يالمانقۇلاق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يالمانقۇلاق ( يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك)
  2. يالمانقۇلاق (خام دورا )
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك

يالمانقۇلاق

ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك سارغۇچ يېشىل، سۆسۈن قارا رەڭلىك. تام تاش ئۈستىگە يامىشىپ ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى يالمانقۇلاق
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئۈزۈم ئائىلىسى
كەنجى سىنىپى ئازغان كەنجى سىنىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 爬山虎
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئۈزۈم تۈركۈمى
لاتىنچە نامى Parthenocissus tricuspidata

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يالمانقۇلاقيالمانقۇلاق ئۇرۇقدىشى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، چوڭ تىپتىكى ياغاچ تەركىبلىك پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنىڭ شەكلى ياۋا ئۈزۈم پېلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. پېلەك ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر. ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك غۇژمەك كۆرۈنمەيدۇ، سارغۇچ يېشىل ياكى سۆسۈن قارا، يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى كۆپىنچە قوش جىنسلىق، ئانىلىق - ئاتىلىقى بىر تۈپتە، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى كۆپىنچە يوپۇرماق ئارىسىدىكى قىسقا شاخ ئۈستىدە ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلىقى 4 ~ 8 سانتىمېتىر، يوپۇرماق سېپى بىر قەدەر قىسقا؛ گۈلى 5 تال؛ گۈل كاسىلىق، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ؛ گۈل بەرگىسى ئۇچىغا قايرىلغان، 2 ئۇرۇقدان بار، ھەر ئۇرۇقداندا 2 تۆرەلمە تۈگۈنى بار. 

يالمانقۇلاقتاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان يالمانقۇلاقنڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، نەم مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈچلۈك نۇر، سوغۇق، قۇرغاقچىلىق، ناچار شارائىتقا چىداملىق، كىلىماتقا ماسلىشىشچانلىقى كەڭ. پۇتاپ چاتاشقا چىداملىق، سۇ يىغىلىپ قالسا قورقىدۇ ، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ، نەم مۇھىت ياكى كۈنگەي جايدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. لېكىن نەم، مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسۈشى تېخىمۇ ياخشى. ئۇ گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىد ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك ھىدروخلورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، ھاۋادىكى چاڭ - توزان سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بار. 

دۇنيادا : 15 خىلى بار؛ جۇڭگودا : 10 خىلى بار. 

يالمانقۇلاقكۆپ گۈللۈك قىرغاقتىكى تاشلارغا، يوغان دەرەخ، تامغا ۋە تاغدا كۆپ ئۆسىدۇ. ئەسلى ماكانى ئاسىيانىڭ شەرقىي، ھىمالايا تېغى رايونى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى، كېيىن چاۋشيەن، ياپونىيەگىمۇ تارقالغان. ئېلىمىزنىڭ خېنەن، لىياۋنېڭ، خېبېي، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، جاڭسۇ، ئەنخۇي، جېجىياڭ، جياڭشى، خۇنەن، خۇبېي، گۇئاڭشى، گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يەرگە تارقالغان. 

مەنزىرە قىممىتى

يالمانقۇلاقتاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان يالمانقۇلاقنىڭ يۈزەكى پوستى بار، قوۋزاق تۆشۈكى، ياز پەسلىدە شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان، ئادەتتە تام ياكى تاش ئۈستىگە يامىشىپ ئۆسىدۇ، قورۇ تام، ھويلا، كۆۋرۈك  كىرىش بېشى قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرىلىدۇ. كۆكەرتىشتە ئۆي تاملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، باغچا تاغ، ھەم مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئىشلەتكەندە تبمپبراتۇرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھاۋا تەڭشەش شاۋقۇننى ئازايتىش رولى بار. 

باغ - ئورمان

تاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان يالمانقۇلاق كۆكەرتىش جەريانىدا كەڭ ئىشلىتىلدۇ، بولۇپمۇ، ستېرېئولۇق كۆكەرتىش جەريانىدا جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، ئوكسىگېن كۆپەيتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە، تېمـپېراتۇرىنى چـۈشۈرۈپ، بۇلغىما چاڭ - توزاننى ئازايتىپ، شاۋقۇن پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار، بۇ خىل كۆكەرتىش ئۆسۈملۈكلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. 

دورىلىق قىممىتى 

تاملارغا يامىشىپ ئۆسىدىغان يالمانقۇلاقنىڭ يىلتىزى، غولى دورا قىلىنىدۇ ، قان توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ھامىلىنى قوغداش رولى بار. مېۋىسىدىن ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ. 

يالمانقۇلاق ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى باشقا ئۆسۈملۈككە ئوخشىمايدۇ. باشقا ئۆسۈملۈك ئادەتتە بۇرتىغا تايىنىپ باشقا نەرسىلەرگە يامىشىپ ئۆسىدۇ ، يالمانقۇلاقنىڭ شاخسىمان بۇرۇتى بار، بۇرۇتىنىڭ ئۇچىدا يۇمىلاق، ئەمما ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن سۈمۈرگۈچى تەخسىسى بولۇپ، تەخسىسىنىڭ گىرۋىكىدە يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بولىدۇ. شورىغۇچى تەخسە تام بىلەن ئۇچراشقاندا، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق سۈمۈرگۈچى تەخسىنى ھىملەيدۇ. سۈمۈرگۈچى تەخسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى بېسىمىدا پەرق شەكىللەنگەندە، سۈمۈرگۈچى تەخسە سۈمۈرۈش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ سۈمۈرگۈچى تەخسىلەر تام ۋە دەرەخ غولىنى چىڭ سۈمۈرۈپ تۇتۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى تامغا ئېسىلىپ تۇرالايدۇ، كونا شېخى مۇقۇملاشقاندىن كېيىن يېڭى شاخ داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆسۈپ، يەنە يېڭى بۇرۇت ۋە سۈمۈرۈش تەخسىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق توختىماستىن مۇقىملىشىپ ۋە توختىماستىن ئۆسۈپ، بىر - ئىككى يىلدا تامنى ئىگىلەپ بولىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#