خوشاڭ
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. ئېرىتكەن قۇيرۇق ياغنى قول كۆيگۈدەك قىزىق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇن سېلىپ خېمىرتۇرۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇزسىزراق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق جايدا قويۇلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن، ئېرىتىلگەن سودانى بېرىپ ئىشلەپ، يەنە بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن خېمىرنى يېيىپ نېپىزلىتىپ، قوي يېغى سۈرتۈپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ پىلتە ياساپ، كىچىك-كىچىك زوۋۇلا ئۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
2. دۈمبە ياغنى ئۇزۇن، ئىنچىكە قىلىپ توغراپ، شېكەر كۆك، قىزىل رەڭ، ئېزىلگەن ياڭاق مېغىزى، بانان سۈيى، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئارىلاشتۇرۇپ شېكەرلىك قىيما ياسىلىدۇ.
3. زوۋۇلىنى قول بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىپ، شېكەرلىك قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، ئاستى-ئۈستىدە ئوت بار(ئۈستىنىڭ ئوتى كۈچلۈك) تاۋىنى ياغلاپ، تۈگۈلگەن شېكەر مانتىنى تىزىپ سېلىپ، ياپقۇچنى يېپىپ بەش مىنۇت قويۇپ، بىر قېتىم ئۆرۈپ، چوتكا بىلەن يۈزىگە ياغ سۈركەپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
تۈگۈلگەن شېكەر مانتىنى كىچىك تاۋا ياكى قازانغا ياغ قۇيۇپ، پەس ئوتتا سارغايتىپ، 20-15 مىنۇت پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.