يېف مېيېر

يېف مېيېر

مېيېر 1939-يىلى تۇغۇلغان، فرانسىيە پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن تۇنىستا بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارىژ جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى، پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، پارىژ 9-ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كاچان ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يېف مېيېر
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
كەسپى ماتېماتىك
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伊夫·梅耶尔
تۇغۇلغان ۋاقتى 1939-يىلى تۇغۇلغان
چەتئەلچە نامى Yves Meyer

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېيېر 1939-يىلى تۇغۇلغان، فرانسىيە پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن تۇنىستا بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ 1957-يىلى فرانسىيە پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان ھەمدە 1966-يىلى فرانسىيە سىتراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارىژ جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى، پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، پارىژ 9-ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كاچان ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان.

نورۋېگىيە ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 2017-يىللىق «ئابېل» مۇكاپاتى (Abel prize)نى فرانسىيەلىك ماتېماتىك يېف مېيېر (Yves Meyer) غا بېرىپ، ئۇنىڭ ۋاۋېلېت (wavelet) ماتېماتىكا نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئوينىغا ئاچقۇچلۇق رولىنى تەقدىرلىگەنلىكىنى جاكارلغان.

نورۋېگىيە ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇكاپاتلاش سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى: مېيېر ۋاۋېلېت ئانالىز نەزەرىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەھەتتە «يىراقنى كۆرەر باشلامچى». بۇ نەزەرىيە ماتېماتىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېر ئىلمىنىڭ كېسشكەن نۇقتىسىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان ساھە بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋاۋېلېت ئانالىز تەرەققىياتىنى بىر خىل لوگىكا ئىزچىللىقى، كەڭ دائىرىدە قوللانغىلى بولىدىغان نەزەرىيەگە ئايلانغان.

ۋاۋېلېت ئانالىزى بىر خىل نىسبەتەن يېڭى ئانالىز ئۇسۇلى بولۇپ، ئەينى چاغدا قوللىنىشچان ماتېماتىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىلمىدىكى بىر خىل تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ساھە ئىدى، بۇ كومپيۇتېر گارمونىك ئانالىزى، ئۇچۇر ئانالىزى، سانلىق مەلۇماتلارنى پىرېسلاش، تېببىي تەسۋىر ھاسىل قىلىش، رەقەملىك كىنو، كومپيۇتېرنى تۈرگە ئايرىش ۋە تونۇش، شۇنداقلا يەر تەۋرەشنى چارلاش سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. بۇلتۇر ئامېرىكا لازېرلىق ئىنتېرفېرومېتىرنىڭ تارتىش كۈچى دولقۇن كۆزىتىش سۇپىسى ئىككى قارا ئۆڭكۈرگە سوقۇلغاندا چىقارغان تارتىش كۈچى دولقۇنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىمۇ ۋاۋېلېت ئانالىزى قوللىنىلغان.

ئابېل 19-ئەسىردىكى نورۋېگىيەلىك ماتېماتىك بولۇپ، ئۇنىڭ نامىدىكى نۇرغۇن بايقاشلار دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن. 2002-يىلى ئابېل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى پەيتىدە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى «ئابېل» مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، «نوبېل» مۇكاپاتى تۈرىدە ماتېماتىكا مۇكاپاتىنىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقى تولدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ خەلقئارالىق مۇكاپات كۆزگە كۆرۈنگەن ماتېماتىكلارغا بېرىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى ئالتە مىليون نورۋېگىيە كورۇناسى (تەخمىنەن 710 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)، بۇ مۇكاپات 2003-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىۋاتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#