با جىن ئوتتەك قىزغىن ھېسسىياتلىق يازغۇچى. ئۇ ئۆزىنىڭ رومانلىرىدىكى پېرسوناژلىرى بىلەن بىللە ياشايدۇ، كىتابتىكى بەختسىز كىشىلەر بىلەن بىللە ئازابلىنىدۇ، ئالۋاستىلارنىڭ چاڭگىلىدا ئۇلار بىلەن بىللە ئازابلىق جان تالىشىدۇ. ئۇ ئاشۇ سۆيۈملۈك ياش جانلار بىلەن بىللە شادلىنىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە زارلىنىپ يىغلايدۇ، ئۇ ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلىرىغا ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى، ياش ۋە قېنىنى سىڭدۈرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى باجىن
يۇرتى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2005-يىل
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1904-يىل
كەسپى ئەدەبىياتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   با جىن(1904 −2005) سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر فېئودال بيۇروكرات پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا فېئودال ئائىلىنىڭ چىرىكلىكى ۋە فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولغاچقا، ئىلىم-پەن بىلەن دېموكراتىيە، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش يېڭى ئىدىيىسى دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە، ھېكايىنى قورال قىلىپ، نامۇۋاپىق جەمئىيەتكە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. «ھالاك بولۇش»، «يېڭى ھايات» با جىننىڭ ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىككى ئەسىرى، ئۇلاردا بىر توپ ياشنىڭ مىلىتارىستلارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى يېزىپ، ھەقىقانىيەت يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلارنى مەدھىيىلەيدۇ.

با جىننىڭ «ئائىلە، باھار، كۈز» ناملىق رومانلىرى ئۇنىڭغا دۇنياۋى شۆھرەت كەلتۈردى، ئۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ «تېز ئېقىن ترىلوگىيەسى» دەپ ئاتالدى، بەزىلەر ئۇنى ھازىرقى زاماندىكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» دەپ ئاتىدى. چۈنكى روماندا بىر فېئودال ئائىلىنىڭ قات-قېتىدىن بۆسۈلۈپ، ئاخىر ھالاك بولغانلىقى ئارقىلىق جىنايەتكار فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ مۇقەررەر گۇمران بولىدىغانلىقى، دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەت چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. گاۋ جەمەتىنىڭ بايۋەچچىسى جۆخۇي دېموكراتىك ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە، «ئائىلە» نىڭ بىر «تار قەپەس»، «ياشلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋە بەختىنى كۆمىدىغان قەبرە» ئىكەنلىكىنى ئازابلانغان ھالدا ھېس قىلىدۇ. ئۇ گاۋ ھەزرەت كۈتكەندەك ئاقسۆڭەك بولماستىن، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىدىغان ئاكىسىنىمۇ دورىماستىن، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ گاۋ ھەزرەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلىدۇ، ئىلغار ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ژۇرنال چىقىرىپ، ماقالە يېزىپ، فېئوداللىق دەرىجە تۈزۈمىگە ۋە كونا قائىدە-يوسۇنلارغا زەربە بېرىدۇ. ئاخىر فېئوداللىق ئائىلىدىن چىقىپ كېتىپ، باتۇرلۇق بىلەن پارلاق يولغا ماڭىدۇ. «تىز ئېقىن ترىلوگىيەسى» دە يۈزگە يېقىن پېرسوناژ يېزىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە فېئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىنىڭ ۋەكىلى گاۋ ھەزرەت، چوڭلارنى رەنجىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئاجىز، ئەمما ئاق كۆڭۈل جۆشىن، مۇلايىم، ئىتائەتچان، ئۈنچىقماي ئىچىدە دەرد تارتىدىغان مىڭ فېڭ، ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق رۇييۈ، ھاياسىز ئىشرەتپەرەس فېڭ لېشەنلەر بار.

«4-بىمارلار ياتىقى، زىمىستان كېچە، ئارامباغ» لارمۇ ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي جەلپكارلىققا ئىگە ئەسەرلەر، ئۇلاردا كىچىك پېرسوناژلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى يېزىلىپ، ئەينى چاغدىكى زۇلمەتلىك ئىجتىمائىي رېئاللىق ئېچىپ بېرىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئۇششاق پېرسوناژلار ئۈچۈن ئازابلىق نالە قىلىدۇ.

با جىن ئوتتەك قىزغىن ھېسسىياتلىق يازغۇچى. ئۇ ئۆزىنىڭ رومانلىرىدىكى پېرسوناژلىرى بىلەن بىللە ياشايدۇ، كىتابتىكى بەختسىز كىشىلەر بىلەن بىللە ئازابلىنىدۇ، ئالۋاستىلارنىڭ چاڭگىلىدا ئۇلار بىلەن بىللە ئازابلىق جان تالىشىدۇ. ئۇ ئاشۇ سۆيۈملۈك ياش جانلار بىلەن بىللە شادلىنىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە زارلىنىپ يىغلايدۇ، ئۇ ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلىرىغا ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى، ياش ۋە قېنىنى سىڭدۈرىدۇ. با جىن ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن بارلىق جىنايەتلىك ۋە نامۇۋاپىق تۇرمۇشنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىگە تەشنا بولىدۇ.

با جىن(1904 −2005) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر فېئودال بيۇروكرات پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا فېئودال ئائىلىنىڭ چىرىكلىكى ۋە فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولغاچقا، ئىلىم-پەن بىلەن دېموكراتىيە، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش يېڭى ئىدىيىسى دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە، ھېكايىنى قورال قىلىپ، نامۇۋاپىق جەمئىيەتكە جەڭ ئېلان قىلىدۇ. «ھالاك بولۇش» ، «يېڭى ھايات» با جىننىڭ ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىككى ئەسىرى، ئۇلاردا بىر توپ ياشنىڭ مىلىتارىستلارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى يېزىپ، ھەقىقانىيەت يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلارنى مەدھىيىلەيدۇ.

با جىننىڭ «ئائىلە، باھار، كۈز» ناملىق رومانلىرى ئۇنىڭغا دۇنياۋى شۆھرەت كەلتۈردى، ئۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ «تېز ئېقىن ترىلوگىيىسى» دەپ ئاتالدى، بەزىلەر ئۇنى ھازىرقى زاماندىكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» دەپ ئاتىدى. چۈنكى روماندا بىر فېئودال ئائىلىنىڭ قات-قېتىدىن بۆسۈلۈپ، ئاخىر ھالاك بولغانلىقى ئارقىلىق جىنايەتكار فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ مۇقەررەر گۇمران بولىدىغانلىقى، دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ چوقۇم يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەت چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. گاۋ جەمەتىنىڭ بايۋەچچىسى جۆخۇي دېموكراتىك ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە، «ئائىلە» نىڭ بىر «تار قەپەس» ، «ياشلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋە بەختىنى كۆمىدىغان قەبرە» ئىكەنلىكىنى ئازابلانغان ھالدا ھېس قىلىدۇ. ئۇ گاۋ ھەزرەت كۈتكەندەك ئاقسۆڭەك بولماستىن، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىدىغان ئاكىسىنىمۇ دورىماستىن، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ گاۋ ھەزرەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلىدۇ، ئىلغار ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ژۇرنال چىقىرىپ، ماقالە يېزىپ، فېئوداللىق دەرىجە تۈزۈمىگە ۋە كونا قائىدە-يوسۇنلارغا زەربە بېرىدۇ. ئاخىر فېئوداللىق ئائىلىدىن چىقىپ كېتىپ، باتۇرلۇق بىلەن پارلاق يولغا ماڭىدۇ. «تىز ئېقىن ترىلوگىيىسى» دە يۈزگە يېقىن پېرسوناژ يېزىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە فېئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىنىڭ ۋەكىلى گاۋ ھەزرەت، چوڭلارنى رەنجىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئاجىز، ئەمما ئاق كۆڭۈل جۆشىن، مۇلايىم، ئىتائەتچان، ئۈنچىقماي ئىچىدە دەرد تارتىدىغان مىڭ فېڭ، ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق رۇييۈ، ھاياسىز ئىشرەتپەرەس فېڭ لېشەنلەر بار.

«4-بىمارلار ياتىقى، زىمىستان كېچە، ئارامباغ» لارمۇ ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي جەلپكارلىققا ئىگە ئەسەرلەر، ئۇلاردا كىچىك پېرسوناژلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى يېزىلىپ، ئەينى چاغدىكى زۇلمەتلىك ئىجتىمائىي رېئاللىق ئېچىپ بېرىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئۇششاق پېرسوناژلار ئۈچۈن ئازابلىق نالە قىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#