كۈدە ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك كۈدىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت. شەكلى بىر ئاز ياپىلاق، رەڭگى قارا، تەمى، پۇرىقى سۇس بولىدۇ.
يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق تارقىتىش، باھنى، پەي – مۇسكۇللارنى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، بەدەننى تازىلاش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
1. زىرە، كۈدە ئۇرۇقى، يالپۇز، سۇزاپ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن، توغرىغىدىن 5 گرام ئېلىپ، تالقان قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكىرىگە شىپا بولىدۇ.
2. كۈدە ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، بەدىيان، بىخ سەۋسەن قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يەل تارقىتىدۇ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ.
كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن، قۇرۇتۇلۇپ ئۇرۇقى چىقىرىۋېلىنىدۇ، پاكىز تازىلىنىپ قۇرۇق ھەم سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.