سوناكشى سىنھا
ھىندىستان كىنوچىلىقىدا يېڭىدىن چاقناۋاتقان ئۈمىدلىك چولپان سوناكشى سىنھا 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھىندىستان كىنوچىلىقىدا يېڭىدىن چاقناۋاتقان ئۈمىدلىك چولپان سوناكشى سىنھا 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى شاترۇخان سىنھا بولۇپ، ئارتىس، قوشۇمچە سىياسىي ئەرباب، ئاپىسىنىڭ ئىسمى پۇنام سىنھا بولۇپ، سوناكشىنىڭ كۇش سىنھا، لۇۋ سىنھا ئىسىملىك ئىككى قېرىندىشى بار. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇر كىنو مەستانىلىرىغا تونۇشلۇق بولغان <<تىمساھ پاجىئەسى>> دېگەن فىلىمدىكى تىمساھ چىشلىۋەتكەن ئايال خوجايىننى فىلىمنىڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇۋالىدىغان ئەر پېرسۇناژنىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ، ئۇ
رول ئالغان باشقا فىلىملەر بىزگە يېتىپ كەلمىگەن. ئاتىسى ھازىر سىياسىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماقتا.
سوناكشى ھازىر ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنو ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئارتىسى ۋە مودېل بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان. ئۇ تۇنجى قېتىم <<بوللىۋود>> نىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى سالمانخان باش رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىمدە ئايال باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم <<بوللىۋود>> كىنولىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ قويۇلغان فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، سوناكشىمۇ <<ئەڭ ئىستىقباللىق ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى ۋە <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. سوناكشىنىڭ كەسپىي ھاياتى مودېللىقتىن باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2008-يىلى ۋە 2009-يىلىدىكى <<لاكمې>> مودا كىيىم ھەپتىلىكىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتى داڭلىق ئارتىس سالمانخان بىلەن رول ئالغان <<قالتىس ساقچى>> ناملىق فىلىم بىلەن باشلانغان. ئۇ كىنودا رول ئېلىشنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھىندىستان <<بوللىۋود>> كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ داڭلىق چولپانلىرىدىن سالمانخان، ئاجەي دېۋگان، ئاكشاي كۇمار، سەيف ئەلىخان، سۇنۇ سۇدې قاتارلىقلار بىلەن بىرگە رولغا چىققان. ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەل ھۆسنى، لاتاپىتى، رول ئېلىشتىكى ماھارىتى، يېقىملىق ئوبرازى كىشىنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدۇ.
سوناكشى سىنھا سوناكشى سىنھا قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا، بىر قاتار شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ 2011-يىلى بىر يىلدىلا <<ئەڭ ئىستىقباللىق
ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس>> مۇكاپاتى، <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى يۇلتۇز>>
مۇكاپاتى، <<كەلگۈسىدىكى ئايال گىگانت چولپان>> مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.