دىڭ جاۋجۇڭ

1976-يىلى 12-ئايدىكى نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، زادىلا بولۇپ باقمىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، يەنى: فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئالىم پروفېسسور دىڭ جاۋجۇڭ (1936-) مۇراسىمدا خەنزۇ تىلىدا سۆزلىگەن. مۇراسىمدىكى كىشىلەردىن خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىن بولغان مۇنەۋۋەر جۇڭگولۇق ئالىمغا قايىللىق نەزىرى بىلەن تىكىلگەنىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دىڭ جاۋجۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1936-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 丁肇中
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى ئالىم، تەجىرىبە فىزىكا ئالىمى
چەتئەلچە نامى Samuel Chao Chung Ting

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىڭ جاۋجۇڭ − ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان ئادەم. ئۇ بىر مەھەل، ماسسا چۇسېتس تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى، فېدېراتىپ گېرمانىيە ۋە شىۋېتسارىيە لەردە تەجرىبىخانىسى بولغانلىقى، ئۆيى ئامېرىكىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم دېگۈدەك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاتلانتىك ئوكيان دىن ئۆتۈپ تۇرغان. ئۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشلەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا ئۇخلايدۇ. ئۇ خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ، چېچىلاڭغۇ، سۆرەلمە ئىستىلدىن ئىنتايىن بىزار. ئۇنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلغانلار سەللا بوشاڭلىق قىلسا، قاتتىق تەنقىدلىنىدۇ.

دىڭ جاۋجۇڭنىڭ كەسپى زەررىچە فىزىكىسى ئىدى. زەررىچە فىزىكىسى ئاتوم يادروسىدىنمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق مىكرو دۇنيادىكى ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. 1974-يىلى دىڭ جاۋجۇڭ فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان يېڭى زەررىچە، يەنى سۇب ئاتوم زەررىچىسىنى ئالدى بىلەن بايقاپ، بۇ ئۇ زەررىچىگە J زەررىچىسى دەپ نام بەرگەن، «J» بىلەن «丁» خېتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ جۇڭگولۇقلار بايقىغان زەررىچە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. J زەررىچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىلەرنىڭ «يۇقىرى»، «تۆۋەن»، «تاق» ئۈچ خىل كۋارك ئارقىلىق تۈرلۈك ئاساسىي زەررىچىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىشىنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، جەزمەن تۆتىنچى خىل كۋارك ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ كىچىك بايقاش ئەمەس، بۇ بايقاش ئالىملارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدىكى بىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەررىچە فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، شۇڭا 1976-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى دىڭ جاۋجۇڭغا بېرىلدى.

ئۇ 1981-يىلدىن ئېتىبارەن، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 400 نەچچە فىزىك ۋە 1000 نەپەر ئىنژېنېرغا رەھبەرلىك قىلىپ، زەررىچە فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، زەررىچە فىزىكىسىدا تېخى ئېچىلمىغان ساھە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2543.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#