قەغەز بادام

قەغەز بادام

قەغەز بادام ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ، يىڭىشەھەر ، قاغىلىق ، پوسكام ، يەكەن ، يىڭسار ناھىيىلىرىدىن ، شۇنىڭدەك خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ . 

ئۇيغۇرچە نامى قەغەز بادام
خەنزۇچە ئاتىلىشى 薄壳巴旦

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەغەز بادامقەغەز بادام تۈرىنىڭ چىچەكلەش مەزگىلى بالدۇر ، چېچىكىنىڭ رەڭگى ئاق ، ئاتىلىق ئانىلىقلىرى تەڭ ئۇزۇنلۇقتا ئۆسىدۇ . مېۋىسى بالدۇر پىشىپ يىتىلىدۇ شاكلى نېپىز ۋە ئارا نېپىز دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ ، ئۇرۇقچە گىرۋەكلىرى ئاسان ئاجرايدۇ ، ئادەتتە چىش ياكى قول بىلەن ئازراق بېسىپلا چېقىپ يىيىشكە بولىدۇ ، ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ ئەڭ نېپىز بولغانلىرى 0.06 - 0.1 سانتىمېتىر ، ئارا نېپىز شاكاللىرىنى بولسا 0.11 - 0.15 سانتىمېتىر ، مېغىزى ئالاھىدە تاتلىق . مېغىز چىقىش نىسبىتى ھەرقاسى سورتلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ . 

ئادەتتە شاكىلى ئەڭ نېپىز بولغانلىرىدىن % 77 كىچە ، ئارا شاكاللىق سورتلىرىدىن %58 - 37 كىچە مېغىز ئېلىشقا بولىدۇ ، مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال ، يىراققا يۆتكەشكە ۋە ئۇزاق ساقلاشقا چىدامسىز.

قەغەز بادام يۇمشاق پوستىلىق قەغەز بادام ۋە نىپىز پوستىلىق تاتلىق بادام دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ . 

يۇمشاق پوستىلىق تاتلىق بادام تۈرلىرى  

قەغەز بادامكىچىك يۇمشاق پوستىلىق بادام ( ئامانىتا، قەغەز پىستە بادام ) ؛

قوش مىغىزلىق يۇمشاق پوستىلىق بادام ( قوشماق قەغەز بادام ) ؛

ئۇچلۇق سېرىق بادام ( قەغەز بادام ) ؛

ئۇزۇن تۇمشۇق بادام ( قەغەز بادام ) ؛

پىستە بادام ( قەغەز پىستە بادام ) ؛

ھاڭگا بادام ( گۈل بادام ) ؛

نېپىز پوستىلىق تاتلىق بادام تۈرلىرى

قەغەز بادامبالدۇر پىشار نېپىز پوستلۇق بادام ( چوققا بادام ) ؛

قوش مېغىزلىق نېپىز پوستلۇق بادام ؛

ئاق نېپىز پوستلۇق بادام ( ئاق قەغەز بادام ) ؛

سېرىق نېپىز پوستلۇق بادام ( سېرىق قەغەز بادام ) ؛

كىچىك نېپىز پوستلۇق بادام ( كىچىك بادام ) ؛

چىلگە نېپىز پوستلۇق بادام ( كىچىك چىلگە بادام ) ؛

ئورغاق بادام ؛

ئاق ئۇزۇنچاق بادام ( ئاق سوقا بادام ) ؛

كەنجى نېپىز پوستلۇق بادام ( جاغدا قەغەز بادام )؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#