جاۋارىش ئامىلە

جاۋارىش ئامىلە  قارامتۇل جىگەررەڭلىك مەجۇن ،تەمى ئاچچىق بۇلۇپ ئىشتىھانى ئېچىش،يەل ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.

دورا نامى جاۋارىش ئامىلە
خەنزۇچە نامى 开胃加瓦日西阿米勒蜜膏

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاۋارىش ئامىلە  قارامتۇل جىگەررەڭلىك مەجۇن ،تەمى ئاچچىق بۇلۇپىشتىھانى ئېچىش،يەل ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە. جىگەر،ئۆت كېسەللىرى پەيدا قىلىدىغان قۇرساق،ئاشقازان كۆپۈش، ئىشتىھاسىزلىق،ھەزىم ناچارلىقى،ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 

ياسالما شەكلى

مەجۇن

تەركىبى

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى       12g            مەستىكى            15g 

قىزىلگۈل              18g            ئامىلە                90g 

ئوغرى تىكەن            12g            پەرەنجىمىشكى        12g 

تۆمۈر كېپىكى           48g             گاۋزىبان              9g 

تۇرۇنجى پوستى         9 g             ھېلىلە                12g 

دارچىن                  12g             كۈنجۈت مېيى       7.5g 

ئاساسلىق دورىسى

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى

ياسىلىشى

يۇقۇرىدىكى 12 خىل دورىدىن،كۈنجۈت مېيىدىن باشقا 11 خىل دورىنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ،كۈنجۈت مېيى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،مۇۋاپىق مىقداردا چەككىلەنگەن ھەسەل قوشۇپ،يۇغۇرۇپ، 1000g  مەجۇن تەييارلىنىدۇ.

قاچىلىنىش ئۆلچىمى 

 ھەر بىر قۇتىغا 100g  دىن قاچىلىنىدۇ. 

 مىقدارى

 كۈنىگە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 15g ~10g  غىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ساقلاش

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

دورىدىن 30g  ئېلىپ،15g  دىئاتومىد قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،مېنتانولدىن 50ml قوشۇپ،30 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا مېنتانولدىن 1ml قوشۇپ ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز. سىننالدېھىد سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،مېنتانول بىلەن ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا 1mgدىن دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، يۇقۇرىدىكى 2 خىل دورا ئېرىتمىسىدىن 10µl دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (17:3) نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،تاختا ئۈستىگە،دىنىترو بېنزولگىدرازىنو ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا كۈزىتىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دوورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.

بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=647

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#