بېيپىڭ-تيەنجىن جېڭى

بېيپىڭ-تيەنجىن (پىڭ-جىن) جېڭى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى ۋە شىمالىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسى بېيپىڭ، تيەنجىن، جاڭجياكۇ رايونىدا گومىنداڭ ئارمىيىسگە قارشى قوزغىغان بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك جەڭ. 

نامى بېيپىڭ-تيەنجىن جېڭى
ئورنى بېيپىڭ - تىيەنجىن رايونلىرى
ۋاقتى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 5 -كۈنىدىن 1949-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە
نەتىجىسى ئازادلىق ئارمىيە غەلىبە قىلدى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭخۇا مىنگو ئارمىيەسى
ھەربىي كۈچ ئازادلىق ئارمىيە 1 مىليون، گومىنداڭ ئارمىيەسى 5 مىليون 210 مىڭ
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئازادلىق ئارمىيە 39 مىڭ، گومىنداڭ ئارمىيەسى 29 مىڭ ئادەم
خەنزۇچە نامى 平津战役

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېيپىڭتيەنجىن جېڭى1948-يىلى 12-ئايدا لياۋنىڭ-شېنياڭ جېڭى ۋە خۇەيخەي جېڭىنىڭ قاتتىق زىلزىلىسىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 600 مىڭ ئەسكىرى ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، ئوقتىن ئۈركۈگەن قۇشتەك تېپىرلاپ، يا چېكىنىشنى، يا مۇداپىئەدە تۇرۇشنى بىلەلمەي، بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) ، تيەنجىن، تاڭگۇ، جاڭجياكۇ لىنىيىسىدە قاپسىلىپ قالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىمالىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى بىڭتۇەنى بىلەن شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن بىڭتۇەنى بېيپىڭ، جاڭجياكۇلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان فۇ زويى قىسىملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سۈييۈەنگە قېچىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، «قورشىۋېلىپ ھۇجۇم قىلماي» دۈشمەننى توسۇپ تۇردى. ئاندىن شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بېيپىڭ، تيەنجىن، تاڭگۇ، تاڭشەن ئارىلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، «ئايرىۋېتىپ قورشاۋغا ئالماي» دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ تايانچ نۇقتىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، شىمالىي جۇڭگودىكى جاڭجياكۇدىن تاڭگۇغىچە بولغان 800 چاقىرىملىق ئۇرۇش سېپىدىكى دۈشمەن ئارمىيىسىنى جەڭ قىلىشقا مادارى يوق، قوغدىنىشقا ئىقتىدارى يوق، چېكىنىشكە يولى يوق پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. 

12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيپىڭ-تيەنجىن جېڭى باشلاندى. 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنباۋئەن ۋە جاڭجياكۇنى ئالدى. 1949-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تيەنجىننى ساقلاۋاتقان دۈشمەنگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ 130 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، قوماندان چېن چاڭجيېنى تۇتۇپ، تيەنجىننى ئازاد قىلدى. بۇ چاغدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىليون كىشىلىك قوشۇنى بېيپىڭ رايونىغا توپلاندى، بېيپىڭدىكى 200 نەچچە مىڭ دۈشمەن كۈپنىڭ ئىچىدىكى تاشپاقىغا ئوخشاپ قالدى. بېيپىڭدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى فۇ زويىنىڭ باشچىلىقىدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشىنى قوبۇل قىلدى. 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيپىڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقى جاكارلاندى.

بېيپىڭ-تيەنجىن جېڭى 56 كۈن داۋاملىشىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 520 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يوقىتىلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگو ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلىپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قىلىشىغا ساناقلىقلا كۈن قالدى.

بېيپىڭتيەنجىن جېڭى1948-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى ئاخىرلاشتى، مەملىكەت بويىچە ھەربىي ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سۈپەت جەھەتتىن ئاللىقاچان ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، يەنە كېلىپ سان جەھەتتىمۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي شىمال جەڭ مەيدانىدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ۋېي لىخۇاڭ گورۇھى 472 مىڭ ئادەم، پۈتكۈل شەرقىي شىمال ئازاد قىلىندى؛ شەرقىي جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك جەڭ مەيدانلىرىدىكى قورشاپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىگە قاراشلىق ليۇ جى گۇرۇھىغا خۇەيخەي ئۇرۇشى قوزغىدى.  

گومىنداڭ ئارمىيەسى 

جياڭ جيېشى تېلېگرامما ئارقىلىق 11- ئاينىڭ بېشىدا فۇ زويىنى نەنجىڭغا كەلتۈرۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى، شىمالىي جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى پەقەت شەرقىي شىمال ئازادلىق ئارمىيە دەپ چىڭ سۇلالىسى قورۇلدىن كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن بىرلىكتە بىر قەدەر چوڭ ھۇجۇم قوزغىغان، لېكىن شەرقىي شىمالدىكى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئۈچ ئاي، ھەتتا يېرىم يىل دەم ئالدۇرۇش تەرتىپكە سېلىنغان. بېيپىڭ-تىيەنجىن رايونلىرىنى كونترول قىلىپ ھەم پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ۋە شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى ھەربىي قوشۇننى كېڭەيتتكەن. 

خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 

1948-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭ شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسىنى دەم ئالدۇرۇپ، تەرتىپكە سېلىش بىر ئاي ئەتراپىدا بولدى، ئاندىن ئىچكىرلىگەن ھالدا، شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونى قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا، 1949 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا فۇ زويى گۇرۇھىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقاتتى، بېيپىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلارغا ئەگىشىپ، شەرقىي شىمال بىلەن شىمالىي جۇڭگو بىر تۇتاش ئازاد بولدى. 

بېيپىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئۇرۇش ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇش. بېيپىڭ - تيەنجىن جېڭى، ئازادلىق ئۇرۇشى ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ ئۈچ چوڭ جەڭدە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇش، بۇ جەڭدە، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىپ 5 مىليون 210 مىڭ ئادەم تەشكىللىگەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 39 مىڭ نەچچە ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە، ھەربىي زەربە بېرىش بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قولغا كەلتۈرۈشى بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مەدەنىيەت قەدىمىي پايتەخت بېيپىڭ ۋە سودا - سانائەت چوڭ شەھەرلەر، تيەنجىن خەلقنىڭ ئىلىكىگە ئۆتتى، ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى تارىخىي سەھىپە يېزىلدى. 

پىڭ - جىن ئۇرۇشى 64 كۈن داۋاملاشقان، شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى ۋە شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ قىسىملىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا گومىنداڭ ئارمىيەسى فۇ زويى گۇرۇھىنى ھۇجۇمىدا غەلبە قىلدى، ستراتېگىيىلىك مۇھاسىرىگە ئېلىش تاكتېكىلىق ئېلىپ بېرىلدى، ھەمدە ھەربىي بېسىم ۋە سىياسىي جەھەتتىن قولغا كەلتۈرۈشى، بېيپىڭ ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#