يالغۇز توغراق كەنتى
يالغۇز توغراق كەنتى يەنە قىزىلتام كەنتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىسى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى بىر مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، شەرق ۋە جەنۇب تەرىپى چۇۋۇقلۇق كەنتى، يانتاقشەھەر كەنتى بىلەن، شىمال ۋە غەرب تەرىپى يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ كەنتلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يالغۇز توغراق كەنتى يەنە قىزىلتام كەنتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىسى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى بىر مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، يېزا بىلەن بولغان ئارلىقى 9 كىلومېتىر، ناھىيە بىلەن ئارلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق ۋە جەنۇب تەرىپى چۇۋۇقلۇق كەنتى، يانتاقشەھەر كەنتى بىلەن، شىمال ۋە غەرب تەرىپى يېڭىمەھەللە بازىرى نىڭ كەنتلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. كەنتنىڭ تارىخى ئۇزۇن، تالانتلىق كىشىلەر كۆپ چىقىدىغان بۇلۇپ، كىشلىرى ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست.
كەنت ئىچىدىكى كارخانىلاردىن يېمەكلىك زاۋۇتى، كىچىك تىپتىكى ماشىنلارنى رېمۇنت قىلىش زاۋۇتى قاتارلىقلار.
كەنت ئىچىدىكى قېزىلما بايلىقلىرىدىن ماگنىي، كۆمۈر، ئاندالۇزىت، مىس پارقىرىقى، خالكوتىسىت، مارجان تاغ جىنسلىرى.
كەنتتىكى ئورۇنلاردىن يالغۇز توغراق كەنت شىپاخانىسى، توغراق كەنتى رادىئو ئۇزېلى، يالغۇز توغراق كەنت كومتېتى، يالغۇز توغراق كەنتى پارتىيە ياچىكىسى، يالغۇز توغراق كەنتى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلار بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.