زەرەپشات يېزا توققۇزمەت باشلانغۇچ مەكتەپ

 يەكەن ناھىيە ئارىسلانباغ يىزا توققۇزمەت كەنتىگە جايلاشقان باشلانغۇچ مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توققۇزمەت باشلانغۇچ مەكتەپ 1976-يىلى يەكەن ناھىيە ئارىسلانباغ يىزا توققۇزمەت كەنتى لوڭخۇي مەھەللىسىگە 3 سىنىپلىق 93 ئوقۇغۇچىسى بارئوقۇتۇش نۇختىسى بولۇپ قۇرۇلغان، مەكتەپنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمى كۆلەم 480 كۇۋادىرات مېتىر،قۇرلۇش كۆلەم 120 كۇۋادىرات مېتىر، شۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى خىزمەتچى 5 نەپەر، بۇنىڭدىن ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئادەم 3 نەپەر، پارتىيە ئەزاسى 3 نەپەر، ئارىسلانباغ يىزىسى بىلەن بولغان ئارلىقى 18 كىلومىتىر، مەكتەپ شارائىتى ناچار ئىدى، مەبلىغى يوق. 1976-يىلدىن 1986-يىلغىچە ئارىسلانباغ گۇڭشىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولۇپ ئەمەر قادىر،ئابدىللا نۇرۇللا، ئابدىرىشىت ئىلى قاتارلىقلارنىڭ مۇدىرلىقىدا ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتى ئىلىپ بىرىلغان، بۇ جەرياندا مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن، غوجامەت روزى، ناھيىلىك رادىيو-تىلىۋىزىيە مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى. مىنەۋۋەر نۇرمەت، سىتنىسا رۇسۇل، ‹‹گۇلنىسا ئىمىن، مەمەتنۇرمەت، ئانايىت ھېبى (ئۈلۈپ كەتكەن)›› پىشقەدەم مائارىپچىلار ئارىسلانباغدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

1986-يىلى6-ئايدا ئارىسلانباغ گۇڭشىسىدىن 6 سىنىپ 252 ئوقۇغۇچى 10 نەپەر ئىشچى خىزمەتچى بىلەن زەرەپشات تاجىك مىللى يېزىسىىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن بولۇپ، 1986-يىلدىن 1995-يىلغىچە، مەكتەپنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 1657 كۇۋادىرات مىتىر، قۇرلۇش كۆلىمى746 كۇۋادىرات مىتىر بولغان بولۇپ، مەكتەپ شارائىتى ناچار ئىدى. بۇ ۋاقىتتتىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى ئابدىرىشىت ئىلى، ئابدىۋايىت نىياز، تۇرسۇن ئەمەر، ئانايىت ھېبى قاتارلىقلارنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرى ئىلىپ بىرىلغان. 1995-يىلدىن 2005-يىلغا كەلگەندە مەكتەپنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 7831 كۇۋادىرات مىتىر، قۇرلۇش كۆلىمى 1031 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ سىنىپ سانى7 گە ئوقۇغۇچى سانى 263 كە ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى سانى 8 گە، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدىنىيەت سەۋىيەسىدىكىلەر7 نەپەرگە  يەتكەن بولۇپ پارتىيە ئەزاسى 6 نەپەر بولغان.

2005-يىلدىن 2013-يىلغىچە مەكتەپنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 8031 كۇۋادىرات مىتىر، قۇرلۇش كۆلىمى 1031 كۇۋادىرات مىتىر، سىنىپ سانى 7، ئوقۇغۇچى سانى 259 نەپەر، ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى 15 نەپەر بولۇپ ئەرلەر 9 نەپەر، ئاياللار 6 نەپەر، ئۇيغۇر مىللىتىدىكلەر 12 نەپەر، تاجىك مىللىتىدىكىلەر 3 نەپەر، پارتىيە ئەزاسى 13 نەپەر، يىزىلىق ھۆكۇمەت بىلەن بولغان ئارلىقى 9 كىلومىتىر بولۇپ خىزمەت شارائىتى، ئىختىسادى ئەھۋالى ياخشى. 2014-يىلغا كەلگەندە يۇقۇر دەرجىلىك ئورۇنلارنىڭ كۆڭۇل بۆلىشى، يىزىلىق پارتىكۇم ھۆكۇمەتنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن مەكتەپنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 9831 كۇۋادىرات مىتىر، قۇرلۇش كۆلىمى 1181 كۇۋادىرات مىتىر، سىنىپ سانى8، ئوقۇغۇچى سانى 296 نەپەر، ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى 17 نەپەر بولۇپ، ئەرلەر 10 نەپەر، ئاياللار 7 نەپەر، ئۇيغۇر مىللىتىدىكىلەر 15 نەپەر، تاجىك مىللىتىدىكىلەر 2 نەپەر، ياش قۇرۇلمىسى جەھەتتە 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلار 5 نەپەر، 31 ياشتىن 40 ياشقىچەبولغانلار 6 نەپەر،41 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغانلار 5 نەپەر، 51 ياشتىن يۇقۇرلار 1 نەپەر. مەدىنىيەت سەۋىيە جەھەتتە: تولۇق كۇرۇس مەدىنىيەت سەۋىسىدىكىلەر 2 نەپەر، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنىيەت سەۋىسىدىكىلەر 12 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدىنىيەت سەۋىيسىدىكىلەر 3 نەپەر. كەسىپ قۇرۇلمىسى جەھەتتە: قوش تىل ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى 4 نەپەر، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى 3 نەپەر، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى 1 نەپەر، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى 1 نەپەر، ئىنۋان قاتلىمى جەھەتتە ئالى دەرىجىلىكلەر 3 نەپەر، 1 دەرجىلىكلەر 7 نەپەر، 2 دەرجىلىكلەر 5 نەپەر، ئىشچى ئىشتاتتىكىلەر ئىككى نەپەر بولۇپ يۇقۇرنىڭ كۆڭۇل بولىشى بىلەن 6 سىنىپ، سىنىپ كىزەر ئوقۇتۇش ئۇسكىنىسى سەپلەندى. مەكتەپ قۇرۇلغان يىقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئابدىرىشىت ئېلى، ئانايىت ھېبى، ئابدىۋايىت نىياز، تۇرسۇن ئومەر، ئابدىسەمەت ھوشۇر، ئاناگۇل قادىر، تۇرسۇن مەمەيىم قاتارلىق 7 نەپەر كىشى رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدىرىشىت ئىلىنىڭ تۆھپىسى ئەڭ كۆپ بولغان. 1986-يىلدىن بىرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن ئابلەت ھىسامىدىن، تۇرسۇنجان ئابدىرۇسۇل قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق كىشى ھەر ساھە ھەر كەسىپلەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

مەكتىۋىمىز 1986-يىلدىن ھازىرغىچە ناھيىلىك پارتىكۇم تەشكىلات بۆلۇمى تەرپىدىن 2 قىتىم ئىلغار پارتىيە ياچىكىسى، ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرپىدىن 5 قىتىم ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ، زەرەپشات يىزىلىق پارتىكۇم، خەلق ھۆكۇمىتى تەرپىدىن  12 قىتىم ئىلغار پارتىيە ياچىكىسى، 10 ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ، بولۇپ باھالىنىپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. 2014-يىلى زەرەپشات يىزىلىق پارتىكۇم خەلق ھۆكۇمىتى تەرپىدىن مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك كوللىكتىپ دىگەن شەرەپكە ئىرىشكەن.1986-يىلى بىلەن ھازىرقى تەرەققىياتنى سىلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە مەكتەپ كۆلىمى ئەسلىدىكىدىن  %95 كۆپەيگەن. قۇرلۇش كۆلىمى ئەسلىدىكىدىن  %90.5  كۆپەيگەن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئەسلىدىكىدىن  % 70.6 كۆپەيگەن، سىنىپ سانى 5 ئى ئىشىپ ئەسلىدىكىدىن %62.5 كۆپەيگەن، ئوقۇغۇچى سانى203 ئى ئىشىپ  %68.6 كۆپەيگەن، پارتىيە ئەزاسى سانى10 ئى ئىشىپ ئەسلىدىكىدىن % 77 كۆپەيگەن، مەكتەپ بىلەن يىزىنىڭ ئارلىقى ئەسلىدىكىدىن %60 قىسقارغان.

مەكتىپمىز ھازىر 2016-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە  9831 كىۋدىرات مىتر ئومومىي  كۆلەم، 1181 كىۋادىرات مىتر قۇرۇلۇش كۆلەم، 10 ئوقۇتۇش سىنپى، 310 نەپەر ئوقۇغۇچى، 16 نەپەرئوقۇتقۇچى ئىشچى- خىزمەتچى، يۈرۈشلەشكەن سىنىپ كىزەر ئوقوتۇش ئۈسكۈنلىرى، خەلقئاراتور، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۆي، ئوقوغۇچىلار ئاشخانسى تەجىربىخانا، مۇزىكا، قاتارلىق ئىقتىدار پەنلىرى ئوقۇتۇش ئۆيلىرى، زامانىۋى ئوقۇتۇش شارائىتى، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە ئىگە بولغان ، يېزىمىز تەۋەسدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىچىدە ئوقوغۇچى سانى ئەڭ كۆپ ، ئىجتىمائي ۋە تەبىئي مۇھىتى گۈزەل بولغان كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن تەربيلەش ئۈچۈن تىنىمىسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان سوتسىيالستىك تەلىم- تەربىيە بازىلىرىنىڭ بىرىدۇر!

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#