بالىياتقۇ قىسقىرىشى كۈچلۈك بۇلۇش كېسلى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇۋۋىتى دافىئەنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قۇۋۋىتى داگىئەنى ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋۇتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش كۈچى ۋە قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، ھامىلىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىسىدە جىددىي تۇغۇتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىياتقۇ قىسقىراش كۈچى زىيادە كۈچىيىپ تۇغۇت يولىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاىز بولۇشى سەۋەبىدىن تۇنجى تۇغۇتلۇق ئايال ئۈچ سائەت ئىچىدە بىر نەچچىنى تۇغقان ئايال ئىككى سائەت ئىچىدە تۇغۇتنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئانىغا بولغان تەسىرى
تولغاق زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، تۇغۇت جەريانى زىيادە تېز بولۇپ كەتكەنلىكتىن، يۇمشاق تۇغۇت يولى زەخىملىنىش، بالا ھەمرىيى بالدۇر سويۇلۇش ياكى بالىياتقۇ ئۆرۈلۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا مۇسكۇل كۈچلۈك قىسقارغاندىن كېيىن، يەنە ياخشى قىسقىراش، ئەسلىگە قايتىش رولىغا ئىگە بولۇشى ناتايىن. شۇنىڭدەك ئاز ساندىكى كېسەللىكلەردە تۇغۇتتىن جىنسىي يولدىن كېيىن قان كېلىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ھامىلىگە بولغان تەسىرى
ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ياكى ھامىلە بېشى بېسىمغا ئۇچراش تۈپەيلىدىن تۇنجۇقۇش ياكى باش ئىچىگە قان چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا تۇغۇت قوبۇل قىلغان چادا ئۈلگۈرەلمەي قالغانلىقتىن ھامىلە يەرگە چۈشۈپ كېتىش، كىندىك بېغى ئۈزۈلۈپ كېتىش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئېغىر زەخىملىنىشلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش: جىددىي تۇغۇت تارىخى بارلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تۇغۇت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۇغۇت مەزگىلىدە تۇغۇتلۇق ئايالغا ئىنجىقلاتماسلىق، ھامىلىنىڭ بېشى چىققان چاغدا چات ئارىلىقىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش، ھامىلىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. تۇغۇتتىن كېيىن ھامىلە ۋە تۇغۇت يولىنىڭ زەخىملەنگەن ياكى زەخىملەنمىگەنلىكىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ھەمدە بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش ۋە قان كېلىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر تۇغۇت تەييارلىقلىرىغا جۈملىدىن دېزىنفېكسىيە قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىسە قايتىدىن قائىدە بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ھامىلىدار ئايالغا قارىتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەرقى چۆبچىن، ئىتتىرفىل چۆبچىن، ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاكىنەچ قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەھۋالغا قاراپ قاتما كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.