پائول گاۋگىن
پائول گاۋگىن مىلادى 1848- يىل 6- ئاينىڭ 7-كۈنى فىرانسىيە پارىژدا تۇغۇلغان، فىرانسىيەلىك داڭلىق رەسسام، فرانسىيە كېيىنكى تەسىراتىزم رەسسامى، ھەيكەلتىراش، ۋانگوك بىلەن، سېزان ھەمدە پائول گاۋگىن كېيىنكى تەسىراتىزم ئۈچ چوڭ پېشۋاسى دەپ ئاتىلىدۇ، ھازىرقى زامان رەسساملىق تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رەڭلەر دۇنياسىدىكى پېشۋا پائول گاۋگىن (Paul Gauguin 1848-1903) فىرانسىيەلىك داڭلىق رەسسام. 1848-يىلى6-ئاينىڭ 7-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا تۇغۇلغان، 1903- يىلى تىنچ ئوكياندىكى ماركىز تاقىم ئاراللىرىدىكى ئاتۇئونا ئارىلىدا ۋاپات بولغان.
گاۋگىن ئىلگىرى-كېيىن فىرانسىيەنىڭ غەربىدىكى برېتان يېرىم ئارىلى، تاشىت ئارىلىرىغا بارغان. ئارالدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش شەكلى ئۇنى ئۆزىگە قاتتىق مەپتۇن قىلغان، ئۇ شۇ سەۋەبلىك پارىژدىكى راھەت تۇرمۇشى ۋاز كېچىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇ يەردە ياشىغان. گوگىن تاشىت ئارىلىدا، مەنزىرە ۋە پورتېرت سىزىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن خەلق رىۋايەتلىرىگە ئاساسلىنىپ بىر تۈركۈم ئىجادىيەت ئىشلىگەن.
1873 - يىلى گاۋگىن رەسىم سىزىشنى باشلىغان، ھەمدە رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلىغان، گاۋگىن تەسىراتچىلىق ئېقىمغا ۋارىسلىق قىلىپ، فىرانسىيە سەرسانلىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن سەنئەت ئىسلاھاتچىسى. ئۇ ئىلگىرى باي ئاكسىيە ۋاسىتىچىسى بولۇپ، پىكاسسو ۋە تەسىراتچىلار ئېقىمدىكى رەسساملار بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن قولىغا رەسىم قەلىمى ئالغان ھەم يۇقىرى كىرىملىك خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ رەسساملىققا زور ئىشتىياق باغلىغان.
گاۋگىننىڭ تاشىت ئارىلى تېمىسىدىكى ئەڭ نادىر ئىجادىيەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭ جەھەتتە ماھارەتتە توشقانلىقنىڭ بىر يۈكسەك نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۇرمۇشنى چىن ئىپادىلەشنى قوغلاشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى رەڭلەر بىلەن گىرەلىشىش ئاساسىدا ئۆزگىچە بىر ئالەم ياراتقان.
گاۋگىننىڭ مەنزىرە ئىجادىيەتلىرىمۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن رەسساملارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىسى بولغان. گاۋگىن ئۆزنىڭ رەڭدىكى خاسلىقنى تېنىچ جىسمىلارغىمۇ ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، تەسىراتىزمنىڭ تەسىرىنى دۇنياغا كەڭ يايغان.
1883 - يىلى كەسپىي رەسسام بولغان،ئىلگىرى بىر تۈركۈم پىشمىغان ياش رەسساملارنى يىغىپ پونت ئاۋان رەسساملىق ئېقىمىنى قۇرغان.
1895 - يىلى كېيىن ، سالامەتلىك سەۋەبىدىن ۋە ئىقتىسادىي قوللاش ئۈزۈلۈپ قالغان، روھىي زەربىگە ئۇچىرىغان.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.