يېمەكلىك زەمبۇرۇغلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئائىلە تاماق شىرەلىرىدە، دائىم تەمى مەززىلىك گۈمبىمەدەك، خۇشبۇي گۈمبىمەدەككە ئوخشاش يېمەكلىك قىلىشقا بولىدىغان زەمبۇرۇغلارنى يەيمىز. بۇلار مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئىنسانلارغا بېرىۋاتقانلىرىدۇر. 2000 ،3000 يىللارنىڭ ئالدىدىلا، مەملىكىتىمىز خەلقى گۈمبىمەدەكنى ئەتىۋارلىق يېمەكلىك قىلىپ يېگەن ھەمدە ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان زەمبۇرۇغلارنى ئۆستۈرۈشنى خېلى بۇرۇنلا بىلگەن.

يېمەكلىك زەمبۇرۇغلار، ئادەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك زەمبۇرۇغلارنىڭ سپورىلىق مېۋە تەنچىسى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە بايقالغانلىرى350 تۈردىن ئاشىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن گۈمبىمەدەك، ئوتلاق گۈمبىمەدىكى، خۇشبۇي گۈمبىمەدەك، ئاق گۈمبىمەدەك، سۇمۇرغ قۇيرۇقىسىمان گۈمبىمەدەك، نوكچە گۈمبىمەدەك، قارا ساڭراۋ قۇلاق، قارىغاي گۈمبىمەدىكى، بامبۇك گۈمبىمەدىكى، قېرىنسىمان گۈمبىمەدەك، جىگەرسىمان گۈمبىمەدەك قاتارلىقلار بار.

 بۇ يېمەكلىك زەمبۇرۇغلارنىڭ تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى كۆپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، شېكەر، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى مول. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك قىلىشقا بولىدىغان بەزى زەمبۇرۇغلارنىڭ ھايۋان-ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ئىممۇنىتېتلىق رولى ياكى تىزگىنلەش رولى بولىدۇ. ئۇلارئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ ھەمدە مەلۇم مىقداردىكى خولېسترولنى ئېرىتەلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار «ساغلاملىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

دەسلىپىدە، يېمەكلىك قىلىشقا بولىدىغان بۇ زەمبۇرۇغلار تاغ ئورمانلىرىدا، ئوتلاقلاردا، دالا-ئېتىزلاردا ئۆسكەن. نەم ئورمانلىققا كىرىپ، بىر سېسىغان نەم ياغاچنى ياكى بىرقانچە تال سېسىغان غازاڭنى قولىڭىزغا ئالسىڭىز، لوپا ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ئۇلاردىكى نۇرغۇنلىغان يىپسىمان نەرسىلەرنى كۆرەلەيسىز، بۇلار بولسا ئۇلارنىڭ زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىلىرىدۇر. ياخشى يېتىلگەن زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ياغاچ ۋە غازاڭنىڭ توقۇلمىسىغا تېشىپ كىرىپ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. گۈمبىمەدەككە ئوخشاشلارنىڭ زەمبۇرۇغ يىپ تەنچىسىدە چىرايلىق «كىچىك كۈنلۈك» ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ سپورىلىق مېۋە تەنچىسىدۇر. سپورىلىق مېۋە تەنچىسىنىڭ ئۈستى يۈزى تۈز-تەكشى بولىدۇ، ئاستى تەرىپىدە زەمبۇرۇغ قاتلاقلىرى دەپ ئاتىلىدىغان نۇرغۇن نېپىز پەردىلىرى بولىدۇ، ئۇلاردا ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىدىغان سپورا تەختى تاكى تەختلىك سپورىلار ئۆسىدۇ، ئۇلار شامالدا لەيلەپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان جايلارغا بېرىپ ماكانلىشىدۇ. ھازىر كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆسۈش-يېتىلىش خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈپ، كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىدىغان بولدى. 

يۇقىرى دەرىجىلىك زەمبۇرۇغلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدىن دورىلىق زەمبۇرۇغلار سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، بەدەننى تولۇقلاش، بۆرەكنى چىڭىتىش، تالغا مەنپەئەت قىلىش، ئۆپكىنى ياشارتىش، قان توختىتىش رولى بار مىھىرىقۇت؛ مەنپىيلىكنى تولۇقلايدىغان، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، ئۆپكىنى نەمدەيدىغان، باھنى كۈچەيتىدىغان، قان تولۇقلاپ، روھنى ئۇرغىتىدىغان ئاق ساڭراۋ قۇلاق(يىنئېر) ؛ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان، قىزىتمىنى قايتۇرىدىغان، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىق قايتۇرىدىغان پالما مەرىزى قاتارلىقلار بار. يەنە ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئۆسمىنى داۋالاشتا بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان، نېرۋا ئاجىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشقا ئوخشاش سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى داۋالايدىغان مايمۇنباش گۈمبىمەدەك، قان توختىتىش ئۈچۈن سىرتىدىن تاڭىدىغان دورا − يەر توزغىقى قاتارلىقلار بار.

كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان، گۈزەللىكتە كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان زەمبۇرۇغلار چوڭ جەمەتىدە مول بايلىقلار يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولۇپ، ئېچىپ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#