سىۋېن ھېدىن

سىۋېن ھېدىن

سىۋېن ھېدىن (1865-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 1952-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى)، شۋېدلار دۇنياغا مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى شېۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سىۋېن ھېدىن
دۆلەت تەۋەلىكى شۋېتسىيە
يۇرتى شېۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1952-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى
چەتئەلچە نامى Sven Hedin
خەنزۇچە ئاتىلىشى 斯文·赫定
مىللىتى شۋېدلار
تۇغۇلغان ۋاقتى 1865-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
كەسپى جۇغراپىيىشۇناس، ئېكسپېدىتسىيىچى ، فوتو سۈرەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىۋېن ھېدىنسىۋېن ھېدىن (1865-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى _1952-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى)، شۋېدلار دۇنياغا مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى. ئۇ 16 يېشىدىن باشلاپ بىر ئۆمۈر ئېكسپېدىتسىيە بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان، ئۇنىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ ۋەتىنىنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، يەنە كېلىپ كىشىلەر تەرىپىدىن قىزغىن سۆيۈلۈپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان نوبېلغا ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق دەپ تەرىپلەنگەن.

سىۋېن ھېدىن ئېكىسپىدېتسىيە ئەترىتىيېڭى تاش قورال دەۋرىدىن تارتىپ ئاجايىپ تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، گۈللىنىپ تازا روناق تاپقان، ھەشەمەتلىك قەلە- قورغانلىرى، كاتتا قەسىر-سارايلىرى، كۆپ خىل ئاۋۇن ئىگىلىكى ۋە كۆز چاقنىتىدىغان مەدەنىيەت-سەنئەت دۇردانىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان تەكلىماكاندىكى كروران قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى يىراق-يېقىندىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ، شەرق ۋە غەربنىڭ دىپلوماتىيە ھەم سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم نۇقتىغا، كارۋان يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە، شۇنداقلا يەنە كېڭەيمىچى زوراۋانلارنىڭ شۆلگىيىنى ئاققۇزۇپ، كۆزلىرىنى قىزارتىدىغان، تالىشىپ تارتىۋېلىشقا ئىنتىلىدىغان ئولجا نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئالدىنقى ئىرانىڭ ئاخىرىدىن 2-ئىرانىڭ ئاخىرىغا قەدەر مىڭ يىللاپ خارابلىشىش، تاشلىۋېتىلىش، قېزىش، ئۇنتۇپ كېتىشتەك ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ تەكلىماكان شەھەر دۆلەتلىرى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم « ساياھەتچىلىك» ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىزغىنلىقىنىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن 1899-يىلى 8-ئايدا لوپ كۆلىنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە تارىم، كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياق ئېقىنلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلاپ، لوپ ئېلىگە كەلگەندە، كىشىلەردىن ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئوۋچىلىق، ئىزچىلىقتا مول تەجرىبىگە ئىگە، زېرەك، قورقۇمسىز، جاپاغا چىداشلىق مەرد يىگىت ئىكەنلىك تەرىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە يول باشلىغۇچىلىققا تاللايدۇ. 1900-يىلى تۇزسىز كۆل-قاراقوشۇن كۆلىنىڭ تارىختىكى لوپ كۆلى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەترەتنى باشلاپ يولغا چىقىدۇ. 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ( سەيشەنبە ) ئۇلار قاراقوشۇن كۆلىگە تەخمىنەن 3-4 كۈنلۈك يول قالغاندا، بىر يۇلغۇنلۇققا كېلىپ،  قۇدۇق قېزىپ سۇ ئالماقچى بولىدۇ. بىراق شۇ چاغدا ئۆزلىرىدىكى بىردىنبىر قېزىش قورالى-تۆمۈر گۈرجەكنىڭ ئالدىنقى قونالغۇدا ( خارابىدە ) ئۇنتۇلۇپ قېلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. كېيىنكى سەپەرلىرىدە بۇ گۈرجەك بولمىسا زادىلا بولمايدىغانلىقتىن، سىۋېن ھېدىن  قۇملۇقتا تەرەپلەرنى خۇددى كومپاستەك پەرقلەندۈرەلەيدىغان «ئۆردەك» نى بىر ئات بىلەن گۈرجەكنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئۆردەك يولغا چىقىپ ئىككى سائەتلەردىن كېيىن كۈن كەچكە قىيىلىدۇ ۋە غۇر-غۇر چۆل شامىلى چىقىپ، قۇم-شورلارنى ئۇچۇرۇپ، مېڭىشنى قىيىنلاشتۇرۇشقا باشلايدۇ. بارغانسېرى ئەدەۋاتقان قۇم، بوران ئىچىدە ئۆردەك ئۆز تۇيغۇسى ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ، بورانغا قارشى قىيپاش ئىلگىرىلەيدۇ. چۆل شامىلى كېيىن قارا بورانغا ئۆزگىرىپ ئالەمنى قۇم-توپا قاپلايدۇ. ئۆردەك چىشىنى چىشىغا بېسىپ ئىلگىرىلەپ بىر يارداڭلىققا بېرىپ قالىدۇ-دە، يارداڭلىقتا بوراندىن دالدىلىنىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ. تاڭغا يېقىن بوران توختاپ ئەتراپ يورۇيدۇ.  ئۆردەك ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ، بىردىنلا ئىلگىرى بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ تەرىپىنى قىلىپ بەرگەن خارابىلىككە بەك ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئارىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ خارابىلىكتىن نەپىس ياسالغان ياغاچ بېزەكتىن ئىككىنى ئېلىپ، خارابىلىك ئەتراپىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنى ئېسىگە پۈكۈۋېلىپ گۈرجەكنى ئىزدەشكە ماڭىدۇ. ئۇ گۈرجەكنى باشقا خارابىلىكتىن تاپقاندىن كېيىن،  يېڭى چۈشكۈنگە يەتكۈچە ھەر بىر قۇم بارخانى، ھەر تۈپ يۇلغۇن، توغراق ۋە چوقچىيىپ تۇرغان ھەر بىر تال دوقال-تۆمبەللەرگە بەلگە سېلىپ ماڭىدۇ. ئۆردەكتىن بارلىق تەپسىلاتنى ئاڭلىغان سىۋېن ھېدىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، قوللىرىنى توختاۋسىز ئىشقىلاپ تۇرۇپ،  چالا-بۇلا ئۇيغۇرچە تىلدا : «شۇ ! دەل شۇ ! » دەپ توۋلاپ كېتىدۇ ۋە ھايالسىز ئەترەتنى باشلاپ ئۆردەك بايقىغان ھېلىقى خارابىلىككە قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. خارابىلىككە ئاز قالغاندا، ئۇ باشقىلارنى نېرىدا توختىتىپ قويۇپ، خارابىلىككە ئاۋۋال ئۆزى بارىدۇ. خېلى ئۇزاققىچە ئايلىنىپ، ئۇ يەرنى كولاپ، بۇ يەرنى ئاقتۇرۇپ، ئۇنى-بۇنى يىغىدۇ. ئاندىن باشقىلارنى چاقىرىپ، ئۆزى ئۈستىدە كۆرسىتىپ تۇرۇپ قازدۇرىدۇ، يىغدۇرىدۇ. ئۆزى خېلى كۆپ نەرسىلەرنى يازىدۇ، سىزىدۇ. ئۇنىڭ قازدۇرغانلىرى ئاز ئەمەس ئىدى. بۇ نەرسىلەرنى ساندۇقلارغا ئاۋايلاپ پۇختا قاچىلىتىدۇ. 

بۇ دەل 1900-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ( چارشەنبە ) ئىدى. سىۋېن ھېدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىر تۇرنىڭ يېنىدىكى يارداڭلىقتا كېسەكتە قوپۇرۇلغان ئەگمىلىك بىر يەرنى بايقاپ كولايدۇ. بىر ئۆينىڭ ئىشىكى پەيدا بولىدۇ. ھېچكىم ئىشىكتىن كىرىپ بېقىشقا پېتىنالمايدۇ. ئاخىرىدا سىۋېن ھېدىن بىلەن ئۆردەك ئىشىكتىن كىرىدۇ. قارىسا، ئۆي ئىچى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئۆيدە ئۆرە تىكلەپ قويغان، ئادەمنىڭ قۇچىقىغا بىر كەلگۈدەك بىر غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى ئىچىنى ئويۇپ ياسىغان ساندۇقسىمان جاھازىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.  ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، باشقىلارنى كەتكۈزىۋېتىپ سىۋېن ھېدىن ئۆزى ئېغزىنى ئېچىپ كۆرىدۇ.  يەنە قايتا ئېتىۋېتىپ ئېلىپ ماڭىدۇ. . . سىۋېن ھېدىن سۇ، ئوزۇق، قاتناش ۋاسىتىلىرى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى كېزىشنى بولدى قىلىپ، كېلەر قېتىم قايتا كېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يولغا چىقىدۇ. كېيىنكى يىلى بۇ خارابە قايتا قىدىرىپ تەكشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ غايىب بولغىنىغا مىڭ نەچچە يۈز يىل بولغان مەشھۇر قەدىمكى شەھەر كروران ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ دۇنيانى تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇ قېتىمدا بۇ خارابىنى بايقاپ ئۆزىنى باشلاپ بارغانلىقى ۋە كۆمۈلۈپ قالغان ئۆيگە قورقماي كىرىپ ساندۇقسىمان جاھازىنى تېپىشىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، سىۋېن ھېدىن ئۆردەككە باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ھەق بېرىدۇ. بۇ دەل ئۆردەكنىڭ 38 ياشقا كىرگەن، ئۆزىنى توختاتقان، تازا كۈچىگە كەلگەن 

بەردەم چاغلىرى ئىدى. دېمەك، ئۆردەك 38 يېشىدا پەۋقۇلئاددە بىر بايقاش بىلەن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن ئىلگىرىلا بەرپا بولۇپ، مىلادىيە 5 -ئەسىرلەردە دۇنيادىن 15 ئەسىر ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى، سىرلىق تەكلىماكان شەھىرى- كروراننى تېپىپ، دۇنيانىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان، سىۋېن ھېدىنگىمۇ دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسى بويىچە كاتتا شۆھرەت تاجى كىيدۈرگەن. سىۋېن ھېدىن كېيىن ئۆزىنىڭ 2-قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيىسى توغرىسىدا باشقا

 ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ 8 توملۇق « 1889-1902- يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈشتىن ئىلمىي نەتىجىلەر» ناملىق تەكشۈرۈش

 دوكلاتى توپلىمىنى تۈزۈپ، 1904-، 1907-يىللىرى نەشر قىلدۇرىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ لوپ ئېلىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇشەققەتلىك ئېكىسپىدىتسىيىدە سادىق يولباشلىغۇچى، ياخشى دوست، ئىشەنچلىك مەسلىھەتچى بولغان ئۆردەكنىڭ بالا-چاقىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يۇرتىغا ئۆز فوندىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ.

سىۋېن ھېدىن1865-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا تۇغۇلغان. 1886-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى پېرسىيەۋە ئىراققا ساياھەتكە چىققان. 

1890-يىلى 4-ئايدا چەتئەلگە چىققان. 

1890-يىلى 12-ئايدىن 1935-يىلى 2-ئايغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم جۇڭگوغا كىرگەن. 

1894-يىلى 4-ئايدىن 8-ئايغىچە، نەچچە قېتىم 6300 مېتىرلىق مۇزتاغ چوققىسىغا ياماشقان. 

1895-يىلى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە، غەربتىن شەرققە قاراپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن. 

1896-يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى ئورۇندا خارابىلىك بايقىغان. 

1896-يىلى 2-ئايدىن 4-ئايغىچە، تەكشۈرۈپ تارىم دەرياسى، لوپنۇر كۆلىگە يېتىپ كەلگەن. 

1896-يىلى 7-ئايدىن 11-ئايغىچە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە چىققان. 

1899-يىلى 12-ئايدىن 1900-يىلى 2-ئايغىچە شەرقتىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن. 

1900-يىلى 3-ئايدا، لوپنۇرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى كروران قەدىمىي شەھىرىنى بايقىغان. 

1900-يىلى 4-ئايدىن 5-ئايغىچە لوپنۇرنى كۆزدىن كەچۈردى.

1900-يىلى 7-ئايدىن 12-ئايغىچە شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى ئىگىزلىكىنى تەكشۈرۈش تەكشۈرگەن. 

1901-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، لوپنۇرنى تەكشۈرۈپ، كروران خارابىسىنى قېزىپ چىققان.  

1901-يىلى 5-ئايدىن 12-ئايغىچە، شىزاڭ كەڭ رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن. 

1934-يىلى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە، لوپنۇردىن ئۆتۈپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن كىچىك ئېقىن قەبرىستانلىقىنى بايقىغان. 

1934-يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە شىنجاڭدىن دۇنخۇاڭ بولغان لىنىيەلەرنى ھەمدە يىپەك يولى لىنىيەلىرىنى تەكشۈرگەن.  [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#