بارىن ئۆرۈكى
بارىن ئۆرۈكى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى دە يېتىشتۈرىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى نىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى ئۆرۈك سورتى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بارىن ئۆرۈكى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى دە يېتىشتۈرىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى نىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى ئۆرۈك سورتى.
بارىن ئۆرۈكى، ئارا مەزگىلدە پىشىدىغان سورت، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېچىلىپ، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردا پىشىدۇ. مېۋىسى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك، مېغىزى تاتلىق. بۇ ئۆرۈك مېۋىسىنىڭ ئېتى قېلىن، مېۋە پوستى بار. ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغاندىن كىيىن يىلىمسىمان ماددا ھالىتىدە بولۇپ، قۇرۇتۇلغان گۈلىنىڭ تەمى تاتلىق، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان باشقا تۈردىكى گۈلەلەردىن نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ھەر بىر كىلوگرام گۈلە 3 كىلوگرام ھۆل ئۆرۈكتىن قۇرۇتۇلغان بولىدۇ، ياخشى ئېچىش قىممىتىگە ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە.
بارىن ئۆرۈكى پامىر ئېگىزلىكى نىڭ شەرقىدە، مۇزتاغ چوققىسىنىڭ باغرىدىكى مۇزتاغ بىلەن زىمىن كېسىشكەن يانتۇلۇقتا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە ھاۋا كېلىماتى، بۇلغانمىغان تەبئى موھىت ۋە مۇزتاغنىڭ تەبئى قار سۇلىرى بارىن ئۆرۈكىنى ئوزۇقلۇق جۇغلانمىسى مول، رەڭگى كۆركەم ۋە پارقىراق، تەمى ئۆزگىچە لەززەتلىك قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان ۋە نامىنى جاھانغا تاراتقان. شۇڭا ئاقتۇ ناھىيەسى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ بارىن ئۆرۈكى ماكانى» دىگەن نامغا ئېرىشكەن، بارىن ئۆرۈكى مەھسۇلاتلىرى دۆلەتلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئۆلچىمى بويىچە «ئورگانىك يېمەكلىك» ئېتراپنامىسىگە ئېرىشكەن.
بارىن ئۆرۈكىنىڭ مېۋە دانىسى چوڭ، گۆشلۈك، رەڭگى كۆركەم، قەنت تەركىۋى يۇقىرى، مېۋە ئېتى قىلىن ۋە پۇراقلىق بولۇپ ناھايىتى يىيىشلىك، داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۆپكىنى يۇمشىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ، قۇرۇتۇلغان گۈلەسى (قېقى) نىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئوزۇقلۇق ساقلىق ساقلاش قىممىتى ئالاھىدە. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تازىلايدۇ يۇقىرى، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. بارىن ئۆرۈكىنىڭ مېغىزى توق ۋە تاتلىق بولۇپ، بۆرەكنى قۈۋۋەتلەش، بەدەننىڭ ئىممونىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك تەبئى يىمەكلىك.
بارىن ئۆرۈكى مەھسۇلاتلىرى ___ پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى، مۇزتاغنىڭ سوۋغىسى، مۇزتاغ كىشىلىرىنىڭ ئەجىر ئەمگىگىنىڭ جەۋھىرى. ئۇ ياشانغانلار ئۈچۈن كۈڭۈلدىكىدەك ساغلاملىق يىمەكلىگى، ياشلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك تەن ئاسراش ئوزۇقى، كىشىلىك ئالاقىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك دوستلۇق سوۋغىسىدۇر![0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.