خارۋېي

قان ئايلىنىش قائىدىلىرىنى تۇنجى بولۇپ شەرھلەپ چىققان ئەنگلىيە لىك مەشھۇر دوختۇر خارۋېي 1578-يىلى ئەنگلىيە دىكى فولستوندا تۇغۇلغان. 1628-يىلى ئۆزىنىڭ شانلىق ئەسىرى «ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قان ھەرىكىتى توغرىسىدا تەتقىقات» نى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خارۋېي
باشقا نامى William Harvey
تۇغۇلغان ۋاقتى 1578-يىلى
كەسپى فىزىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى، دوختۇر
خەنزۇچە ئىسمى 威廉·哈维
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1628-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خارۋېيقان ئايلىنىش قائىدىلىرىنى تۇنجى بولۇپ شەرھلەپ چىققان ئەنگلىيە لىك مەشھۇر دوختۇر خارۋېي 1578-يىلى ئەنگلىيە دىكى فولستوندا تۇغۇلغان. 1628-يىلى ئۆزىنىڭ شانلىق ئەسىرى «ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قان ھەرىكىتى توغرىسىدا تەتقىقات» نى ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەرنى فىزىئولوگىيە تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۇك ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ يىڭى فىزىئولوگىيەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. بۇ كىتابنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىدە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ خىزمىتى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك بايانىدا ئىپادىلىنىدۇ. 

بىزگە نىسبەتەن (ھازىر بىزگە قان ئايلىنىش ئوقۇمى ناھايىتى ئايان) خارۋېينىڭ نەزەرىيەسى ناھايىتى ئېنىق، لېكىن قەدىمكى زامان بىئولوگلىرى ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس ئىدى. قەدىمكى كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك خاتا نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان: 

1. يېمەكلىكلەر يۈرەكتە قانغا ئايلىنىدۇ. 

2. يۈرەك قاننى ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرىدۇ؛

3. قىزىل قان تومۇرى ھاۋا بىلەن تولغان؛

4. يۈرەك «ھاياتلىقتا زۆرۈر بولغان قىممەتلىك ماددىلار» نى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. 

5. قىزىل قان تومۇر ۋە كۆك قان تومۇردىكى قان كۆپىيىپ ۋە ئازىيىپ تۇرىدۇ، بەزىدە يۈرەك تەرەپكە ھەرىكەت قىلسا، بەزىدە يۈرەكتىن چەتلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئەينى زاماندىكى گرېتسىيىلىك ئەڭ مەشھۇر دوختۇر گالنوس قان ئايلىنىش جەريانىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. ئارېستوتىل بۇ ھەقتىكى بىلىملەر توغرىسىدا توختىلىپ باققان ئەمەس. خارۋېينىڭ ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دوختۇرلار قان يۈرەكنىڭ تۇراقلىق بېسىم كۈچىگە تاينىپ، بەدەندىكى يېپىق ھالەتتىكى قان تومۇزلار سىستېمىسىدا ئايلىنىدىغانلىقىغا يەنىلا ئىشەنمىگەنىدى. 

خارۋېيخارۋېي قان ئايلىنىش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن توققۇز يىل تەجرىبە ئېلىپ بارغان. خارۋېي يۈرەكنىڭ رولى ناسوسنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، يىغىلغاندا قاننى سىقىپ چىقىرىدۇ؛ يۈرەك سول قېرىنچىسىدىكى قان ئۆپكىگە ئاقىدۇ؛ قان قېرىنچە پاسىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ؛ يۈرەك كلاپانى ۋە ۋىنا كىلاپانلىرىنىڭ رولى قاننىڭ تەتۈر ئېقىشىنى توسۇش؛ قىزىل تومۇرنىڭ سوقۇشى يۈرەك قىسقارغاندا تومۇرئىچىگە قان تولۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن ھاسىل بولىدۇ؛ كۆك تومۇر قاننى يۈرەكتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىل تومۇر قاننى يۈرەككە قايتۇرۇپ كېلىدۇ، دەپ شەرھىلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا شارائىتنىڭ چەكلىك بولۇشى، مىكروسكوپنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن خارۋېي يەنە قىل تومۇرلارنىڭ بارلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالدىن بىلىۋالغانىدى. خارۋېي ۋاپات بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئىتالىيلىك ئالىم مارېۋىس قىل تومۇرىنى بايقىغانىدى. 

خارۋېي يۈرەكنىڭ كۆك قان تومۇرىغا قان پومپىسى بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىمۇ شەرھىلىگەن. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تەجرىبە مىساللىرىنى كۆرسەتكەن ھەمدە تەپسىلىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەزەرىيەسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. گەرچە ئۇنىڭ نەزەرىيەسى دەسلەپتە قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ھايات ۋاقتىدا ئۆز نەزەرىيەسىنىڭ زامانداش ئالىملار تەرىپىدىن تامامەن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغانىدى.

1651-يىلى، خارۋېي «ھايۋانلارنىڭ نەسىللىنىشى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئەسەر ئىمبىرىئولوگىيە (تۆرەلمىشۇناسلىق) دىن ئىبارەت بۇ يېڭى پەننىڭ باشلىنىشى دەپ قارالغان. بۇ جەھەتتە خارۋېي تۇنجى ئۇستازى ئارېستوتىلنىڭ ئەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ «ئالەمدىن تۆرىلىش تەلىماتى» (تۆرەلمىنىڭ بارلىق مۈچىلىرى ئالدىن شەكىللەنگەن دېگەندىن ئىبارەت) كە ئىشەنمەيتتى. ئۇ ئارېستوتىلنىڭ تۆرەلمىدىكى ھەر خىل تۈزۈلمىلەر تەدرىجىي ھاسىل بولىدۇ دېگەن تەلىماتىنى قوللايتتى ھەمدە «تەدرىجىي پەيدا بولۇش» دېگەن ئاتالغۇنى ياراتتى. 

خارۋېنىڭ ھاياتى ئۇزۇن، قىزىقارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات ئىدى. 

خارۋېي ئەنگىلىيە كورۇللىرىدىن جامېس Ⅰ بىلەن چارلېز Ⅰ نى ياخشى كۆرەتتى. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە مەشھۇر پەيلاسوپ باكوننى ئىنتايىن ھۈرمەتلەيتتى. خارۋېي لوندون مېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولۇشنى رەت قىلغان. ئۇ توي قىلغان، لېكىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇ 1657-يىلى 79 يېشىدا لوندۇندا ۋاپات بولدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#