ھەمراخان مەنسۇر

ھەمراخان مەنسۇر

جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى ھەمراخان مەنسۇر 1952-يىلى  ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھەمراخان مەنسۇر
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1952-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ئۈرۈمچى
كەسپى دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەمراخان مەنسۇرجۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى ھەمراخان مەنسۇر 1952-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان.

1965-يىلى 13 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر قىزى ھەمراخان مەنسۇر ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. 

1969-يىلى 17 ياشقا كىرگەن ھەمراخاندا ئارمىيەگە قاتنىشىش ئويى پەيدا بولغان بۇلۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم ئاكتىپلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى تەشكىلنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشىپ بېيجىڭدا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئارمىيەگە قاتناشقان. شۇ يىلى ئۇ يىراقتىكى گۇاڭجۇ جەنۇبىي دېڭىز فىلوتىغا بېرىپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئۇيغۇر ئايال دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسىگە ئايلانغان.

ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى، زىممىسىدىكى بۇرچى ۋە ھەر قايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق 20 ياشقا كىرگەن ھەمراخان 1972-يىلى رەسمىي ھالدا كادىرلىققا ئۆستۈرۈلۈپ ئايال ئوفىتسېرغا ئايلانغان.

ھەمراخاننىڭ نىڭ ئارزۇسى ھاياتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە يەنە بىر قېتىم ۋەتەننىڭ ئاۋىياماتكىسىغا چىقىش. 

ھەمراخان مەنسۇرھەمراخان ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەن نەمۇنىچىسى، ئارمىيەدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئارمىيەدىكى مۇنەۋۋەر سېسترا، ئارمىيە بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلغۇچى ئىلغار شەخس، نايتىڭگېل مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دېگەندەك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە ئىككى قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

ھەمراخان مەنسۇرھەمراخان ئانىنىڭ ئارزۇگۈل ئىسىملىك بىر قىزى بار، ئۇ چاقچاق قىلىپ «مېنى ئانام تۇغقان، ئەمما ئانامنى خىزمىتى تۇغقان» دەيدۇ.

ھەمراخان ئانا دەسلەپتە ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى ئانچە چۈشەنمىگەنلىكىنى، ئەينى چاغلاردا ئازراق ئازار يېگەن بولسىمۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ «بىر ئادەم ئۇنچە كۆپ يىل ئۆمۈر كۆرمەيدۇ، بىر ئىشنى ياخشى قىلسىلا شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك» دېگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۇندىدار سالونى

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#