يىراققا سەكرەش

يىراققا سەكرەش

يىراققا سەكرەش ئەڭ قەدىمىي تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك رەسمىي يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 708-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يىراققا سەكرەش
خەنزۇچە ئىسمى 跳远

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىراققا سەكرەشيىراققا سەكرەش ئەڭ قەدىمىي تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك رەسمىي يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 708-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدىكى ئەسلىھەلەر ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، پەقەتلا يەر يۈزى يۇمشىتىلغان، ئاندىن ئالدىغا بىر پارچە تاختاي قويۇلۇپ، قاڭقىش تاختىسى قىلىنغان. يەرگە چۈشكەندە يارىلىنىش ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېيىن قۇم ئازگىلى ئىجاد قىلىنغان.

يىراققا سەكرەشئەرلەر يىراققا سەكرەشنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىسى مايچېر ياراتقان بولۇپ، نەتىجىسى 48.5 مېتىر بولغان. 10 يىلدىن كېيىن ئىرېلاندىيە ماھىرى لان يەتتە مېتىردىن تۇنجى بولۇپ نەتىجىسى 05.7 مېتىر بولغان. 1931-يىلى ياپونىيە ماھىرى نەنپۇ جۇڭپىڭ نەتىجىنى98.7 مېتىرغا كۆتۈرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نەنپۇ جۇڭپىڭ ھەر دائىم ھايۋانات باغچىسىغا بېرىپ، ھايۋانلارنىڭ سەكرەش قىياپىتىنى كۆزەتكەنىكەن، ئۇ مايمۇننىڭ سەكرىگەندە ئىككى قولىنى كۈچەپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈش، يەرگە چۈشۈشتىن ئاۋۋال ئىككى پۇتىنى يۇقىرىغا ئېگىش، يەرگە چۈشكەن پەيتتە ئىككى پۇتىنى ئالدىغا سۇنۇشتەك ھەرىكەتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، «ئېسىلىش ھالىتى» دە يىراققا سەكرەش تېخنىكىسىنى ياراتقان. 1935-يىلى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك تەنھەرىكەتچى ئوۋېنىس ئالدى بىلەن 13.8 مېتىرلىق ئەلا نەتىجە يارىتىپ، يىراققا سەكرەش ھەرىكىتىنىڭ سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ رېكورتى 25 يىل ساقلىنىپ. 1960-يىل 5-ئايغا كەلگەندىلا ئامېرىكىلىق يەنە بىر قارا تەنلىك تەنھەرىكەتچى پۇستون بۇ رېكورتنى بۇزغان. 1968-يىل 10-ئايدا ئامېرىكىلىق بېئامون 19-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 90.8 مېتىرلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك نەتىجە يارىتىپ، بۇ رېكورتنى 23 يىل ساقلىغان. 1991-يىل 8-ئايدا ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى باۋۋېر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بۇ تۈرنىڭ 95.8 مېتىرلىق يېڭى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. 

ئاياللارنىڭ يىراققا سەكرەش ھەرىكىتى  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا بارلىققا كەلگەن. 1928-يىلى ياپونىيە ماھىرى رېنجەن جۇەنجى 98.5 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن بۇ تۈرنىڭ تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. تۇنجى بولۇپ يەتتە مېتىردىن ھالقىغان تەنھەرىكەتچى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق باردوسكىنىي، ئۇ 1978-يىل 8-ئايدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 07.7 مېتىر ۋە 09.7 مېتىرغا سەكرەپ، ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى 52.7 مېتىر بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق چېستاكوۋا 1988-يىل 6-ئايدا ياراتقان. 

يىراققا سەكرەشنىڭ ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش دەپ ئاتىلىدىغان بىر قېرىندىشى بار، بۇ ھەرىكەت تۈرى كېچىكىپرەك مەيدانغا كەلگەن. تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئامېرىكىلىق كونوللى 71.13 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان. 1911-يىلى ئامېرىكىلىق ئايخىن ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش تۈرىنىڭ تۇنجى رەسمىي دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان، نەتىجىسى 52.15 مېتىر. نۆۋەتتە بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتى 97.17 مېتىر بولۇپ، ئامېرىكىلىق بانكىس 1985-يىل 6-ئايدا ياراتقان. ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىسى زۇجېنشيەن 1981-يىل 9-ئايدا 34.17  مېتىرلىق نەتىجە ياراتقان. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئاياللار ئۈچ تاقلاپ يىراققا سەكرەش بەزى دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلدى. 1991-يىلى خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى بۇ تۈرنى رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىپ تەستىقلىغان. 

مەملىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يىراققا سەكرەش رېكورتى ئەرلەرنىڭ 36.8 مېتىر (فۇجيەنلىك چېن زۇڭرۇڭ 1992-يىل 5-ئايدا ياراتقان) ، ئاياللارنىڭ 01.7 مېتىر (خېيلۇڭجياڭلىق ياۋ ۋېيلى 1993-يىل 6-ئايدا ياراتقان) . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#