بۆرەك سانجىقى
ئادەتتە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى تاش چۈشۈشنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تۇيۇقسىز قوزغالغان بۆرەك رايونىدا قاتتىق ئاغرىش، ئۆتكۈر يۈرەك سانجىقىنىڭ كۆپىنچىسى تاش چۈشۈش سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى سۈيدۈك نەيچىگە تاش چۈشۈش يۈز بېرىدۇ، شۇڭا ئاتالمىش بۆرەك سانجىقى ئەمەلىيەتتە زور بىر قىسمى سۈيدۈك نەيچىسى مۇجۇپ ئاغرىش بولىدۇ. بۆرەك سانجىقى ئايرىم كېسەل ئەمەس.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۆرەك سانجىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۆرەك تېشى، بۆرەك ياللۇغى ۋە بۆرەك ساھەسىدە قۇرۇق يەل يىغىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بۆرەك ساھەسى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىش، بەزىدە ئاغرىق دوۋسۇن ۋە يىرىقغىچە تارقىلىش، چىڭقىلىش، بەزىدە ئاغرىق بىردەم بوشاپ، بىردەم كۈچىيىش، ئېغىرلىرىدا ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
بۆرەك سانجىقىتەركىبى: جۇۋىنە، ئارپىبەدىيان، زىرە، سەۋزە ئۇرۇقى، باش پىياز ئۇرۇقى، بۇغا مۈڭگۈزى پاراشوكى، رۇم بەدىيان ئالتە گىرامدىن، سىپار بەش گىرام، جويۇز، نېپىز دارچىن، ئاق سەندەل تۆت گىرامدىن، سۇمبۇل ھىندى، سىيادان ئالتە گىرامدىن، قىزىلگۈل 10 گىرام، مەستىكى رۇمى ئالتە گىرام، قەلەمپۇر، قاقىلەكبار تۆت گىرامدىن، ئاقىرقەرھا، ئودخام ئۈچ گىرامدىن، زەپەر ئىككى گىرام، پىننە ئالتە گىرام، ئىپار بىر گىرام، قەنت بىر ھەسسە، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: زەپەر، ئىپاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن قەنتنى قىيام قىلىپ، ئاۋۋال زەپەرنى، ئاندىن ئىپارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن باشقا دورىلارنى قوشۇپ يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: قىزىلگۈل، ئارپىبەدىيان، بەدىيان يىلتىزى پوستى، زىرە، بىخ كەبىر، قاراكۆز بەدىيان ئۇرۇقى، سۇزاپ ئۇرۇقى 30 گىرامدىن، بەزرۇلبەنجى ئۇرۇقى 45 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ، ئاندىن سۈيى تۈگەپ خېمىر ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىپ، قۇستە يېغىدىن 50 گىرام قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم بۆرەك ئۇدۇلىغا سىرتتىن چېپىپ تېڭىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.