ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىقنى باشقۇرۇش چارىسى

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىقنى باشقۇرۇش چارىسى

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىقنى باشقۇرۇش چارىسى 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 101-نۇمۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىقنى باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
خەنزۇچە نامى 公证机构执业管理办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئۇمۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش ۋە كەسىپكارلىققا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»(تۆۋەندە«ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»دەپ قىسقارتىلدى) ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈلدى.

2-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» ۋە مۇشۇ چارە بويىچە قۇرۇلىدۇ.ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئومۇمىي سانىنى كونتىرول قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك.

3-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى بېجىرگەندە، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئوبيېكتىپ، لىللا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كەسىپكارلىق ئۆلچىمى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

4-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى بېجىرىشتە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى فۇنكىسىيىسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قانۇنسىز ئارىلاشسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ.

5-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەر بويىچە نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

6-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ تەلەپچان تەشكىلىدۇر. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق پائالىيىتىگە«ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»ۋە نىزامنامىسى بويىچە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

2-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇشنى تەستىقلاش

7-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

8-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى ناھىيە، رايون يوق شەھەر، رايون بار شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى شەھەرگە قاراشلىق رايوندا قۇرۇشقا بولىدۇ؛رايون بار شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە بىر ياكى بىر نەچچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشقابولىدۇ.ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مەمۇرىي رايۇنلار بويىچە قاتلاممۇ قاتلام قۇرۇلمايدۇ.

9-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسى، ئاھالە سانى، قاتناش ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك، ھەمدە شۇ جاينىڭ ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن قۇرۇش لايىھىسىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش لايىھىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:قۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈش ئاساسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كەسىپكارلىق رايونىنى ئايرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش ئومۇمىي سانى ۋە جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش لايىھىسى ۋە تەڭشەش لايىھىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بېكىتىشكە يوللاش كېرەك.

10-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كەسىپكارلىق رايونى تۆۋەندىكى رايۇنلارنى بىرلىك قىلىپ ئايرىشقا بولىدۇ:

(1)ناھىيە، رايون يوق شەھەر، شەھەرگە قاراشلىق رايوننىڭ باشقۇرۇش رايونى؛

(2)رايون بار شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ باشقۇرۇش رايونى ياكى تەۋەلىكىدە شەھەر رايونىنىڭ شەھەرگە قاراشلىق بارلىق رايونى.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق رايوننى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش ياكى ئۆزگىرىشىنى تەستىقلىغاندا بېكىتىدۇ.

11-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1)ئۆزىنىڭ نامى بولۇش؛

(2)مۇقىم ئورنى بولۇش؛

(3)ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇش؛

(4)ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشتا زۆرۈر بولغان مەبلىغى بولۇش.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بېكىتكەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش لايىھىسىگە ئۇيغۇن بولۇش.

12-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق كەسىپكارلىق تارىخىغا ئىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىشى، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىشى ھەمدە دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

13-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ ئىش باشلاش مەبلىغىنىڭ مىقدارىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى بېكىتىدۇ.

14-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەشكىللەپ قۇرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا دەرىجىمۇ دەرىجە يوللاپ تەستىقلايدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش ئىلتىماسى ۋە قۇرۇش دوكلاتى؛

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قوللانماقچى بولغان نامى؛

(3) ۋەزىپىگە تەيىنلىمەكچى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، قىسقىچە تارىخى، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات ماتېرىيالى؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللۇقىغا سايلىماقچى بولغان كىشىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش؛

(5) ئىش باشلاش مەبلىغى ئىسپاتى؛

(6) ئىش بېجىرىش ئورنى ئىسپاتى؛

(7) تاپشۇرۇشقا زۆرۈر بولغان باشقا ماتېرىياللار.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا يېڭىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى سەپلەشكە توغرا كەلسە، «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە يوللاش لازىم.

15-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قۇرۇشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار  چىقىرىشى كېرەك.قۇرۇشنى تەستىقلىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىشى؛ قۇرۇشنى تەستىقلىمىسا قەرەل ئىچىدە تەستىقلىماسلىق سەۋەبلىرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش قارارىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىگە مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش لازىم.

16-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامىنى، ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشتە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش تەڭشەش لايىھىسى بويىچە كەسىپكارلىق رايوننى ئايرىش، بىرلەشتۈرۈۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىشتە تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا دەرىجىمۇدەرىجە يوللاپ ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش لازىم. ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىغانلىرىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا دەرىجىمۇدەرىجە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

17-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەستىقىدىن ئۆتۈپ قۇرۇلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مۇھىم بولغان ئۆزگىرىش ئىشىنى تەستىقلاپ قارار قىلغان كۈندىن كېيىن 20كۈن ئىچىدە، ئۆلكىلىك دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرنال ئېلان قىلىش كېرەك.

3-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامى ۋە كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش

18-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقخانىسى دېيىلىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە نام قويىلىدۇ:

(1)ناھىيە، رايونىمىز شەھەردە قۇرۇلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامىنىڭ شەكلى: ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ نامى+شۇ ناھىيە، شۇ شەھەرنىڭ نامى+ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقخانىسى؛

(2)رايون بار شەھەر ياكى شۇنىڭ شەھەرگە قاراشلىق رايونىدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا نام قويۇش شەكلى: ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)نىڭ نامى+شۇ شەھەرنىڭ نامى+رەت نۇمۇرى+ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقخانىسى؛

(3)بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى ئۇنىڭ شەھەرگە قاراشلىق رايونىدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا نام قويۇش شەكلى: بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ نامى+رەت نۇمۇرى+ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقخانىسى.

19-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامىغا مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىق ئىشلىتىش كېرەك. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامىغا بىرلا ۋاقىتتا شۇ جايدا ئورتاق ئىشلىتىدىغان مىللەت يېزىقىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامىدىكى خەت نۇمۇرى ئىككىدىن ئارتۇق خەتتىن تەشكىل قىلىنىش ھەمدە تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدە قۇرۇلغان باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامى ئىچىدىكى خەت نۇمۇرىغا ئوخشاش بولماسلىقى ياكى ئوخشىشىپ قالماسلىقى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى نامىنىڭ مەزمۇنى ۋە يېزىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

20-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلۇش ياكى ئۆزگىرىشىنى تەستىقلىغاندا بېكىتىدۇ.

 ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بېكىتىشتىن ئۆتكەن نامىدا مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

21-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇشقا تەستىقلىغانلىق ۋە كەسىپكارلىق دوكومېنتىدۇر.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك:ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامى، مەسئۇلى، ئىش بېجىرىش ئورنى، كەسىپكارلىق رايونى، گۇۋاھنامە نومۇرى، گۇۋاھنامە تارقاتقان ۋاقتى، تەستىقلىغان ئورگان قاتارلىقلار.ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى رەسمىي نۇسخىسى ۋە قۇشۇمچە نۇسخىسى دەپ ئايرىلدى. رەسمىي نۇسخىسى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئېسىپ قويۇلىدۇ، قۇشۇمچە نۇسخىسى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، رەسمىي نۇسخىسى بىلەن قۇشۇمچە نۇسخىسى ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش ياسايدۇ.گۇۋاھنامىنىڭ رەت نۇمۇرى چارىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈزىدۇ.

22-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە، ئارىيەت بېرىشكە، رەنە قويۇشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ گۇۋاھنامىسى بۇزۇلۇپ كەتسە ياكى يوقاپ كەتسە، شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى دەرىجىمۇدەرىجە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ئالماشتۇرۇپ ياكى تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

23-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى نامى، ئىش بېجىرىش ئورنى، مەسئۇلى، كەسىپكارلىق رايۇننى ئۆزگەرتىشتە ياكى ئايرىش، بىرلەشتۈرۈۋېتىشتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا كەسىپنى توختىتىپ رەتكە سېلىش جازاسى بېرىلسە، كەسىپنى توختىتىپ رەتكە سېلىش مەزگىلىدەمەزكۇر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇشى لازىم.

4-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىقنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش

24-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلىشى، قوشۇن قۇرۇلىشى، كەسىپكارلىق پائالىيىتى، سۈپەتنى كونترول قىلىش، ئىچكى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

25-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ:

(1) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە قۇرۇش شەرتلىرىنى ساقلاش ئەھۋالى؛

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەستىقلاشقا ياكى ئەنگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يوللاش ئەھۋالى؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق ئەھۋالى؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ سۈپىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش ئەھۋالى؛

(5) قانۇن-نىزام ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن نازارەت قىلىدىغان ۋە تەكشۈرۈلىدىغان باشقا ئىشلار.

26-ماددا رايون بار شەھەرلىك ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ  تۆۋەندىكى ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ:

(1)تەشكىلىي قۇرۇلۇش ئەھۋالى؛

(2) كەسىپكارلىق پائالىيىتى ئەھۋالى؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ سۈپىتى ئەھۋالى؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىقىنى يىللىق تەكشۈرۈش ئەھۋالى؛

(5) ئارخىپ باشقۇرۇش ئەھۋالى؛

(6) مالىيە تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى؛

(7) ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرۇش ئەھۋالى؛

(8) ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى نازارەتچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان باشقا ئىشلار.

ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىقىنى يىللىق تەكشۈرۈش ئەھۋالى؛

27-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى كەسىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپى، مالىيە، مۈلۈك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق ھەرىكىتىگە نازارەتچىلىك قىلىشى، كەسىپكارلىق داۋامىدىكى سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى دۆلەت تۈزگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسىپكارلىق جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك.

28-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسىپكارلىق پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.تۆۋەندىكىلەرنى قىلسا بولمايدۇ:

(1) چىن ۋە قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرسە؛

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنى بۇزۇۋەتسە، ئۆزگەرتىۋەتسە؛

(3) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنى كەمسىتىش ياكى ئۇلارغا ئۈستەك، شىرىنكانە بېرىشتەك ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشنى ئېلىۋالسا؛

(4) كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاپ قويسا؛

(5) بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا گۇۋاھلىق ھەققى ئالسا؛

(6) قانۇن-نىزاملاردا ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە مەنئىي قىلىنغان باشقا ئىشلارنى قىلسا.

29-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى بېكىتكەن كەسىپكارلىق رايونى ئىچىدە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

30-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىي ئەھۋالىنى ستاتىستىكا جەدۋىلىنى قەرەللىك ھالدا تولدۇرۇشى، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ  يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدا قانات يايدۇرغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىنى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئېلىش، مالىيە باشقۇرۇش، ئىچكى تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى، ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپى ئەھۋالىنى ستاتىستىكا قىلىش جەدىۋىلىدىكى ستاتىستىكا قىلىدىغان تۈر ۋە شەكلىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈزىدۇ.

31-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھەر يىلنىڭ 1-پەسلىدە يىللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.يىللىق تەكشۈرۈشتە«ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ تەلىپى ۋە مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 26-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىدىغان ئىشلار بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ يىللىق كەسىپكارلىقى ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال باھالايدۇ.تەكشۈرۈش دەرىجىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈزىدۇ.

يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا يازمىچە ئۇقتۇرۇلىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

32-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئۆز تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەسىپكارلىق ئەھۋالىنى يىللىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى يىللىق تەكشۈرىدۇ.

33-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى نۇقتىلىق نازارەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك:

(1) ئەرز قىلىنسا ياكى پاش قىلىنسا؛

(2) كەسىپكارلىق داۋامىدا ناچار خاتىرە بولسا؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتلىرىنى ساقلىمىغان بولسا؛

(4) يىللىق تەكشۈرۈشتە ئىچكى باشقۇرۇش جەھەتتە ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالسا؛

34-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى نازارەتچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى ئەمەلىي تەكشۈرسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملاردىن تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەلىللىسە بولىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ئېلىپ بارغان نازارەتچىلىكى ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللارنى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش، ياساش، كۆيدۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.

35-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇش، ئۆزگىرىش، تىزىمغا ئېلىش ئىشلىرى، يىللىق تەكشۈرۈش، قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللاردا كەسىپكارلىق ئارخىپى ئورنىتىش كېرەك.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

36-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 41- ۋە 42-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى بولسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ياكى رايون بار شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى«ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ رايون ھالقىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى قوبۇل قىلسا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى رايون بار شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى توسىدۇ ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرىدۇ.

37-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي جازا تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىش لازىم.

38-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى، جازالاش سەۋەبى ۋە ئاساسىنى ھەمدە ئۇنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلىرىنى ئېيتىپ قويۇشى كېرەك،  ئېغىزاكى ئېيتىپ قويۇشتا خاتىرە قالدۇرۇش لازىم. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بايان قىلىشقا، ئاقلاشقا،  قانۇن بويىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

39-ماددا  ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى نازارەتچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە يىللىق تەكشۈرۈش داۋامىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى سەزسە ياكى ئالاقىدار شىكايەت، پاش قىلىشلارنى تاپشۇرۇۋالسا ۋاقتىدا دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشى، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، لىللا ھالدا پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، دەلىل-ئىسپات توپلىشى كېرەك.تەكشۈرۈلگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەكشۈرگۈچى ئورگانغا پاكىتنى بايان قىلىپ،  مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەك.

40-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، دەلىل-ئىسپاتنى دەلىللىشى ھەمدە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

41-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى نىزامنامە ۋە ئالاقىدار كەسىپ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق قائىدىسى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ كەسىپ جازاسى بېرىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق ئۆلچىمى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارنى سەزسە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

42-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىگە زىيان يەتكۈزسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆلىگەندىن كېيىن، قەستەنلىكى ياكى چوڭ سەۋەنلىكى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

43-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇشنى تەسقلاش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش، يىللىق تەكشۈرۈش داۋامىداخىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، نەپسانىيەتلىك قىلىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى فۇنكىسىيىسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكەئارىلىشىش قىلمىشلىرىدا بولسا، جاۋابكارلىقى بار خادىملارنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جىنايەت سادىر قىلغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قۇشۇمچە پرىنسىپ

44-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى دېگەن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى قۇرۇش لايىھىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ قۇرۇشىغا مەسئۇل بولغان ھەمدە ئۇنىڭغا كۈندىلىك نازارەتچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش فۇنكىسىيىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنى كۆرسىتىدۇ.

45-ماددا «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»ۋە مۇشۇ چارە يولغا قۇيۇلىشتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلىشى، ئورۇنلىشىشى، نامى، كەسىپكارلىق رايونى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» ۋە مۇشۇ چارىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەڭشەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىگە يوللاپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويسا بولىدۇ.

46-ماددا بۇ چارىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى چۈشەندۈرىدۇ.

47-ماددا بۇ چارە 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#