گالوۋا

گالوۋا پارىژدىن يىراق بولمىغان بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان، ئاتىسى مەكتەپ مۇدىرى بولغان، يەنە خېلى يىللار شەھەر باشلىقى بولغان. گالوۋا ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە باتۇرلۇق بىلەن ھېچنېمىدىن قورقماي ئىلگىرىلەيدۇ. 1823-يىلى 12 ياشقا كىرگەن گالوۋا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، پارىژغا بىلىم ئېلىشقا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گالوۋا
باشقا نامى Évariste Galois
تۇغۇلغان ۋاقتى 1823-يىلى
كەسپى ماتېماتىك
خەنزۇچە ئىسمى 埃瓦里斯特·伽罗瓦
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1832-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گالوۋا1832-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە پارىژدىكى گىلاسېر كۆلىنىڭ يېنىدا بىر ھوشسىز ياش ياتقان بولۇپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دېھقانلار ئوق يارىسىدىن ئۇنىڭ دۇئېلدا ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ناتونۇش ياشنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا ئۇ بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ماتېماتىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش، ئەڭ ئىجادچان كاللا تەپەككۇردىن توختايدۇ. كىشىلەر، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتىنى نەچچە ئون يىل كېچىكتۈردى، دېيىشىدۇ. بۇ ياش ھاياتىدىن ئايرىلغاندا 21 ياشقا توشمىغان گالوۋا (1811-1832) ئىدى. 

گالوۋا پارىژدىن يىراق بولمىغان بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان، ئاتىسى مەكتەپ مۇدىرى بولغان، يەنە خېلى يىللار شەھەر باشلىقى بولغان. گالوۋا ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە باتۇرلۇق بىلەن ھېچنېمىدىن قورقماي ئىلگىرىلەيدۇ. 1823-يىلى 12 ياشقا كىرگەن گالوۋا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، پارىژغا بىلىم ئېلىشقا كېلىدۇ، ئۇ قاتمال دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا قانائەت قىلماي، ئۆزى ئەڭ قىيىن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى تېپىپ تەتقىق قىلىدۇ، بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن زور ياردەم بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا «ماتېماتىكىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر ساھەلەردە خىزمەت قىلىشقىلا باب كېلىدۇ» دەپ باھا بەرگەن. 1828 -يىلى 17 ياشلىق گالوۋا تەڭلىمىلەر نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، «ئورۇن ئالماشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» ئۇقۇمى ۋە ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلگەن تەڭلىمىنىڭ يېشىمىنى تېپىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. گالوۋانىڭ ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتى − «گۇرۇپپا» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۇرۇپپا نەزەرىيىسى ئارقىلىق پۈتكۈل ماتېماتىكىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكى.

گالوۋا 1829-يىلى 5-ئايدا، گالوۋا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە سۇنىدۇ، بىراق بۇ نادىر ئەسەر ئارقا-ئارقىدىن زەربە ۋە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ئاتىسى پوپنىڭ تۆھمىتىگە چىدىماي ئۆلۈۋالىدۇ، ئارقىدىنلا، ئۇنىڭ ياقلىغان دىسسېرتاتسىيەسى ئىخچام ھەم چوڭقۇر مەنىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ، مەشھۇر پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىگە كىرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ دىسسېرتاتسىيىسىگە كەلسەك، بىرىنچى قېتىمدا يېڭى ئۇقۇملار بەك كۆپ ھەم بەك قىسقا دەپ قارىلىپ، قايتا يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى قېتىمقى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنغان ئورىگىنالىمۇ ماقالە تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن دېرەكسىز يوقىلىدۇ؛ 1831-يىلى 1-ئايدا تاپشۇرغان ئۈچىنچى پارچە دىسسېرتاتسىيىسى باھالىغۇچىنىڭ تولۇق چۈشىنەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىنكار قىلىنىدۇ. 

ياش گالوۋا بىر تەرەپتىن ماتېماتىكا ھەقىقىتىگە ئىنتىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي ھەققانىي ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ. 1831-يىلى فرانسىيەدىكى «ئىيۇل ئىنقىلابى» دا گالوۋا ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئاممىنى باشلاپ كوچىغا چىقىپ پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەچكە، بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدە ئۇ ۋابا يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ناچار شارائىتتىمۇ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئۇنى ماقالە قىلىپ پۈتكۈزۈپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلماقچى بولىدۇ. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىمەنە «مۇھەببەت» ماجىراسىغا ئارىلىشىپ قېلىپ، دۇئېلدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. 

گالوۋا ئالەمدىن ئۆتۈپ 16 يىلدىن كېيىن، ئۇ قالدۇرغان 60 بەتلىك ئورىگىنال ئېلان قىلىنىپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۇنىڭ نامى تونۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#