قىش

قىش، يىلنىڭ تۆرت پەسىلىدىن بىرى ۋە كۈز بىلەن ئەتىياز پەسلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەسلىدۇر. زېمىستان قىش دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا كۈنەك، قەھرىتان ۋە ھۇد ئايلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. يىلنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرى بۇ پەسلىدە ياشىنىدۇ. ھاۋا نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ مۇز قاتىدۇ، قار ياغىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قىش
چەتئەلچە نامى winter
خەنزۇچە نامى 冬季
باشقا نامى قىش پەسلى، قىش مەزگىلى، قار پەسلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىشقىش، يىلنىڭ تۆرت پەسىلىدىن بىرى ۋە كۈز بىلەن ئەتىياز پەسلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەسلىدۇر. زېمىستان قىش دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا كۈنەك، قەھرىتان ۋە ھۇد ئايلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. يىلنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرى بۇ پەسلىدە ياشىنىدۇ. ھاۋا نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ مۇز قاتىدۇ، قار ياغىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزدا قىش دەستلەپتە سىبىرىيەگە يېقىن بولۇشى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالى، بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتى دىن باشلاپ جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. ئالتاي ۋە تەڭرىتاغنىڭ يۈكسەك قىسىملىرىدا قىش نىھايەتتە قاتتىق ئۆتىدۇ. قىش كۆرمەيدىغان جايلار يوق.

قىشقىش كىرىشى بىلەن سۇلار تۇڭلاپ، قارلار ياغىدۇ، ھەتتا شىۋىرغانلىق ھاۋارايى بۇ پەسىلدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋەجدىن ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولىدۇ. ئىنسانلار ئىگنىنى تېخىمۇ قېلىن كىيىملەرگە ئالماشتۇرىدۇ.

قىشتا قار ياخشى ياغسا كېلەچەك يىل مول ھوسوللۇق ئىچىدە ئۆتىشىگە ئىشىنىلىدۇ. ھەم قار كۆپ يەرلەردە مەخسۇس قار تېيىلىش مەيدانلىرى ياسىلىپ قىشلىق ساياھەت قانات يايدۇرۇلىدۇ.

مىلادىيە يېڭى يىل شىمالىي يېرىم شاردا قىشتا كۈتىۋېلىنىدۇ.

قىشباش قىش ۋاقتى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 225 گرادۇس بولۇپ، 11-ئاينىڭ 7-8 كۈنلىرى.

كىچىك قار ۋاقتى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 240 گرادۇس بولۇپ، 11-ئاينىڭ 22-23 كۈنلىرى.

چوڭ قار ۋاقتى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇقى 255 گرادۇس بولۇپ، 12-ئاينىڭ 6-8 كۈنلىرى.

قىشلىق توختاش ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇقى 270 گرادۇس بولۇپ، 12-ئاينىڭ 21-23 كۈنلىرى.

تەبىيىتى سوغاق قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 285 گرادۇس بولۇپ، 1-ئاينىڭ 5-7 كۈنلىرى.

قەھىرىتان سوغاق قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 300 گرادۇس بولۇپ، 1-ئاينىڭ 20-21 كۈنلىرى.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#