جىنفوشەن تېغى مەنزىرىلىك رايونى
جىنفوشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى نەنچۇەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە، تاغ دېڭىز يۈزىدىن 800 −2200 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى تەخمىنەن 260 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىنفوشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سىچۇەن ئۆلكىسى نەنچۇەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەسىدە، تاغ دېڭىز يۈزىدىن 800 −2200 نەچچە مېتىر ئېگىز، كۆلىمى تەخمىنەن 260 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جىنفوشەن تېغىنىڭ قەدىمكى نامى جيۇدىشەن تېغى، ئۇ سىچۇەندىكى تۆت مەشھۇر مەنزىرىلىك تاغنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمدە «جەنۇبتىكى تۇنجى توسۇق» دەپ ئاتىلاتتى؛ ئىپتىدائىي، ئاجايىپ-غارايىپ تەبىئىي تاغ چوققىلىرى، ئورمانلىق ھاڭلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان. ئۆسۈملۈكلەر يەر شەكلىنىڭ تۈزۈلۈش پەرقى بويىچە تارقالغان. ئۆزگىچە چاسا بامبۇك ۋە ئىچى پۈتەي بامبۇكلار پۈتۈن تاغنى قاپلىغان.
مەنزىرىلىك رايوندا چوققا ۋە قىيالار، جىلغا ۋە غارلار بار، شارقىراتما، ئېرىق، بۇلاقلار كۆپ. «سەنچۇەن يىڭخۇي» (جىلۋە قىلغان ئۈچ بۇلاق) بىر كەسمە يۈزدىكى ئۈچ بۇلاق كۆزىدىن تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغان ئىسسىق سۇ چىقىشى بىلەن داڭلىق. يەنە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆرلەيدىغان چاۋشۇيچۇەن ۋە يىل بويى سۈيى بىر خىل مىقداردا تۇرىدىغان يىۋەنشۇي(بىر پىيالە سۇ) بۇلىقى قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە تەبىئىي مۇھىتتا شەكىللەنگەن مېتېئورولوگىيىلىك مەنزىرىلەردىن جىنفوشەن تېغىدىكى كەچكى شەپەق، ئاق بۇلۇت، ئەتىگەنلىك قۇياش مەنزىرىلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.