ياپونىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى
ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇش ۋاقتى 1904-يىل ۋە 1905-يىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ياپون ئىمپىرىيىسى بىلەن رۇسىيە ئىمپېرىيەسى جۇڭگونىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىغان بىر مەيدان كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چارروسىيە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جۇڭگونىڭ 1 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنىنى قوشۇۋالغان. 1900-يىلى ئۇ سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يەنە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالغان. بۇ ھال ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال قىسمىنى بېسىۋېلىش قارا نىيىتى بىلەن كەسكىن زىددىيەت پەيدا قىلغان.
1902-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە «ئەنگلىيە-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە چارروسىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارىتىلغان، ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال قىسمىنىڭ ۋە چاۋشيەننىڭ «مۇستەقىللىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈش تەكىتلەنگەن. ئەنگلىيە-ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ياپونىيىنى ئەندىشىدىن خالىي قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئۇرۇشقا جىددىي تەييارلىنىپ، ئۇرۇش ئارقىلىق روسىيە كۈچلىرىنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بەل باغلىغان.
1904-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيە ئۇرۇش ئېلان قىلماستىنلا ئۇرۇش باشلاپ، لۈشۇن پورتىدا تۇرغان روسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، روسىيە فلوتىنى لۈشۇن پورتىغا قاماپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى چاۋشيەن ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇرۇقلۇققا چىققان. قۇرۇقلۇققا چىققان ياپونىيە ئارمىيىسى دەسلەپتە لۈشۇن بىلەن لياۋنىڭ-شېنياڭ ئارىلىقىدىكى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. ئارقىدىنلا 1904-يىلى 8-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن روسىيە ئارمىيىسى لياۋياڭدا ئۇرۇش قىلغان. بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتقان، لېكىن روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى خاتا ھۆكۈم چىقارغانلىقتىن، چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن. 9-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى لياۋياڭنى ئىشغال قىلىۋالغان.
لۈشۇننى تالىشىش
لۈشۇننى تالىشىش ئۇرۇشى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ كەسكىن ئۇرۇشتۇر. ياپونىيە ئارمىيىسى لياۋياڭ بىرلەشمە ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، لۈشۇن يەككە-يېگانە بىر شەھەرگە ئايلىنىپ قالغان. 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسى لۈشۇنغا كۆپ قېتىم قاتتىق ھۇجۇم قوزغىغان، روسىيە ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە بازىسىغا ئىشىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. بۇ ئۇرۇش تاكى 1905-يىلى1-ئايغىچە داۋام قىلغان. ياپونىيە ئارمىيىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىنلا لۈشۇندىكى روسىيە ئارمىيىسىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1905-يىلى3-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى لياۋياڭنى ئىشغال قىلىۋالغان. روسىيە ئارمىيىسى شەرقىي شىمالدا ھالسىراپ قالغان بولسىمۇ، مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن، ئۇلار بىردىنبىر ئۈمىدىنى 1904-يىلى 10-ئايدا روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن يولغا چىقىدىغان دېڭىز فلوتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە باغلىغان.
ئەنگلىيە ياپونىيىنى قوللىغانلىقى، روسىيىنىڭ قارا دېڭىز فلوتى ئەنگلىيە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان داردانېل بوغۇزىدا چەكلەپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىغا كېلىپ ياردەم بېرىشكە ئامالسىز قالغان. روسىيە نائىلاج بالتىق دېڭىزىدىكى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ يەنە بىرىنى يىراق ئوكيانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ياردەم بېرىشكە يۆتكىگەن، لېكىن بۇ سەپەردە ھالىدىن كەتكەن فلوت 1905-يىلى 5-ئايدىلا يېتىپ كەلگەن، نەتىجىدە تسۇشىما بوغۇزىدا كۈچ توپلاپ ھالسىرىغان دۈشمەننى كۈتۈپ تۇرغان ياپونىيە فلوتى ئۇنى بىراقلا يوقاتقان.
ياپونىيەروسىيە ئۇرۇش روسىيە نائىلاج بالتىق دېڭىزىدىكى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ يەنە بىرىنى يىراق ئوكيانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ياردەم بېرىشكە يۆتكىگەن، لېكىن بۇ سەپەردە ھالىدىن كەتكەن فلوت 1905-يىلى 5-ئايدىلا يېتىپ كەلگەن، نەتىجىدە تسۇشىما بوغۇزىدا كۈچ توپلاپ ھالسىرىغان دۈشمەننى كۈتۈپ تۇرغان ياپونىيە فلوتى ئۇنى بىراقلا يوقاتقان. بۇ چاغدا روسىيىنىڭ جەڭدە يېڭىلىپ قېلىشى مۇقىملىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغانلىقتىن، سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ياپونىيەروسىيە ئۇرۇش 1905-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇرەسسە قىلغان. 8-ئايدا ياپونىيە-روسىيە دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىنىڭ پورتسمۇت شەھىرىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. 9-ئاينىڭ5-كۈنى ياپونىيە بىلەن روسىيە «پورتسمۇت تىنچلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان، چارروسىيە بۇ تىنچلىق شەرتنامىدە چاۋشيەننىڭ ياپونىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگودىن تارتىۋالغان لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولى ۋە روسىيىنىڭ ساخالىن (كۇيې) ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ياپونىيىگە ئايرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.