قاراماي شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇكەممەل ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1959-يىلى قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا قاراماي شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا دەپ ئاتالغان. 1961-يىلدىن باشلاپ ھازىرقى ئىسمى قوللىنىلغان. خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ.
مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 51359 كۋادرات مېتىر، 1959-يىلدىن بۇيان 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. «ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى» ، «مەملىكەتلىك قورشاۋ شاھمات نوتىلىرىنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىغا ئەزا ئورۇن» ، «نېفىت سىستېمىسىدىكى مائارىپىتىكى ئىلغار ئورۇن» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن. 1999-يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1596-نەپەر. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 156 نەپەر.
40 نەچچە يىلدىن بۇيان، 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، « پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ئاساس قىلىش، ئوقۇتۇشنى مەركەز، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى باشلامچى قىلىپ، بىر تۈركۈم ئەخلاقى ئالىيجاناب بولۇشنى، كەسىپكە پىششىق يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مەكتەپ قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، دۆلەت تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ لاياقەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 30 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى لايەقەتلىك يېڭى ئوقۇغۇچىلار سانى 4000 دىن ئېشىپ كەتتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.