كۆك ئاسمان جىلغىسى

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنى بويلاپ غەربكە 40 نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ‹‹كۆك ئاسمان جىلغىسى›› دەپ ئاتالغان بىر جىلغىغا يېتىپ بارغىلى بولدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كۆك ئاسمان جىلغىسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسمى
بۇرۇنقى نامى 蓝天沟

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توقسۇ ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ تاغ تىزمىسى، يېزا ئىگىلىك، بوستانلىقلىرى، ئورمانچىلىق، ئوتلاق رايونى، دەريالىرى، يارداڭلىق، قۇم بارخانلىرى، توغراقلىقى، چۆل – باياۋانلىرى، سازلىق، كۆل قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىگاھلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن ئاۋات يۇرتلارنىڭ بىرى. 21 -ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، توقسۇدا بايقالغان تۈرلۈك سېھىرلىك مەنزىرىگاھلار ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ئۇلارغا يېڭىچە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنى بويلاپ غەربكە 40 نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ‹‹كۆك ئاسمان جىلغىسى›› دەپ ئاتالغان بىر جىلغىغا يېتىپ بارغىلى بولدۇ. جىلغىنىڭ ئىچىدىكى يول ئەگرى - بۈگرى، ئېگىز - پەس بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن بىر مېتىردىن 20 مېتىرغىچە كېلىدۇ. بۇ جىلغىغا ياز پەسلىدە كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان كەلكۈن كېلىپ تۇرىدۇ. تاغ چوققىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋان شەكىللىك تاشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى، جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىرلىق تاشلارنىڭ شەكلى غەيرىي بولغاچقا كىشىنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ.

 جىلغىغا بىر كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ ماڭغاندىن كېيىن، تاشتىن ئابىدە بولغان ئىككى دانە يولۋاسنىڭ ئاغزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان دەرۋازا كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ يەردىكى تاشلار يىمىرىلىش نەتىجىسىدە شەكلى راست يولۋاسنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان قىياپەتنى شەكىللەندۈرگەن، ئىككى تەرەپتىكى يولۋاسنىڭ ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ ئۆتكۈر چىشىنى چىقىرىپ تۇرغان قىياپىتى كۆرۈنىدۇ. يەنە ئىچىكىرىلەپ ماڭسا تاش ئاستىدىن سۇ چىقىۋاتقان جايغا يېتىپ بارغىلى بولدۇ. جىلغىنىڭ ئىچىدە تاش ئاستىدىن سۇ چىقىۋاتقان خېلى كۆپ جاي بولۇپ، بۇ يەر ياز كۈنلىرى كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. جىلغىنىڭ مەنزىرىسى غەلىتە، تاغ چوققىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولغاچقا، ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ شەكلىگە ئوخشاپ قالغان تاشلار تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ كارامىتىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە، ناھايىتى يۇقىرى ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان.

جىلغىنىڭ ئىچىدە بىر قەدىمىي يول بار بولۇپ، بۇرۇن بۇ يول ئويغۇر سودىگەرلىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن باي ناھىيەسى ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى ھەتتا خوتەنگە بارىدىغان سودا كارۋانلىرىنىڭ يولى بولۇپ قالغان. ئەينى زاماندا كارۋانلار ئات – تۆگىلىرىگە يېمەكلىك، ياغ قاچىلانغان كۈپنى ئارتىپ بۇ يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يول يېمەكلىك، ياغ توشۇيدىغان ئاتلىق كارۋانلار يولى، دەپ ئاتالغان. 

كۆك ئاسمان جىلغىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا توغراق ئېقىن قەدىمكى قەلئەسى، توغراق ئېقىن مىڭئۆيى، تاجىك قورو بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە تاجىك قورو قەدىمكى ئۆتىڭى قاتارلىق خارابىلىقلار توپى بار.

توقسۇ ناھىيەلىك كۆك ئاسمان جىلغىسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى كۆك ئاسمان جىلغىسىدا 22 ئورۇندا تىك قىيانىڭ بارلىقىنى، ئەڭ ئېگىز قىيا تاشنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ 20 مېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۈستىگە چىقماقچى بولسا، چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ چىققان. جىلغىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېدىرلىقتا ئۇرۇش مەيدانىدا بىرونېۋىك ماشىنىنىڭ چاقى بىلەن بېسىپ قالدۇرغان ئىزىغا ئوخشايدىغان چاق ئىزىنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#