ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشى

ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشى

ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشى 19-ئەسىر بىلەن 20-ئەسىر ئارىلىقىدا ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزسىدىن بور مۇستەملىكلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش يەنە بورلار ئۇرۇشى ياكى جەنۇبىي ئافرىقا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ جاھانگىرلارنىڭ ئافرىقىنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش يولىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نامى ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشى
باشقا ئاتىلىشى بورلار ئۇرۇشى، جەنۇبىي ئافرىقا ئۇرۇشى
ۋاقتى 19-ئەسىر بىلەن 20-ئەسىر ئارىلىقىدا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 布尔战争
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار ئەنگلىيە، بورلار
چەتئەلچە نامى Boer War

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيەبور ئۇرۇشى1867-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئورېنچ رايونىدا زاپىسى مول ئالماس كانى بايقالدى. 1886-يىلى يەنە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ترانسۋائالدىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا كۆچمەنلىرى ئايىغى ئۈزۈلمەي ئېقىپ كېلىپ، كان ئېچىپ گۆھەر ئىزدەشكە باشلىدى. ئەنگلىيە مونوپۇل كاپىتالىستلىرى ئالماس ۋە ئالتۇن كانچىلىقىدىن كېلىدىغان زور پايدىنىڭ كۈچلۈك قىزىقتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا زېمىنىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ يەر ئاستى بايلىقىنى ئۆزلىرى يالغۇز ئىگىلىۋېلىشقا تاقىتى تاق بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي ئافرىقا يەنە ئەنگلىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك جاي ئىدى. ھالبوكى، ئەينى ۋاقىتتىكى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ پۇشتى بورلار ئورېنچ بىلەن ترانسۋائالدا ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەرلىك نېگىرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقوقىنى، تالان-تاراج قىلىش ھوقوقىنى قوغداش ئۈچۈن، گېرمانىيەنىڭ كۈشكۈرتۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكسىنى كېڭەيتىشىگە قارشىلىق كۆرسەتتى. ئەنگلىيە بىلەن بورلارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زېمىن تالىشىش كۈرىشى كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. 

ئەنگلىيەبور ئۇرۇشى1899-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ترانسۋائال جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كروگر ئەنگلىيىگە ئۇلتىماتۇم ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە-بور توقۇنۇشىنى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ كېسىم چىقىرىشىغا تاپشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپ، ئەنگلىيىنىڭ ترانسۋال چېگرىسى ئەتىراپىغا توپلىغان قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە جاۋاب بېرىشكە 48 سائەت مۆھلەت بەردى. ئەنگلىيە بۇنى رەت قىلدى. 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بور خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى ئەنگلىيە پويىزىنى توسۇپ زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشى پارتلىدى. 

ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ترانسۋال بىلەن ئورېنجتىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاق تۈزدى. جۇغراپىيىلىك شارائىت بىلەن پىششىق تونۇش بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سان جەھەتتە ۋاقتىنچە ئۈستۈن تۇرغان بورلار قوشۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكلىرىگە شىددەت بىلەن بېسىپ كىردى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ كەلگەنلىكى، يەر شارائىتى بىلەن تونۇش بولمىغانلىقى ۋە ئادەم سانى ئاز بولغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پايدىسىز ئورۇندا تۇردى. بولۇپمۇ 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بىر ھەپتە ئىچىدە 2500 كىشىلىك ئەنگلىيە قوشۇنى بور خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. شۇڭا، ئەنە شۇ ھەپتىنى ئەنگلىيەلىكلەر «شۇم ھەپتە» دەپ ئاتاشتى. بىراق، 1900- يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيەنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئادەم سانى تىز كۆپىيىپ 250 مىڭ كىشىگە يېتىپ، بورلار قوشۇنىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن جەڭ ۋەزىيىتى ئەنگلىيەگە پايدىلىق تەرەپكە بۇرالدى. 1900-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ئەسلىدە بور خەلق ئەسكەرلەر قوشۇنىنىڭ قورشاۋىدا قالغان كىمبېرلېي، رېيدشمىس ۋە مافىكىڭلار كەينى-كەينىدىن قورشاۋدىن بوشاندى. ئەنگلىيە ئارمىيەسى تېز سۈرئەتتە بلومفونېتىيىن، جوماننېسبورگ ۋە پرېتورىيىنى ئىشغال قىلدى. 1900-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە ترانسۋائال بىلەن ئورېنجنى يۇتۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بورلار قوشۇنى شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىقىپ، كىچىك-كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، قاتناش لىنىيىلىرىنى بۇزۇپ، ئەنگلىيەنىڭ كىچىك قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ ھەرىي لاۋازىمەتلىكىلىرىنى بۇلىۋېلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىغا ئارام بەرمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورىتىش ئۇرۇشىغا ئايلانغان. نەتىجىدە، ئەنگلىيە تەرەپمۇ، بورلار تەرەپمۇ چارچاپ ھالىدىن كەتتى، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە مالىيە كۈچى چىقىم بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نېگىرلار مەسىلىسىمۇ كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. شۇڭا، شۇڭا، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇشىۋېرىشتىن يالتايدى. 

ئەنگلىيەبور ئۇرۇشى نەتىجىدە، ئەنگلىيە تەرەپمۇ، بورلار تەرەپمۇ چارچاپ ھالىدىن كەتتى، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە مالىيە كۈچى چىقىم بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نېگىرلار مەسىلىسىمۇ كۈنسايىن كەسكىنلەشكەن. شۇڭا، شۇڭا، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇشىۋېرىشتىن يالتايغان. 1902-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى فرېنكىن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىككى بور جۇمھۇرىيىتى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكسى بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە بورلارغا زېمىن ھەققى ئۈچۈن 3 مىليون فوندىستېرلىڭ بەرگەن. ئىككى ئاق تەنلىك ئىرقىي ئايرىمىچى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى نېگىرلارنى بىرلىكتە ئېزىش ئالدىنقى شەرتىدە ئاخىر ئەپلىشىپ قالغان. 1910-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا فدراتسىيەسى رەسمىي قۇرۇلغان.

1902-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى فرېنكىن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىككى بور جۇمھۇرىيىتىئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكسى بولۇپ قالغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#