ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىرىم ئىتالىيەنى قولغا كەلتۈرگەندە بەزى ئىتالىيەلىكلەر «ئىتتىپاقداشلار» بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار رىملىقلار ئۈچۈن يەر-زېمىن ئېلىپ بەرگەن بولسىمۇ، رىمنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى. ئىتالىيەدىكى ئىتتىپاقداشلارغا پۇقرالىق ھوقۇقىنى بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان رىمنىڭ ئاۋام قورۇقچى بېگى روسۇل مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 95-يىلى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن ئىتالىيانلار ئاسكورۇن شەھىرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆرتۈرگەن.
قوزغىلاڭ تېزلا ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە جەنۇبىي قىسىمىنى قاپلىغان. قوزغىلاڭچىلار ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى «ئىتالىيە» («موزاي دۆلىتى» دېگەن مەنىدە) نى قۇرغان. رىمنىڭ ئەندىزىسى بويىچە سىنات (ئاقساقاللار كېڭىشى) تەسىس قىلىغان. ھۆكۈمدار قويغان ۋە ئۆز ئالدىغا مىتال پۇل قويغان. پۇلغا «بۆرىنى چەيلەۋاتقان موزاي» سۈرىتى-ئىتالىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر بۇقىنىڭ رىمنىڭ سىمۋولى بولغان چىشى بۆرىنى كۈچلۈك مۈڭگۈزلىرى بىلەن يەرگە يېقىتىپ، قاتتىق تۇياقلىرى بىلەن چەيلەۋاتقان سۈرىتى ئويۇپ چۈشۈرۈلگەن.
قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى جەنۇپ-شىمال ئۇرۇش رايۇنلىرىدا رىم قوشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك ئېلىشتى، جەڭدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلغان چاغلىرىمۇ، مەغلۇپ بولغان چاغلىرىمۇ بولدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 90-يىلى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى لۇپ باشچىلىقىدىكى رىم قوشۇنى تولىننا دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، لۇپ ۋە 8000 نەپەر سەركەردە-لەشكەر ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ جەستى رىم شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنگەندە، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. رىم سىناتى كىشىلەرنىڭ بۇنداق پاجىئەنى كۆرۈپ، ئەسكەر بولۇپ جەڭ قىلىشنى خالىماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن جەڭدە قازا قىلغانلارنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە دەپنە قىلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. رىم قوشۇنلىرى جەڭ مەيدانلىرىدا تۈزۈكرەك غەلىبە قىلالمىغاچقا، سىنات ھەربىي كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يول قويۇش سىياسىتىنى يولغا قوللىنىپ، رىمغا سادىق ئىتالىيەلىكلەرگە رىم پۇقراسىلىق ھوقۇقىنى بېرىشنى قارار قىلغان. كېيىن يەنە ئىككى ئاي ئىچىدە قورالنى تاشلىغانلىكى ئىتالىيىلىكلەرمۇ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ، دەپ جاكارلىغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن بۇنىڭ بىلەن تېزلا پارچىلانغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 88-يىلى ئاپولىيە قانلىق ئۇرۇشىدا 6000 نەپەر قوزغىلاڭچى سەركەردە-لەشكەر ئۆلگەن. قوزغىلاڭ ئاخىر مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، پارچە-پۇرات ئۇرۇشلار خېلى يىللارغىچە داۋاملىشىپ تۇرغان.
ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشى تارىخى ساتىرىك خاراكتېرىنى ئالغان ئۇرۇش بولغان. قوزغىلاڭچىلار گەرچە جەڭگاھلاردا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن. ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان رىملىقلار پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئىتالىيانلارغا كەڭ تۈردە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئۇرۇش قەدىمكى رىم تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىچە رىم-ئىتالىيە «فېدېراتسىيەسى» دىن پۈتۈن ئىتالىيە بىرلىككە كەلگەن رىم دۆلىتىگە ئايلىنىپ، رىم جۇمھۇرىيىنىڭ ئىمپېرىيەگە ئايلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلانغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.