- جىگدە (خام دورا)
- جىگدە (ئۆسۈملۈك)
جىگدە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، مەنىينى تۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
بۇ ئۆسۈملۈك چېچەكلىگەندە چېچىكىنى، مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
جىگدىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئىسسىقتىن بولغانزۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بەدەننى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كېسەللىكى، مەنىي تۇتالماسلىق، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. جىگدە چېچىكىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە ئاجىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىگدىنىڭ شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، مەنىي تۇتالماسلىق، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.