مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسى

مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسى 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 66-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
ھۆججەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 66-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区旅馆业治安管理实施细则
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ تەپسىلىي قائىدە مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، مېھمانخانا ۋە مېھمانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە گوۋۇيۈەننىڭ «مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە «باشقۇرۇش چارىسى»دېيىلىدۇ) ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايون چېگرىسى ئىچىدە مېھمان قوندۇرۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مېھمانخان، رېستۇران، ئالىي مېھمانخانا، مېھمان كۈتۈش (ئورگانلار، تەشكىلاتلار، كوللېكتىپ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ سىرتقا ئېچىلغان مېھمان كۈتۈشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىش باشقارمىسى، سېتىۋېلىش پونكىتى، دەڭ، ئىستىراھەت كەنتى، ساناتورىيە، مۇنچا ۋە ماشىنا توختىتىش ئورۇنلىرى (تۆۋەندە بىردەك مېھمانخانا دېيىلىدۇ) مەيلى دۆلەت ئىگلىكىدىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى ياكى شېرىكچىلىكتىكى، يەككە ئىگىلىكتىكى، چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى، چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى، چەت ئەل مەبلىغى مۇستەقىل ئىگىلىكىدىكى بولسۇن، مەيلى مەخسۇس ياكى قوشۇمچە بولسۇن، مەيلى دائىملىق ياكى پەسىللىك بولسۇن ھەممىسى مۇشۇ تەپسىلىي قائىدىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم.

3-ماددا مېھمانخانا تىجارىتىدە تۆۋەندىكى بىخەتەرلىك شەرتلىرىنى ھازىرلاش شەرت:

(1) ئۆي-ئىمارىتى پۇختا بولۇش، ئۇنۋېرسال ئىمارەتنىڭ مېھمانخانا قىسمى بىلەن باشقا قىسىمىنىڭ ئىشىكى ئايرىم بولۇش، ئىمارەت بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) ئىشىك، ئۆتۈشمە يول، لېفىت ۋە پەلەمپەيلىرى تولۇق ھەم راۋان بولۇش، بىخەتەرلىك، ئوت ئۆچۈرۈش، تازىلىق ئەسلىھەلىرى ۋە ئەسۋەبلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(3) يەر ئاستى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدىن پايدىلنىپ ئېچىلغان مېھمانخانىلاردا ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھاۋا مۇداپىئە تارمىقى بەرگەن ئىمارەت بىخەتەرلىكىنى باھالاش گۇۋاھنامىسى بولۇش ھەمدە ياخشى ئۆتۈشمە يوللىرى، شامال يوللىرى ۋە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى بولۇش، ئىككىدىن ئارتۇق ئىشىكى بولۇش؛

(4) زۆرۈر بولغان ئوغرىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بولۇش، مېھمانلارنىڭ پۇل-مېلىنى ساقلاش ئۆيى، نەق پۇل ۋە قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان بىخەتەر ئىشكاپى بار بولۇش، چوڭ ، ئوتتۇرا مېھمانخانىلاردا سىگنال بېرىش ئەسۋابى بولۇش؛

(5) بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك قىشلىق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى بولۇش؛

(6) مېھمانخانا ئورنى بىلەن ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ۋە باشقا خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت، ئامبار قاتارلىق ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ئارىلىقى قالدۇرۇلغان بولۇش؛

(7) 100 دىن ئارتۇق كارىۋىتى بار چوڭ، ئوتتۇرا مېھمانخانىلاردا بىخەتەرلىك قوغداش ۋە بىخەتەرلىك قوغداش خادىملىرى بولۇش.

4-ماددا مېمانخانا ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئورۇنلار ئاچىدىغىنى مەسئۇل تارماقنىڭ تەستىقلىغان ئىسپاتىنى، شېرىكلىشىپ ئاچقۇچىلار ياكى شەخسىي ئاچقۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە ئىش باشقارمىسى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى ج خ ساقچىخانىسىغا يازما ئىلتىماس سۇنىدۇ، ناھىيلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) ج خ ئورگىنى تەستىقلاپ، «ئالاھىدە كەسپ ئىجازەتنامىسى» بېرىدۇ.ئىلتىماس قىلغۇچى ئىجازەتنامىنى ئېلىپ شۇ جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن تىجارەت كىنشكىسى ئېلىپ، ئاندىن ئىش باشلايدۇ.

ج خ ئورگىنى مېھمانخان ئېچىش بىخەتەرلىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىگە ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر ۋاقتىدا يازما تۈزىتىش پىكرىنى بەرسە بولىدۇ:تۈزەتكەندىن كېيىن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە «ئالاھىدە كەسپ ئىجازەتنامىسى » بېرىش لازىم. مېھمانخانا ئېچىش «ئالاھىدە كەسىپ ئىجازەتنامىسى» ئالمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مېھمانخانا ئېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-ماددا مېھمانخانا ئىش باشلىغاندىن كېيىن، ئىش توختىتىش، كەسىپ ئۆزگەرتىش، قۇشۇۋېتىش، كۆچۈش، نامىنى ئۆزگەرتىش، ئىجارىگە بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللاربولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ 3كۈن ئىچىدە شۇ جايدىكى ناھىيلىك ( شەھەرلىك، رايونلۇق) ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ، مۇناسىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى لازىم.

6-ماددا مېھمانخانىلار ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا شۇ جايدىكى ناھىيلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) ج خ ئورگىنىغا بېرىپ، «ئالاھىدە كەسىپ ئىجازەتنامىسى»نى تەكشۈرتۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى شەرت، سۈرۈك ئىچىدە ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن تەكشۈرۈتمىگەنلەر ياكى بىخەتەرلىك شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن تەكشۈرۈلمىگەنلەرنىڭ داۋاملىق مېھمانخانا ئېچىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7-ماددا مېھمانخانا ئېچىشتا قونغۇچىلارنى تىزىملاش، ئىشىك بېقىش، دىجورنى تۇرۇش، پۇل-مال ساقلاش ۋە ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىش قاتارلىق ئامانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ھەمدە ج خ ئورگىنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «كىم تىجارەت قىلسا، شۇ مەسئۇل بولۇش» پرىنسىپى بويىچە تۈرلۈك ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداش شەرت.

8-ماددا مېھمانخانىلار قونغۇچىلارنى ج خ ئورگىنى تەلەپ قىلغان تىزىملاش مەزمۇنى بويىچە تىزىملىشى، تىزىملاشقا مەخسۇس ئادەم قويۇشى، مېھمانلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە كۈچكە ئىگە باشقا ئىسپاتلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى شەرت. تىزىملاش دەپتىرى 3 يىل ساقلانغاندىن كېيىن، كۆيدۈرۋېتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرا سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنى قوندۇرىدىغان مېھمانخانىلار قونغۇچىلارنى تىزىملاش جەدىۋىلىنى 24سائەت ئىچىدە شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىغا يوللىشى كېرەك.

9-ماددا مەملىكەت ئىچىدىكى مېھمانلار مېھمانخانىدا قونسا، ئاھالە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى ھەربىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك، گۇۋاھنامىسى يوقلار ج خ ئورگىنى كۆرسەتكەن مېھمانخان ياكى ئۆيدە قونىدۇ. بىر ئائىلە تەۋەلىكىدە بولمىغان قۇرامىغا يەتكەن ئەر-ئايالنىڭ بىر ئۆيدە قونۇشى قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ.

10-ماددا چېگرا سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن مېھمانخانىدا قونۇشى شەرت:

چەت ئەللىكلەر ئىناۋەتلىك پاسپورت ياكى تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى، ئېچىۋىتىلمىگەن جايلاردىكى مېھمانخانىلاردا قونغاندا ساياھەت گۇۋاھنامىسىنىمۇ كۆرسىتىشى كېرەك؛

شىياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار شىياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار يۇرتقا قايتىش گۇۋاھنامىسى ياكى شىياڭگڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارچېگرىدىن كىرىش-چىقىش خېتىنى كۆرسىتىدۇ؛

تەيۋەنلىك قېرىنداشلار تەيۋەن ئاھالىسى چوڭ قورۇقلۇق يول خېتىنى كۆرسىتىدۇ؛

چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ۋەتەنگە قىسقا مۇددەتلىك كەلگەنلىرى ئىناۋەتلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى پاسپورتى، ئىناۋەتلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش  گۇۋاھنامىسى ياكى ئىناۋەتلىك چېگرىدىن كىرىش-چىقىش ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.

11-ماددا مېھمانخانىلاركۆرۈشكىچىلەرنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم. ياتاققا كىرىپ مېھمان بىلەن كۆرۈشىدىغانلارنى مېھماننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ كىنىشكىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن كۆرۈشتۈرۈش لازىم.

مېھمانخانىلار مېھمانخانا ئۆيلىرىنى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشقا ياكى سودا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا ئىجارىگە بەرگەندە، شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا مېھمانخانا مېھمانلار ساقلاشقا بەرگەن پۇل-مالنى ساقلاشقا مەخسۇس ئادەم قويۇشى، تىزىملاش تاپشۇرۇۋېلىش، قايتۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى لازىم.ساقلىغۇچىلار ساقلاتقىلى بەرگەن پۇل-مالنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، خەتەرلىك، چەكلەنگەن، گۇمانلىق نەرسىلەر بارلىقىنى سەزگەندە ج خ ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

13-ماددا مېھمانخانىنىڭ مېھمانلار ئۇنتۇپ قالغان نەرسىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىشگە ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئۇنى بىر-بىرلەپ تىزىملاپ، ئوبدان ساقلاپ، ئامال قىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇش ياكى كېلىپ ئېلىۋېلىشىغا خەۋەردار قىلىشى لازىم:خەۋەر قىلىنىپ 3ئايغىچە ئىگىسى كېلىپ ئالمىسا، تىزىملاپ شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ تېپىۋالغان ماللار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.ئۇنتۇلۇپ قالغان مۇھىم ھۆججەت، خەتەرلىك، چەكلەنگەن ۋە گۇمانلىق نەرسىلەرنى دەرھال ج خ ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

14-ماددا مېھمانخانا مەسئۇللىرى ۋە خادىملىرى تۆۋەندىكى ئامانلىق ساقلاش مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىپ، مېھمانخانا ۋە مېھمانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت:

(1) دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ قانۇن-نىزام، قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەربىلەن شۇغۇللانماسلىق؛

(2) مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك-ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداش؛

(3) دېلۇ، ھادىسە يۈز بەرسە، دەرھال شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىش؛

(4) ج خ ئورگىنىنىڭ دېلۇ سادىر قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈش، كونتىرول قىلىش ۋە زاڭ مال ئاختۇرۇشىغا پائال ھەمكارلىشىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەر ياكى گۇمانلىق ئادەملەرنى بايقىغان ھامان ج خ ئورگىنىغا دوكلاپ قىلىش؛

(5) مېھمانلارغا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ۋە مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى پائال تەشۋىق قىلىش.

15-ماددا مېھمانخانا خىزمەتچىلىرى مېھمانلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى سەزگەندە دەرھال ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك:

(1) قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسا ياكى جىنايەت گۇماندارى بولسا؛

(2) ج خ ئورگىنى تۇتۇش ھەققىدە ئېلان چىقارغان جىنايەتچى بىلەن بوي-تۇرقى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئادەم ياكى ئېلىۋالغان نەرسىلىرى ج خ ئورگىنى ئۇمۇمىي ئېلان چىقىرىپ ئىزدەۋاتقان زاڭ مال بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى سەزگەندە؛

(3) ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن كىنىشكىسى بولسا ياكى كىنىشكىدىكى تەقى-تۇرقى ۋە چىراي شەكلىگە ماس كەلمىسە؛

(4) قۇرۇق تونۇشتۇرۇش خېتى، تامغا ياكى كۆپ پۇلى، بېلەت ۋە قىممەتلىك نەرسىلىرى بولسا، مېڭىش-تۇرۇشىمۇ گۇمانلىق بولسا؛

(5) قورال-ياراغ ئېلىپ يۈرگىنى تەقى-تۇرقىغا ماس كەلمىسە؛

(6) باشقا گۇمانلىق ھەرىكىتى بولسا.

16-ماددا مېھمانلار قونغاندا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

(1)قونۇشقا تىزىملاتقاندا، سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئۆزلىكىدىن كۆرسىتىپ، بەلگىلەنگەن تىزىملاش تۈرلىرى بويىچە ئەينەن تىزىملىتىشى، مېھمانخانىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى، مېھمانخانا ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىشى لازىم؛

(2) ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك نەرسىلىرى ۋە كۆپ مىقداردىكى پۇللىرىنى مېھمانخانىنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە تاپشۇرۇش ياكى بانكىغا ئامانەت قويۇش لازىم؛

ھەربيلەر، ساقچىلار ۋە ئەدلىيە خادىملىرى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئېلىۋالغان قورال-ياراغ ۋەمۇھىم ھۆججەتلەرنى شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنى ياكى ھەربىي ئىشلار تارمىقىنىڭ ساقلاپ بېرىشگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى زۆرۈر بولسا، ياخشى ساقلاپ، يىتتۈرۈپ قويماسلىقى ، ئوغرىلىتىپ قويماسلىقى لازىم؛

(3) ھاراق ئىچىپ چاتاق چىقىرىش. ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش ياكى ئاۋاز ياڭراتقۇ ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ خىزمىتى ياكى ئارام ئېلىشغا تەسىر يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ؛

(4) ياتاققا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توك ئۇلاش ياكى توك ئوچاق، گاز ئوچاق قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

(5) ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، چىرىتىشچان، رادىئوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇملار ۋە تىزگىنلىنىدىغان تىغ سايمانلارنى مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

(6) ئۆزى بىلگەنچە باشقىلارنى قوندۇرۋېلىش، ياتاق ئالماشتۇرۇۋېلىش ۋە كارۋاتنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛

(7) ج خ خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ئاڭلىق ماسلىشىپ، ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلىش، ج خ خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش.

17-ماددا ج خ ئورگىنىنىڭ مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇشتىكى مەسئۇليىتى:

(1) مېھمانخانىنىڭ قانۇنىي تىجارىتى ۋەھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، مېھمانخانا ۋە مېھمانلارنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۈز قىلدىغان، مېھمانلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە پۇل مېلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛

(2) مېھمانخانىنىڭ تىجارەت باشلاش، توختىتىش قاتارلىق ئىشلىرىنى تەستىقلىتىش، ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش ئارخىپى تۇرغۇزۇش؛

(3) مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىش، بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛

(4) مېھمانخان خادىملىرىنى جىنايەتچىنى ۋە زاڭ مالنى تەكشۈرۈش، تۇتۇشقا تەشكىللەش؛

(5) مېھمانخانىغا ھەمكارلىشىپ مېھمانخانا خادىملىرىنى ئامانلىقنى ساقلاش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك كەسپىي بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش؛

(6) مېھمانخانىنىڭ بىخەتەرلىك-قوغداش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، مېھمانخانىنىڭ بىخەتەرلىك-قوغداش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش.

18-ماددا مېھمانخانىدا ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشۋازلىق قىلىش، لۈكچەكلىك-زىناكەشلىك قىلىش، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش، زەھەر سېتىش، شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ.

19-ماددا ج خ خادىملىرى مېھمانخانىلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن بارغاندا، قانۇن  ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، مەدەنىيەتلىك ، ئەدەبلىك بولۇشى كېرەك.مېھمانخانا خادىملىرى ۋە مېھمانلارنى قەستەن تەڭلىكتە قويۇشقا، مېھمانخانا ۋە مېھمانلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

20-ماددا «باشقۇرۇش چارىسى»گە ۋە مۇشۇ تەپسىلىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مېھمانخانا ئامانلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ج خ ئورگىنىنى جىنايەتچىلىك يىپ ئۇچى بىلەن پائال تەمىن ئەتكەن، دېلۇ تەكشۈرۈپ پاش قىلىشق ۋە مۇھىم دېلو سادىر قىلغۇچىنى تۇتۇشقا پائال ھەمكارلاشقان ياكى مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداشتا ئىش-پائالىيەتلىرى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى، ج خ ئورگىنى ياكى مەسئۇل تارماق تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

21-ماددا مۇشۇ تەپسلىي قائىدىنىڭ 4-، 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

تىزىملاتماي ئۆز ئالدىغا مېھمانخانا ئېچىۋالغانلارنى ج خ ئورگىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

22-ماددا مۇشۇ تەپسلىي قائىدىنىڭ 3-ۋە 7- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى تەنقىد، تەربىيە بېرىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزىدۇ:سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلەر «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ؛ ئېغىر ھادىسە يۈز بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

23-ماددا مېھمانخانا خادىملىرىدىن مۇشۇ تەپسىلىي قائىدىنىڭ 14-، 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ج خ ئورگىنى قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مېھمانخانا مەسئۇللىرى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، مېھمانخانىسى جىنايى ھەرىكەت سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، ج خ ئورگىنى ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرگەندىن سىرت، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە مېھمانخانىنىمۇ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

24-ماددا مۇشۇ تەپسىلىي قائىدىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ.

25-ماددا مېھمانخانا خادىملىرى ياكى مېھمانلاردىن ج خ خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشىنى بېجىرىشنى رەت قىلغانلىرى ۋە توسقۇنلۇق قىلغانلىرىنى ج خ ئورگىنى «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ:جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

26-ماددا مېھمانلار مەلۇم قىلغان ئوغرىلىنىش دېلوسىنى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.مېھمانخانىنىڭ بىخەتەرلىك-ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەي يۈز بەرگەن بولسا، مېھماننىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى مېھمانخانا ياكى جاۋابكار تۆلەيدۇ.مېھمان ئۆزى مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىگە رىئايە قىلمىغانلىقتىن يۈز بەرگەن بولسا، مېھمان ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

27-ماددا ج خ ئورگىنى خادىملىرىدىن ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق مەمۇرىي جازا بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

28-ماددا ئالاقىدارلار ج خ ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس ياكى خەلق سوت مەھكىمىسگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

29-ماددا بۇ تەپسىلىي قائىدىنى كونكرېت تەتبىقلاش جەريانىدىكى مەسلىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى چۈشەندۈرىدۇ.

30-ماددا بۇ تەپسىلىي قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئەركزات مۇنبىرى  

http://arkzat.com/archiver/?tid-61.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#