بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش نىزامى

ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش نىزامى 2010–يىلى 3–ئاينىڭ 31–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2010–يىلى 3–ئاينىڭ 31–كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区安全生产事故隐患排查治理条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2010–يىلى 3–ئاينىڭ 31–كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش نىزامى» 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش ۋە تۈگىتىش، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى (تۆۋەندەھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى دېيىلىدۇ) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ھادىسە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان نەرسىلەرنىڭ خەۋپلىك ھالىتى، ئادەمنىڭ خەتەرلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇقساننى كۆرسىتىدۇ.

ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ئادەتتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ۋە زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى زىيىنى يېنىكرەك، تۈگىتىش ئاسانراق، دەرھال تۈگەتكىلى بولىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىدۇ؛ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى زىيىنى ئېغىرراق، تۈگىتىش قىيىنراق بولغان، ئىشلەپچىقىرىش ۋەتىجارەتنى پۈتۈنلەي توختىتىش ياكى قىسمەن توختىتىش، ئىشلىتىشتىن توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا تۈگەتكىلى بولىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى ياكى تاشقى ئامىل تەسىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى تۈگىتىپ كېتەلمەيدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى كۆرسىتىدۇ.

زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولمىسا، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەرئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىمە چىقىرىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ.

3-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتى قىلىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار (تۆۋەندە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى دېيىلىدۇ) نىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

4-ماددا ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىدە بىخەتەرلىكنى 1-ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىدە ساقلانغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بويىچە نىشانلىق باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە تۈگىتىشىگە ئىشلىتىشى كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، كۆمۈر، ئوت مۇداپىئە، قاتناش، قۇرۇلۇش تارمىقى قاتارلىق ساھە مەسئۇل تارماقلىرى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش،تۈگىتىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق دائىرىسى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ (تۆۋەندە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار دېيىلىدۇ).

7-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا قانۇن بويىچە تەشكىللىشى، ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت ئورۇنلىرى مەدەت بېرىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

2-باب ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈگىتىش

8-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىم-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلارنىڭ مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرلىرى، سورۇنلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، ئەسلىھەلىرى قانۇن، نىزام، قائىدىدە ياكى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرلىرى، سورۇنلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىدىكى خەتەرلىك، زىيانلىق ئامىل ۋە مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كەسىپكارلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

9-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئاساسلىق مەسئۇلدىن كەسىپكارلارغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى دەرىجىمۇ-دەرىجە ئورنىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بايقالغان ۋاقىت، بايقىغان ئادەم، خەۋپ بار ئورۇن ياكى سورۇن، خەۋپ سانى، دەرىجىسى، تۈرى شۇنىڭدەك يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشتىكى جاۋابكار، تەدبىر، مەبلەغ، مۆھلەت قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى توغرا خاتىرىلەپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇندىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھەر پەسىلنىڭ 2-خىزمەت ھەپتىسى ئاخىرلىشىشىتىن بۇرۇن ئالدىنقى پەسىللىك ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئىستاتىستىكا جەدۋىلىنى شۇ جايدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار ناھىيە دەرىجىلىك تارماققا يوللىشى كېرەك.

تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خاتىرىسىنى ئارخىپباشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە ساقلاش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

10-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىشتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ ئورۇننىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس ۋە قوشۇمچە باشقۇرغۇچىلار شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە شۇ ئورۇندىكى خادىملارنىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس باشقۇرغۇچىلار رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىق، رويخەتكە ئېلىنغان ياردەمچى بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتىگە ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە قانۇن بويىچە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قوشۇمچە باشقۇرغۇچىلار مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.

11-ماددا كەسىپكارلار ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغاندا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ جىسمانىي بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، مەشغۇلاتنى توختىتىشقا ياكى قوللىنالايدىغان جىددىي تەدبىرنى قوللانغاندىن كېيىن مەشغۇلات سورۇنىدىن ئايرىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ سېخ، ئىسمېنا گۇرۇپپىلىرىدىكى بىخەتەرلىك ساقلىغۇچىلىرىدىن كۈندىلىك بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشتە ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغانلىرى خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا تۈگىتەلمەيدىغانلىرى بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

12-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىشكە كېرەكلىك مەبلەغكە كاپالەتلىك قىلىشى، مەبلەغنى مەخسۇس ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش مەبلىغىنى مۇنۇلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ:

(1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىئۆزگەرتىش؛

(2) بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى، كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ياكى يېڭىلاش؛

(3) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىلغار، ياراملىق تېخنىكىنى كېڭەيتىش؛

(4) ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇملىرىنى سەپلەش؛

(5) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتى ۋە تەلىم-تەربىيەسى؛

(6) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىشكە كېرەكلىك باشقا خىراجەت.

ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش مەبلىغى ئەمەلىي سومما بويىچە ھېسابلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەننەرخىگە كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە باج قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىنىدۇ.

13-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئادەتتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئالاقىدار خادىملارنى تەشكىللەپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، تۈگىتىشى كېرەك.

14-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئۆزلىرى تېپىپ چىققان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى، يوشۇرماسلىقى، يالغان مەلۇم قىلماسلىقى ياكى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك.

زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ھەققىدىكى دوكلاتتا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە پەيدا بولۇش سەۋەبى؛

(2) يوشۇرۇن خەۋپ زىيىنىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاسان، قىيىنلىق دەرىجىسى ھەققىدىكى تەھلىل؛

(3) يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش لايىھەسى.

15-ماددا زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئالاقىدار خادىملارنى تەشكىللەپ تۈگىتىش لايىھىسىنى ۋاقتىدا تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى تۈگىتىشى، تۈگىتىش لايىھەسىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ تەسىر دائىرىسى، دەرىجىسى؛

(2) تۈگىتىش نىشانى، ۋەزىپىسى، ۋاقىت چېكى؛

(3) قوللىنىدىغان ئۇسۇل، تەدبىرلەر؛

(4) تۈگىتىش مەبلىغىنىڭ ۋە ئەشياسىنىڭ مەنبەسى،كاپالەت تەدبىرى؛

(5) تۈگىتىشكە مەسئۇل ئاپپارات ۋە خادىملار؛

(6) بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى ھەم جىددىي لايىھەسى.

16-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى يوشۇرۇن خەۋپ بار جاي ۋە سورۇنغا ئاگاھ تاختىسى ياكى بەلگىسى ئورنىتىشى؛ ئەتراپتىكى ئورۇن ۋە كىشىلەرگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىدىن ئۇلارنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

17-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ،تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىگە ئىشەنچلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەمدە ئۇنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى، تۈگىتىشى كېرەك.

18-ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئىزلاپ كۆزىتىشى؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى تاشقى ئامىل پەيدا قىلغان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۆزلىرى تۈگىتەلمىگەندە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا مەلۇم قىلىشى، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

19-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا، تۈگىتىش ئەھۋالىنى باھالاپ، باھالاش دوكلاتى يېزىشى ھەمدە باھالاش دوكلاتىنى شۇ جايدىكى ناھىيە (شەھەر) نىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەتقىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.

رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرى قويۇلغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى باھالاشقا مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللىسە بولىدۇ؛ باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى باھالاپ بېرىشنى مۇناسىپ ساپاسى بار كەسىپ-تېخنىكا ئورنىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

20-ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش ئەھۋالى ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەشكىللىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مۇلازىمەت تۈرىنى ۋاقتىنچە قوبۇل قىلماسلىقى ۋە تەستىقلىماسلىقى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىش تەدبىرى ياكى ئالاقىدار سورۇن، ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشنى توختىتىش تەدبىرى قوللانغانلىرى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ۋە ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىپ داۋاملىق تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سالغان بولسىمۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىيالمىغانلىرىنى قانۇن بويىچە تاقىۋېتىش كېرەك.

21-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلانمىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىنى ھۆددە بەرسە ياكى ئىجارە بەرسە بولمايدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىنى ھۆددە ياكى ئىجارە بېرىشتە، ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ساپاسىنى تەكشۈرۈشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ياكى مۇناسىپ ساپا يوق ئورۇن، شەخسكە ھۆددە، ئىجارە بەرمەسلىكى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇننىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىدە بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشى ياكى ھۆددە، ئىجارە توختامىدا مەخسۇس ماددا كىرگۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

22-ماددا قەرەللىك بازار ئاچقۇچىلار ياكى تىجارەت سورۇنىنى باشقۇرغۇچىلار ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىشتىكى 1-جاۋابكار بولۇپ، بازارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، تىجارەتچىلەر بىلەن ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش جاۋابكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش خىزمىتىنى قەرەللىكتەشكىللىشى كېرەك.

بىر ئىمارەتنى ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن باشقۇرۇۋاتقان ياكىئىشلىتىۋاتقان بولسا، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش جاۋابكارلىقىنى ھەر قايسىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئوپچە قىسمىنى ئالاقىدار تارماق باشقۇرىدىغان ئادەم بېكىتىپ بىر تۇتاش باشقۇرۇشى ھەمدە ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش جاۋابكارلىقىنى كېلىشىم بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

23-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان ئىمارەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىشتە، ئىگىدار ياكى ئىشلەتكۈچىلەر ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئۆتىشى ھەمدە باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن ئىمارەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاپ بېرىشنى مۇناسىپ ساپاسى بار كەسىپ-تېخنىكا ئورنىغا ھاۋالە قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە يەتكەندە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىشى كېرەك.

بىخەتەرلىكنى باھالاش دوكلاتى شۇ جايدىكى ناھىيەدەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقىغايوللىنىدۇ.

3-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

24-ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق مۇۋاپىق پەيتتە ئارىلاپ تەكشۈرۈش، قەرەللىك تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھۆكۈمەتنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىدە، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇننىڭ ۋەزىپىسى، تەدبىرى ۋە ۋاقىت چېكى شۇنىڭدەك بىر تەرەپ قىلىشقا باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان تارماق ۋە ماسلىشىدىغان تارماقنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىدە جاۋابكار ئورۇننى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەۋپنى تەكشۈرىدىغان، تۈگىتىدىغان ئالاقىدار تارماقنى بېكىتىدۇ.

25-ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئادەتتىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا،تىزىملىشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئۇنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك؛ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى مۇشۇ نىزامنىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈگىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش مەبلىغىنى بېكىتىلگەن ئىسچوتقا يۆتكەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، خەۋپنى تۈگىتىشنى مۇناسىپ ساپاغا ئىگە كەسىپ-تېخنىكا ئورنىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئەھۋالىنى ھەر پەسىلدە ئىستاتىستىكا قىلىپ تەھلىل قىلىشى كېرەك. ئىستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى ۋە تەھلىل دوكلاتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلىرىغا دەرىجىمۇ-دەرىجە يوللىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلىرى ئۇچۇرنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا ماتېرىيالى ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىشى كېرەك.

27-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا ھەر يىلى دوكلات قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

28-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ۋاقتىدا ئېنىقلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى، پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلىشى كېرەك.

29-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقى ئېلان چىقىرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش شەكلى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش جەھەتتىكى تەشۋىق تەربىيەنى ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

4-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

30-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

(1) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش، شۇنىڭدەك مەبلەغ ئىشلىتىشتە مەخسۇس تۈزۈم ئورناتمىغانلار؛

(2) ئەتراپتىكى ئورۇن ۋە كىشىلەرنى خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرمىگەنلەر؛

(3) زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىشكە دائىر ئىستاتىستىكا جەدۋىلىنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

31-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئاساسلىق مەسئۇلىغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ:

(1) زور ھادىسە يوشۇرۇش خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش لايىھەسىنى تۈزمىگەن ياكى يولغا قويمىغانلار؛

(3) زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغانلار؛ 

(4) زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەكشۈرۈتمەي ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىشلىتىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگەنلەر؛

(5) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان ئىمارەتنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلەتكەنلەر، بىخەتەرلىكنى باھالاتماي ياكى باھالاشتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە يەتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر.

32-ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلانمىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى ھۆددە ياكى ئىجارە بەرگەن ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىنى مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساپاسىنى ھازىرلىمىغان ئورۇن ۋە شەخسكە ھۆددە ياكى ئىجارە بەرگەنلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

33-ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلاردىن مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋەتەرتىپ بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) بايقالغان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرتەرەپ قىلىشقا ۋاقتىدا بۇيرۇمىغانلار؛

(2) زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتكەن-تۈگەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى قانۇن بويىچە تەشكىللىمىگەنلەر؛

(3) زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىگە دائىر پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ۋاقتىدا ئېنىقلىمىغان ۋە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(4) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

34-ماددا بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇق دائىرىسىدە بېرىدۇ.

بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

5-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

35-ماددا ئورگان، تەشكىلات شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار بىخەتەرلىك ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىشتە بۇ نىزامدىن پايدىلىنىدۇ.

36-ماددا بۇ نىزام 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[1]

  


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553682_8.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#