ئوزون كاۋىكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقى 30 كىلومېتىر بولغان ھاۋا بوشلۇقىدا ئوزون قاتلىمى مەۋجۇت. ئىككى يىلدىن كېيىنكى 1986-يىلى گىرمانىيە ئالىملىرى يەنى شىمالىي قۇتۇب ئاسمىنىنىڭ ئوزون قاتلىمىدىمۇ شالاڭلىشىش ھالىتىنىڭ كۆرۇلگەنلىكىنى بايقىغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھىت ئالىملىرى تەتقىقات ئارقىلىق، جوڭگۇ شىزاڭنىڭ ئاسمىنىدىكى ئوزون قاتلىمىدىمۇ ئوزون كاۋىكىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان. ئۈزۈلمەستىن يۈز بىرىۋاتقان بۇ ئەھۋال ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرىنڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئالىملار ئۇمۇمىيۈزلۈك، ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان توڭلاتقۇنى باش جىنايىتچىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. توڭلاتقۇنىڭ كەينىدىكى كوندىساتۇرنىڭ ئىچىدە فىرىئون دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل سۇيۇقلۇق بولۇپ، توڭلاتقۇنى سوغۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. قىچىپ چىققان فىرىئون گازغا ئايلىنىپ ھاۋا بوشلۇقىغا ئۆرلەپ، ئوزوننى بۇزىدىغان قۇرۇلمىغا ئايلىنىپ ئوزوننىڭ قويۇقلۇقىنى كېمەيتىۋىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سۇيۇق سوپۇن، تۇمانلاشتۇرۇش دورىسى قاتارلىقلارنىڭ بەزىللىرىدىمۇ فىرىئود ماددىسى بار بولۇپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشمۇ ئوزوننىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوزون قاتلىمىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن فىتورسىز توڭلاتقۇنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ ۋە ئىشلىتىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ فىتور بار بولغان توڭلاتقۇ ۋە مۇزلىتىش ساندۇقى قاتارلىقلارنى سېتىشنى چەكلىگەن.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.