كوللېكتىپ گىمناستىكا

كوللىكتىپ گىمناستىكا

كوللېكتىپ گىمناستىكا تەشۋىقات-ئويۇن كۆرسىتىش خاراكتېرلىك گىمناستىكا تۈرى بولۇپ، ئۇنىۋېرسال كوللېكتىپ ئويۇن كۆرسىتىش شەكلىدىكى گىمناستىكا مەشغۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كوللېكتىپ گىمناستىكا
خەنزۇچە نامى 团体操

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوللىكتىپ گىمناستىكاكوللېكتىپ گىمناستىكا ھەر قېتىمقى ئويۇن كۆرسىتىشتىكى كونكرېت تەلەپلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، مەزمۇنى مۇقىم بولمايدۇ. ئادەتتە ئەسۋابسىز گىمناستىكا ۋە يەڭگىل ئەسۋابلىق گىمناستىكا بىلەن ماھىرلىق، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ، ھەر خىل شەكىل چىقىرىش، ھەرىكەت ۋە سەپ شەكىلىرىدىن خىلمۇخىل كۆرۈنۈشلەر پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردىكى كىيىم-كېچەك، سەھنە جابدۇقلىرى، دېكوراتسىيە ۋە ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئويۇن كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېنىق تېما ئىدىيىسى، بەدىئىيلىك، گەۋدىلىك گىمناستىكا ئالاھىدىلىكى ۋە مول مىللىي ئۇسلۇپ نامايان قىلىنىدۇ. 

1987-يىلى ئېلىمىزنىڭ 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ گىمناستىكا − «بۈيۈك ئىرادە» نى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېرروئود شاھزادە: بۇنداق ياخشى يۇقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە كوللېكتىپ گىمناستىكىنى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەسلا كۆرۈپ باقماپتىمەن، دەپ ماختىغان. «بۈيۈك ئىرادە» − «قارشى ئېلىش» ، «ئىپتىخارلىق» ، «ئۈمىد» ، «ئېلىشىش» ، «پەرۋاز» دىن ئىبارەت بەش مەيدان گىمناستىكىدىن تەشكىل تاپقان، ئورۇنداشقا قاتناشقانلار14 مىڭدىن ئاشقان. ئارقا كۆرۈنۈش جەمئىي32 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى86 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. «بۈيۈك ئىرادە» دىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەردە ئېلىمىز خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىلىرى، جۇڭخۇانىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى نامايان قىلىنىپ، كىشىگە كۈچ ۋە گۈزەللىكتىن ئىبارەت بەدىئىي ھوزۇر بەخش ئېتىدۇ.

ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كوللېكتىپ گىمناستىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئۇسلۇبلار بولىدۇ. روسىيىنىڭكىدە يۇقىرى گىمناستىكا تېخنىكىسى بىلەن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىراق بىرلەشمە ئەسۋابلاردا ئويۇن كۆرسىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. ياپونىيىلىكلەر ھەشەمەتلىك سەھنە دېكوراتسىيىسى، مۇنتىزىملاشقان ئەسۋابسىز گىمناستىكا ۋە ئارخاتچە قەۋەت ياساش بىلەن داڭق چىقارغان. چاۋشيەننىڭ گەۋدىلىك يېرى مەيدان قېتىمى كۆپ، دېكوراتسىيە ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بىر تېمىنى كۆپ تەرەپلىمە ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئېلىمىزنىڭ كوللېكتىپ گىمناستىكىدىكى ئالاھىدىلىكى سەپ ئۆزگىرىشلىرى ئەپچىل، كۆرۈنۈشلىرى ھەيۋەتلىك، مەزمۇنى مول، دېكوراتسىيە كۆرۈنۈشلىرى ئېنىق ھەم ئىنچىكە تەشكىللەش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#