بېنجامىن تومپسون

بېنجامىن تومپسون

بېنجامىن تومپسون 1753-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شتاتىدا تۇغۇلغان. ئائىلىسى كەمبەغەل بولغانلىقتىن كۆپ ئوقۇيالمىغان. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بېنجامىن تومپسون
باشقا نامى رۇنفورد
يۇرتى ماسساچۇسېتس شتاتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1814-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 本杰明·汤普森
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1753-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى
كەسپى فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېنجامىن تومپسون1753-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكىدىكى ماسساچۇسېتس شتاتىدا تۇغۇلغان. ئائىلىسى كەمبەغەل بولغانلىقتىن كۆپ ئوقۇيالمىغان. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1776-يىلدىن كېيىن، ئۇ ياۋروپاغا بارغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيەلەردە تۇرغان. ئۇ ئەنگلىيىدە سېرسېكۋىر بىلەن تونۇشۇپ، بۇ سېرنىڭ ياردىمى بىلەن، ئىلمىي تەتقىقات ئىشىغا كىرىشكەن.

بېنجامىن تومپسون 1814-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى 61 يېشىدا پارىژدا ۋاپات بولغان.   

بېنجامىن تومپسون ئالدى بىلەن سۇيۇقلۇقنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان. «كونۋېكسىيە» دېگەن ئاتالغۇنى ئەنە شۇ رۇنفورد ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ گېرمانىيىدىكى باۋارىيىدە چوڭ زەمبىرەك ياساشقا نازارەتچىلىك قىلغاندا، ئىككى ئات بىلەن بۇرغىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ زەمبىرەكنىڭ كانىيىنى بۇرغۇلاۋېتىپ، 12.07 كىلوگىرام سۇنىڭ ئىككى سائەتتە نۆل گىرادۇستىن قايناش نۇقتىسىغا يەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ مۇشۇ ھادىسىگە ئاساسەن، سۈركىلىشتىن ئىسىقلىق ھاسىل بولۇش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ چاغدىكى «ئىسىقلىق ماددىسى» تەلىماتىغا قارشى چىقىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە قىلىپ، ئاخىرى مۇنداق يەكۈننى چىقىرىدۇ. «بۇنداق سۈركىلىشتىن ھاسىل بولغان ئىسىقلىق، بۇرغۇلاشنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىغى ياكى چوڭ-كىچىكلىگى بىلەن مۇتلەق تاناسىپ بولالمايدۇ، لېكىن سەرپ بولغان مېخانىك ئىش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ياكى ئوڭ تاناسىپقا يېقىن تاناسىپ بولىدۇ.» مۇشۇ ئاساستا، ئۇ بۇ كەشپىيات توغرىسىدا ماقالە يېزىپ ئەنگلىيە پادىشاھلىق ئىلىم-پەن جەمئىيىتىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ياندۇرقى يىلى، خېمىك دېۋىدىمۇ ئۇنىڭكىدىن ئانچە پەرق قىلمايدىغان بىر تەجرىبىنى قىلىدۇ. دېۋىد قاتتىق توڭلاپ كەتكەن ئىككى پارچە مۇزنى بىر-بىرىگە سۈركەيدۇ، بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن، مۇز ئېرىيدۇ. دېۋىد بۇ تەجرىبىدىن: «مۇزنىڭ ئېرىشى سۈركىلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇز مالىكۇلىلىرىغا ئۆتكەنلىگىدىن بولغان» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. بۇ ئىلمىي يەكۈن بېنجامىن تومپسون يەكۈنىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەپ بېرىدۇ.

كېيىن بېنجامىن تومپسون يەنە ئوپتىكا جەھەتتىكى تەجرىبىنى ئىشلەيدۇ. ئۇ ئىككى يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ زىچلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، ئىككى چىراقنىڭ يورۇغىنى تامغا چۈشۈرىدۇ، ئىككى يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ئالدىغا بىر تال تاياقنى تىكلەپ قويىدۇ. بۇ چاغدا تامغا ئىككى تاياقنىڭ كۆلەڭگۈسى چۈشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ئىككى بولغانلىقى ئىدى. بېنجامىن تومپسون يەنە ئىككى چىراقنىڭ ئارىلىقىنى تەڭشەيدۇ، ئىككى چىراقنىڭ يورۇقلۇغىنى ئوخشاش قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ تام بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئارىلىقنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئىككى يورۇقلۇق كۈچىنىڭ سېلىشتۇرمىسى بولىدۇ. بۇنداق قۇرۇلما بېنجامىن تومپسون فوتومېتىر دەپ ئاتىلىدۇ، فوتومېتىرنىڭ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشى بېنجامىن تومپسوننىڭ ناھايىتى زور شان-شەرىپى. [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#