دىئودون بېلىقى

دىئون بېلىقىنىڭ تېنى قىسقا، يۇمىلاق بولۇپ، سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار. ئىسسىق بەلۋاغ دېڭىز يۈسۈنى ۋە مارجان خادا تاشلىرى ئەتراپىدىكى تۆۋەنكى قەۋەتتە ياشايدۇ، پۈتۈن بەدىنىدە ئۇچلۇق ھەم قاتتىق تىكىنى بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى كىچىك كىرپىگەب اھايىتى ئوخشاپ كىتىدۇ. ئادەتتە بەدىنىدىكى تىكىنى تېنىگە چاپلىشىپ تۇرغاچقا، ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دىئودون بېلىقى
تارقالغان رايونلار : ئۈچ چوڭ ئوكياننىڭ ئىسسىق سۇ دېڭىز رايونى
سىنىپى سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى قىلتىرىقلىق بېلىقلار ئائىلىسى
باشقا نامى پوركۇپىن بېلىقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 刺鲀
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۈركۈمى دەريا دېلىفىنى تۈركۈمى
لاتىنچە نامى Diodontidae

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىئودون بېلىقىتېنى كالتە، يۇمىلاق، بېشى بىلەن تېنىنىڭ تۆپىسى كەڭ ياپىلاق. تەن ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 20-40 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 1-2 كىلوگىرام، قۇيرۇقى قىسقا ۋە كىچىك، يۇمۇلاق ئۇچلۇق. قاسرىقى چوڭ تىكەنلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن، تىكىنى ناھايىتى ئۇزۇن، توم، قىسقا، تۇمشۇقى بىلەن قۇيرۇق ساپىقى يوق. ئاغزى تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا، ئوتتۇرا، كىچىك شەكلى، يۇقىرى - تۆۋەن ئېڭەك چىشلىرى ھەرقايسى بىر ئېزىق چىش تاختىسىغا بىرلىشىپ كەتكەن. كۆزى ئوتتۇراھال چوڭ ياكى سەل چوڭ، يان ئۈستى تەرەپتە. بۇرۇن تۆشۈكى ئىككى ياكى يوق. ساقاق تۆشۈكى كىچىك ھەم قىسقا، يان تەرەپتە؛ كۆكرەك پالاقچىسى يان تەرەپتە؛ قورساق گىرۋىكىگە يېقىن، قۇيرۇق پالاقچىسى يۇمىلاق كېلىدۇ. 

دىئودون بېلىقى دېڭىز يۈسۈنى ۋە مارجان خادا تاشلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان تۆۋەن قاتلامدىكى بېلىق تۈرى. گۆشخور، قاتتىق مارجان، قۇلۇلە، راك، قىسقۇچ پاقا قاتارلىقلارنى يەيدۇ. سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ھەممىسى تىكەنلىرىنى تىكلەپ، ئۆزىنى قوغدايدۇ.

دىئودون بېلىقىئىسسىق مۆتىدىل دېڭىز - ئوكياننىڭ بىرىنچى قەۋىتى. ئۈچ چوڭ ئوكياننىڭ ئىللىق دېڭىز رايۇنىغا كەڭ تارقالغان، دۆلەت ئىچىدە جەنۇبىي دېڭىزغا، دۇڭخەي، خۇاڭخەي دېڭىزى، چەت ئەلدىكى ئاتلانتىك ئوكيان ، ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكيانلارغا تارقالغان. يېمەكلىكى : راك ، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار؛ كۈشەندىسى : لەھەڭ.

[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#