىراتۇرلار ھەققىدىكى خاتىرىلەر ئېنىق ئەمەس. ئەممە ئۇلارنىڭ كونكىرت بىر پادىشاھنىڭ كونتىرۇللىقىدا ئەمەس بەلكى بىر نەچچە قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىتىپاق شەكلىدە ئىمپېرىيەنى كېڭەيتىپ ماڭغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. 

گەرچە نورىسلارنىڭ بويسۇندۇرغان زىمىنى شۇنچە چوڭ بولسىمۇ نوپۇسى بەكلا ئاز بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى قوماندانلارنىڭ باش-باشتاقلىقى ۋە ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى تۈپەيلىدىن نەچچە ئەسىرگە بارمايلا يەرلىك مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما دېڭىز قاراقچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئادەت ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ياۋروپاغا تارقالغان، ياۋروپانىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھادىسى شەكلىللىنىپ خىرىستان دىنىغا يېڭى ئويلىنىش ئېلىپ كەلدى ۋە يېڭى قان بىلەن تولۇقلىنىپ ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ ئويغىنىشغا تۈرتكە بولغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#