جىغان مېۋىسى

جىغان مېۋىسى

جىغان مېۋىسى  بولسا جىغان ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسى بولۇپ، «جىغان مېۋىسى»، نامىدا دورىغا ئشلىتىلىدۇ،  سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىقلارنى تارقىتىش رولىغا ئىگە. 

ئۇيغۇرچە نامى جىغان مېۋىسى
ئەرەبچە نامى ئۇلايىكى، دۇر
ئىنگلىزچە Seabuckthorn Fruit
جىسمى ئازراق پۇراقلىق، مېۋە ئېتى مايلىق، سىلىق، يۇمشاق كېلىدۇ،
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە نامى 沙棘果
پارسچە نامى ئۇلايىكى، دۇر
شەكلى رەڭگى توق قىزىل رەڭدە، شار شەكىللىك،ئىچىدىن ئۇرۇق چىقىدۇ، مېغىزى ئاق مايلىق
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىغان مېۋىسىجىغان مېۋىسى  بولسا جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخكە تەۋە جىغان ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسى بولۇپ، «جىغان مېۋىسى»، نامىدا دورىغا ئشلىتىلىدۇ،رەڭگى توق قىزىل رەڭدە، شار شەكىللىك،ئىچىدىن ئۇرۇق چىقىدۇ، مېغىزى ئاق مايلىق ئازراق پۇراقلىق، مېۋە ئېتى مايلىق، سىلىق، يۇمشاق كېلىدۇ، ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.

ئىشتىھانى ئېچىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھۆنى پەسەيتىش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، كۆڭۈلنى ئېچىش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىقلارنى تارقىتىش

خاس تەسىرى

ئاشقازان-ئۈچەينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

يۆتەلگە زىيان قىلىدۇ.

مېۋىسى كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، ئۇچۇچان ماددا، گىلىكوزا، مېۋە قەنتى ئومۇمىي مىقدارى%8.5 -%10.5 گىچە. 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار

جىغان مېۋىسى 1.يۈرەك قان تومۇرغا بولغان تەسىرى: يۈرەك سانجىقىنىياخشىلايدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ بوتقاسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 2. نەپەس سىستېمىسىغا تەسىرى: بەلغەم بوشۇتۇش، يۆتەل پەسەيتىش، زىققىنى پەسەيتىش.

3. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا قارىتا: ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ھەزىم ناچارلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 5. (Vpp ,VC,VB,VA)كەملىكنى داۋالايدۇ.

1. جىغان سۈيىگە 1 گرام زەپەر قوشۇپ كۈندە  ئىككى ۋاق ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك ھەيدەپ، ئىششىق قايتۇرىدۇ، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.

2. ھۆل جىغان سۈيىنى كۈندە 10 مىللىلېتىردىن ئىچسە، جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، كۆڭۈل ئاينىشقا شىپا بولىدۇ.

3. جىغان مېۋىسى، بىھى، ئالما قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئىچسە، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسى

مىقدارى

9 ~ 3 گرام

ساقلاش

ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

بادام مېغىزى، سەرپىستان

ئورۇنباسارى

زىرىخ

جىغان شەربىتى.

ھەزىم ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، يۆتەل، جىگەر قېتىشىشتىن بولغان سۇلۇق ئىششىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=208

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#