تىترەشلىك پالەچ

تىترەشلىك پالەچ

ھەرخىل سەۋەبلەردىن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا باش ۋە مۈچىلەر تىترەش، مۇسكۇللار تارتىشىپ قېتىشىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى تىترەشلىك پالەچ
خەنزۇچە نامى 震 颤 性 麻 痞
كېسەللىك سەۋەبى مېڭە يىگلەش،مېڭە پەردە ياللۇغى، زەخمىلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم روھى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى مېڭىگە تەسىر قىلغاندا، ئىنچىكە قان تومۇرلاردا چۆكمىگە قوشۇپ مېڭە قان ئايلىنىشنى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بىلەن مېڭە، نېرىپلارنى غىدىقلاپ، روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باش ۋە مۈچىلەر ھەرىكىتىنى باشقۇرىدىغان مەركەز ۋە نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، باش ۋە مۈچىلەرنىڭ قالايمىقان تىترىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى نېرىپلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. نېرىپلارنىڭ سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، پەي-مۇسكۇللار بوشاپ، ئۇلارنىڭ نورمالنى خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، باش ۋە مۇچىلەرنىڭ تىترىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.  ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1) مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە يىگىلەش، مېڭە سۇلۇق ئىششىقى، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەرىكەت سېزىم مەركەزلىرى ۋە نېرىپلارنى بېسىۋېلىشى نەتىجىسىدە روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتىنى تسوقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، مېڭە نېرۋا خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ تىترىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) مېڭە تىقىلمىسىدا مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ، مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى ھەرىكەت ۋە سېزىمنى باشقۇرىدىغان مەركەزلىرىگە قان يېتىشمەسلىك نەتىجىسىدە مېڭە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3) مېڭە پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مېڭە پەردە ياللۇغىدا ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلارنىڭ مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى ھەرىكەت سېزىم مەركەزلىرىگە ياكى نېرىپلارغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە مېڭە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ تىترەش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4) مېڭە يىگلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مېڭە يىگلىگەندە مېڭىنىڭ نورمالنى خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ باش ۋە مۇچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشى باشقۇرالماي، نورمالسىز تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن مېڭە ۋە نېرۋىلار زەخىملنىپ روھىي نەفسانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرىدىغان نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، باش ياكى مۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ياكى سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.  زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل خىمىيىلىك بۇيۇملار ۋە دورىلاردىن زەھەرلەنگەن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. ئېرسىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ %10  دە ئېرسىيەتلىك تارىخ بولىدۇ.

7. روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قورقۇش، ئاچچىقلىنىش، روھىي جىددىيلىك، غەم-ئەندىشە قىلىش، قايغۇرۇش قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەددىدىن زىيادە ئەقلىي ئەمگەك قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە كەيىپ-ساپاغا كۆپ بېرىلىش، ھاراق ئىچىش، جەلىق قىلىش قاتارلىق ناتوغرا تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى بىلەن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، باش ياكى مۈچىلەر تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

روھىي جىددىيلىك، قورقۇش، ئاچچىقلىنىش، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىش، ھاياجانلىنىش، پەرىشان بولۇش، قايغۇرۇش، مەيۇسلىنىش، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، جىنسىي مۇناسىۋە ۋە كەيىپ-ساپاغا كۆپ بېرىلىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، جەلەق قىلىش قاتارلىق قوزغاتقۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

1. باش ۋە مۇچىلەردە تەرتىپسىز تىترەش بولىدۇ.

تىترەش قولدا ئەڭ روشەن بولىدۇ. قول بارمىقى قوپال ھەم رىتىملىق تىترەيدۇ. تىترەش ئارام ئالغاندا ۋە كېسىلىنى ئويلىغاندا، ھاياجانلانغاندا كۈچىيىدۇ. مەقسەتلىك ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ئۇخلىغاندا يوقىلىدۇ.

2. ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار قېتىشقانلىق سەۋەبىدىن ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. تاۋۇش چىقىرىش مۇسكۇلىدا بولسا تاۋۇش چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بارماق مۇسكۇلى قاتقاندا خەت يېزىش ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ياكى زىيادە كىچىك خەت يېزىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. پۇت-قول مۇسكۇلى قاتقاندا كۈندىلىك تۇرمۇشنى باشقۇرالمايدۇ، يېتىپ-قوپۇش، چايناش، يۈز يۇيۇش، تاماق يېيىش قاتارلىقلار توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

3. باشقا ئالامەتلەر: بىمار ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، تەر، شۆلگەي، ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ.

كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. باش ۋە مۈچىلەر تىترەش، مۇسكۇللار قېتىش، ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق، سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغانلىق، مېڭە تىقىلمىسى، مېڭە ئۆسمىسى، مېڭە سۇلۇق ئىششىقى، مېڭىگە قان چۈشۈش، زەھەرلىنىش، زەخىملىنىش تارىخى بولىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4.  مېڭە، نېرۋا ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭە ۋە نېرۋىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئاسارۇن، ئۇد سەلىپ، پەرەنجىمىشكى، مەرزەنجۇش، بىخ كەبىر، پىستىپايەج، رەيھان ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن، ~45 15 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن  ~53  كۈن ئىچىشكە بېرىپ غەيرىي تەبىئىي خىلىت بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

گەجسىمان بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ئاسارۇن، ئۇد سەلىپ، پەرەنجىمىشكى، مەرزەنجۇش، رەيھان ئۇرۇقى، بىستىپايەج قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن، 9~12 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن ~5 3  كۈن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. تولۇق تازىلاش بولمىسا تەكرار ئۈچ قېتىم مۇشۇ ئۇسۇلدا مۇنزىچ مۇسھىل بېرىش ئارقىلىق گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاقىرقەرھا، قۇندۇز قەھرى، ھىڭ ئۈچ گرامدىن، زەيتۇن يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قائىدە بويىچە ياغ تەييارلاپ كېسەللەنگەن ئورۇن ياغلاپ بېرىلىدۇ.

دارچىن يېغى، زەپەر يېغى، قەلەمپۇر يېغى، قۇستە يېغى قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلىنىدۇ.

سۆئىتەر، ھېلىلە كابىلى پوستى 60 گرامدىن، ئۈستقۇددۇس، دارچىن 36 گرامدىن، قەلەمپۇر 24 گرام، ئاق تۇربۇت، غارىقۇن، ھېڭ، قۇندۇز قەھرى، زەپەر، ئاقىرقەرھا 12 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىپ سوقۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامغا مائۇلئۇسۇلدىن 30 مىللىلىتىر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئاقىرقەرھا، قۇندۇز قەھرى، شەترەنجى ھىندى، خەشخاش ئۇرۇقى 12 گرامدىن، سەكبىنەج، ئاچچىقتاۋۇز ئالتە گرامدىن، ئايارەج پەيقىرا 25 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ قايناق سۇ خېمىر قىلىپ نوقۇت چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھە رقېتىمدا ئالتە گرامنى، ئەرقى گاۋزىبان 80 مىللىلىتىر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

مائۇلھەسەل كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، مائۇلئۇسۇل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن، مەجۇنى ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 7~5 گرامدىن، ھەببى ئازاراقى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن، مەجۇنى سوم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 7~5  گرامدىن، ھەببى جەدۋار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 3~2 دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

مېڭە، نېرۋا ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى  قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ىېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە سەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان سەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەردىن توخۇ گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، كەكلىك گۆشى، قىرغاۋۇل گۆشى، مائۇللەھمى، شورپا، ئۈگرە قاتارلىقلار تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە، قورقۇش ۋە قايغۇرۇشتىن، زىيادە ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن، سوغۇق مۇھىتتا تۇرۇشتىن، ھاراق ئىچىش ۋە زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.[0]

1. باش ۋە مۇچىلەردە تەرتىپسىز تىترەش بولىدۇ.
تىترەش قولدا ئەڭ روشەن بولىدۇ. قول بارمىقى قوپال ھەم رىتىملىق تىترەيدۇ. تىترەش ئارام ئالغاندا ۋە كېسىلىنى ئويلىغاندا، ھاياجانلانغاندا كۈچىيىدۇ. مەقسەتلىك ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ئۇخلىغاندا يوقىلىدۇ.
2. ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار قېتىشقانلىق سەۋەبىدىن ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. تاۋۇش چىقىرىش 

1. باش ۋە مۇچىلەردە تەرتىپسىز تىترەش بولىدۇ.
تىترەش قولدا ئەڭ روشەن بولىدۇ. قول بارمىقى قوپال ھەم رىتىملىق تىترەيدۇ. تىترەش ئارام ئالغاندا ۋە كېسىلىنى ئويلىغاندا، ھاياجانلانغاندا كۈچىيىدۇ. مەقسەتلىك ھەرىكەت قىلغاندا ياكى ئۇخلىغاندا يوقىلىدۇ.
2. ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار قېتىشقانلىق سەۋەبىدىن ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. تاۋۇش چىقىرىش 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=792

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=792

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#