- تەڭگىسىمان تەمرەتكە (كېسەل)
- تەڭگىسىمان تەمرەتكە (تىبابەت)
تەڭگىسىمان تەمرەتكە
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان دەسلەپ ئۇششاق قىزغۇچ مۇدۇر شەكلىدە پەيدا بولۇپ، مۇدۇرلار بارا-بارا كېڭىيىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، تېرىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تەڭگىسىمان ياكى ئۇزۇنچاق، چېگراسى ئېنىق، قۇرغاق، تېرىدىن كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قاپارتقۇ ھاسىل قىلىپ قاتتىق قىچىشىش ۋە بىئارام قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: دەسلەپ ئۇششاق قىزغۇچ مۇدۇر شەكلىدە پەيدا بولۇپ، مۇدۇرلار بارا-بارا كېڭىيىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، تېرىدە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تەڭگىسىمان ياكى ئۇزۇنچاق، چېگراسى ئېنىق، قۇرغاق، تېرىدىن كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قاپارتقۇ ھاسىل قىلىپ، تېرە قېلىنلىشىش، تېرە ئۈستىدە بىر قەۋەت نېپىز قاسراق ھاسىل بولۇش، تاتىلىغاندا قاسرىقى سويۇلۇپ، ئاستىدىن قان چېكىتلىرى كۆرۈلۈش، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە تەكرارلىنىش، قاتتىق قىچىشىش ۋە بىئارام قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 15 گىرامدىن، شاھتەررە، گۈلى بىنەپشە 21 گىرامدىن، سانا 12 گىرام، نېلۇپەر، مامرانچىنى ئۈچ گىرامدىن، گاۋزىبان، سېرىق ئوت، قىزىلگۈل توققۇز گىرامدىن، ئارپىبەدىيان ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، چىڭسەي ئۇرۇقى، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس ھىندى، پىننە ئالتە گىرامدىن، سوقا چىلان 20 گىرام، كۆك كاسىنە يوپۇرمىقى 60 گىرام، تەرەنجىبىن 90 گىرام، پۇنۇس، تەمرى ھىندى 45 گىرامدىن، ئەينۇلا 30 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئومۇمىي دورىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىچىلىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: تەرەنجىبىن، رۇمبەدىيان، ئارپىبەدىيان، مەستىكى، جۇۋىنە، نېلۇپەر، قارىمۇچ، سانا، دارچىن، زەنجىۋىل، بىنەپشە، قارا ھېلىلە، سەبرە سۇقۇترى 75 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: جۇۋىنىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇۋىنىنىڭ تاتلىقى چىقىرىلغان سۇدا خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 5 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گىرام، سوقمۇنىيا سەككىز گىرام، شاھتەررە، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: شاھتەررىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شاھتەررىنىڭ تاتلىقى چىقىرىلغان سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.