كېۋەز چېچىكى

كېۋەز چېچىكى

 كېۋەز چېچىكىھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلىرى، نېرۋا ئاجىزلىقنى يوق قىلىش، ئەقلى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.



ئۇيغۇرچە نامى كېۋەز چېچىكى
ئەرەبچە نامى زۆھرۇلقۇتنى
ئىنگلىزچە tomentum of upland cotton
تەمى ئازراق پۇرىقى بار، تەمى ئاچچىقراق كېلىدۇ
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 棉花花mian hua hua
پارسچە نامى گۈلى پونبە
ئوردۇچە نامى كىپاس كا پول
ۋاقتى كۈز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ياكى چاتقال كېۋەزنىڭ غوزىلاشتىن بۇرۇن ئېچىلغان چېچىكى.

ئائىلىسى

لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ياكى چاتقال.

چىقىش ئورنى

شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ھىندىستان، مىسىر قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.

شەكلى

قۇرۇتۇلغان گۈلى سېرىق رەڭلىك، گۈل كاسسىسى ئىستاكان شەكىللىك بولىدۇ. گۈل تاج ياپراقچىسى بەش، سېرىق رەڭلىك، ئوتتۇرىسى سۇس بىنەپشە رەڭلىك.

يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلىرى، نېرۋا ئاجىزلىقنى يوق قىلىش، ئەقلى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش 

ئورۇنباسارى

پەرەنجىمىشكى

ئەكىس تەسىرى

توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، بەدىيان يىلتىزى.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

گۈلقەنتى زەھرۇلقۇتنى، شەربىتى زەھرۇل قۇتنى

1. كېۋەز چېچىكى 25 گرام، ئۈستىقۇددۇس، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، سۇنبۇل قاتارلىقلار 10 گرامدىن.  شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2.  كېۋەز چېچىكىدىن گۈلقەنت تەييارلاپ يىسە نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.

مىقدارى

5~15گرام

كۈز پەسلىدە گۈلى ئېچىلىپ تۆكۈلۈشتىن ئىلگىرى يەرگە چۈشۈرمەي يىغىۋېلىنىپ،سايىدا ياكى ئاپتاپ كۆلەڭگۈسىدە قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=281

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#