دۇنيا توغراق باغچىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۇنيا توغراق باغچىسى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى (شايار ناھىيەسى تەۋەسىدە) توغراقلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ شايار ناھىيە بازىرىدىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتا. بۇنىڭ دائىرىسى شەرقتە ئۇپقان توغراق ساياھەت رايونى، جەنۇبتا گەزقۇم يېزىسىنىڭ قۇمبوستان كەنتى، غەربتە دۆلەت يولى 217 – لىنىيەسىدىكى تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى، شىمالدا تارىم دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ياخشى ساقلانغان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالتۇن كۈز پەسلىدە شەكلى ئۆزگىچە توغراقلىقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، تارىم دەرياسىدا ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ.
تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ياۋا توشقان، ياۋا توخۇ، توڭگۇز، تۈلكە، كىرپە، تارىم بۇغىسى، ئۆچكە قاتارلىق قۇش ۋە ھايۋانلار ياشىغاندىن باشقا، يەنە چۈچۈكبۇيا، لوپنور كەندىرى، يۇلغۇن قاتارلىق قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلىرى بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.