فۇپەل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
فۇپەلفۇپەل بولسا پالما ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان ئېگىزلىكى 8 ~ 15 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان پالما دەرىخى بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى «فۇپەل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ تەمى قېرىق ئاچچىقراق، رەڭگى قىزغۇچ بېغىررەڭ، چوڭلۇقى جويۇزنىڭ چوڭلۇقىدەك، بەزىسى يۇمىلاق،بەزىسى ياپىلاق بولىدۇ. چوڭلۇقى جويۇزنىڭ چوڭلۇقىدەك، بەزىسى يۇمىلاق،بەزىسى ياپىلاق بولىدۇ.مېۋىسىنىڭ تەمى قېرىق ئاچچىقراق، رەڭگى قىزغۇچ بېغىررەڭ.ئېلىمىزدىكى يۈننەن،گۇاڭدۇڭ، فۇجىيەن، تەيۋەن قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. قۇرت چۈشۈرۈش رولى: ئارىكولىن قۇرت چۈشۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەركىبىدۇر ، تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن قۇرتنىڭ ھەممە جايلىرىنى پالەچ قىلىدۇ، كالا تاسما قۇرتنىڭ پەقەت باشقا قىسىمى ۋە تېخى يېتىلمىگەن بوغۇم پارچىلىرىنى پۈتۈنلەي پالەچ قىلىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا بۆلەكچە ۋە ئاخىرىقى بۆلەكچىلىرىدىكى تۆرەلمە تۇخۇمنىڭ بوغۇم پارچىلىرىغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس، بەدەن سىرتقى تەجرىبسىدىن قارىغاندا، تۈتۈ مەددىسىنىمۇ زەھەرلەيدۇ، ئىلمەك باشلىق قۇرتقا نىسبەتەن ئانچە تەسىرى يوق.
2. زەمبۇرۇغ، ۋىروسلارغا قارشىلىق رولى: سۇدىكى چىلانمىسى تەجرىبە نەيچىسىدە بىنەپشە رەڭلىك تۈكلۈك تەمرەتكە زەمبۇرۇغى قاتارلىق تېرە زەمبۇرۇغلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تورمۇزلايدۇ، قايناتمىسى بىلەن سۇدىكى چىلانمىسى تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسىنىڭ «A» تىپىنى مەلۇم دەرىجىدە تورمۇزلايدۇ، ۋىروسقا قارشى تۇرۇش تەسىرى فۇپەل ئىچىدىكى تاننىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
3. خۇلىن ئاكسېپتورىغا نىسبەتەن تەسىرى: ئارېكولىننىڭ تەسىرى پىلوكارپىن (Pilocarpine) نىڭ تەسىرىگە ئوخشايدۇ.
4. زەھەرلىنىش ۋە باشقا تەسىرى: ئارېكولىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە، شۆلگەي ئېقىش، قۇسۇش، سۈيدۈك راۋان بولۇپ كېتىش، بىھوش ئۇخلاش ياكى تارتىشىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. فۇپەل تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بارلىقى ئىسپاتلانغان، فۇپەلنى داۋاملىق يەيدىغانلارنىڭ تەم سېزىشى تۆۋەنلەپ، ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، چىشى بوشاپ كېتىدۇ، ئازراق ئىچى سۈرىدۇ.
فۇپەل تەركىبىدە %0.6 ~ %0.3 ئالكالوئىد،%15 تاننىن، %14 ياغ ۋە فۇپەل قىزىل پىگمېنتى (Arecared) قاتارلىقلار بار، ئالكالوئىدنىڭ ئاساسلىق تەركىبى %0.5 ~ 0.1 فۇپەل ئىشقارى (Arecolin) ، قالغانلىرى ئارېكولىدىن (Arecoliine) ، ئالى فۇپەل ئىشقارى (Homoar coline) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
فۇپەل1. موزا، ئانار گۈلى، ئانار پوستى، فۇپەل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، چىش مىلىكىنى چىڭىتىدۇ.
2. بوغا مۈڭگۈزىدىن 5 گرام، ئاق سەندەل، ئانار گۈلى، فۇپەل، شېكەر قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 200 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ ئىچسە، ھەيزنى توختىتىدۇ.
3. كۈندۈز، مەستىكى، فۇپەل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 3 گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
4. بەرەڭگى كابىلىدىن 10 گرام، كاۋا ئۇرۇقىدىن 20 گرام، خىيار شەنبەردىن 15 گرام، قەنبىلدىن 5 گرام، فۇپەلدىن 10 گرام ئېلىپ قايناتما ياكى سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، مەددە قۇرتنى چۈشۈرىدۇ.
سۇپۇپى سۇپارى، مەجۈنى سۇپارى پاك، سۇپۇپى سۆئلەپ، مۇفەررى ئەھمەر.
ئۈچەي پارازىت قۇرت كېسەللىكى، ئىچ سۈرۈش، قورساق كۆپۈش يەل تۇرۇپ قېلىش، ئۈچەي ياللۇغى، بەزگەك، پۇت تەمرەتكىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، پۇت ئىششىپ ئاغرىش، چىش مىلىكى قاناش، بالىياتقۇ ئاجىزلىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھەيز توختىماسلىق، مەنىي يۈرۈپ كېتىش، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.